- تىزىملاتقان
- 2011-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- تېما
- 81
- يازما
- 97
 
- يوقلىما
- 36
قىزغىنلىق- 226 سەر
تىللا- 201 دانە
تۆھپە- 139 سەر
شۆھرەت- 201 سەر
        
| كالتەك كۆتۈرگەن زەڭگى بالا [ئامېرىكا] R. رېت
ئاشۇ كەچتە ئانام ماڭا: - ئوغلۇم بۇنىڭدىن كېيىن دوكاندىن ئۆزۈڭ نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىشنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك،- دېدى ھەمدە يېتىلەپ چىقىپ، چوڭ كوچىغا قايرىلىدىغان يەردىكى مىلچ مال دوكىنىنى ئايلاندۇرۇپ، قانداق مېڭىشنى ئەستە ساقلىشىمنى جېكىلىدى. ئانام بىلەن كېتىۋېتىپ قاتتىق ھاياجانلاندىم، ئۆزۈمنى بىردىنلا چوڭ بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدىم. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن، مەن سېۋەت كۆتۈرۈپ، پىيادىلەر يولى بىلەن ھېلىقى دوكانغا نەرسە- كېرەك سېتىۋالغىلى ماڭدىم. چوڭ كوچىدىن قايرىلدىغان يەرگە كەلگەندە تويۇقسىز بىر توپ كوچا لۈكچىكى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، مېنى ئورىۋېلىشتى. بىرسى ياقامدىن تۇتۇپ يەرگە باستى، سېۋتىمنى ئېلىۋېلىشتى، پۇلۇمنىمۇ بۇلىۋېلىشتى، ئۆيگە ئۆڭسۆلۈم يوق قايتتىم. كېلىپلا بولغان ئىشلارنى ئانامغا ئېيتتىم. ئانام ئۈندىمەي، ئولتۇرۇپ نەرسە-كېرەكلەرنىڭ تېزىملىكىنى قايتا يېزىپ، كۆپرەك پۇل بىلەن قولۇمغا تۇتقۇزۇپ، ھېلىقى دوكانغا يەنە بۇيرىدى. بىرسى سۆرىگەندەك مېڭىپ كوچىغا چىقتىم. قارىسام ھېلىقى قۇلاقكەستىلەر كوچىنى بېشىغا كىيىپ قىيا-چىيا قىلىشقىلى تۇرۇپتۇ. ئۇلارنى كۆرۈپ، بۇرۇلۇپلا ئۆيگە قاراپ تىكىۋەتتىم. -يەنە نېمە بولدى؟- سورىدى ئانام. - بايىقى لۈكچەكلەر يەنە تۇرىشىدۇ،- دېدىم كېكەچلەپ،- مېنى يەنە ئۇرىدۇ ئۇلار. - ئۇلارغا ئۆزۈڭ تاقابىل تۇر دېدىمغۇ ساڭا،- دېدى ئانام چىرايىنى ئۆزگەرتمەي،- ماڭ بارغىن. - قورقىدىكەنمەن،- ئۆتۈمدۈم. -بارغىن، ئۇلار بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. ئۆيدىن چىقىپ كوچا بويلاپ يەنە ئاشۇ دوكانغا قاراپ ماڭدىم. ئۇلار مېنى يەنە كۆرۈپ قالدى. ئارىسىدىن بىرسى ۋارقىرىدى: - قاراڭلار بايقى زەڭگى تاز! قۇلاقكەستى گۇيلار ماڭا قاراپ يەنە يۇپۇرۇلۇپ كەلدى. بۇرۇلۇپلا پىكىدەك قاچتىم. يىغلىدىم، نالە قىلدىم، يېلىندىم، بار كۈچۈم بىلەن قاچتىم، بىراق ئۇلار ماڭا يىتىشىۋېلىپ، يەنە دۇمبالاپ كەتتى. ئۇلار قولۇمدىكى پۇلنى تارتىۋالدى، شاپىلاق بىلەن تازا سالدى، ئۆيگە يەنە يىغلاپ قايتتىم. ئانام بىلەن بوسۇغىدىلا ئۇچرىشىپ قالدىم. -ئۇلار مېنى... مېنى...يەنە ئۇردى،-يىغلاپ تۇرۇپ ئاران شۇ گەپنى قىلالىدىم،- پۇلنىمۇ بۇلا... بۇلاپ... بۇلاپ كەتتى. مەن «ئۆي» دىن ئىبارەت بۇ پاناھگاھقا بالدۇرراق كىرىۋېلىشنىلا ئويلايتتىم. شۇڭلاشقا، ئالدىراپلا پەلەمپەيگە قەدەم قويۇشۇمغا ئانام: - كىرمە،-دېدى ئاگاھلاندۇرۇپ. ئانام ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنەتتى. قورقۇپ كەينىمگە داجىپ، ئۇنىڭغا قارىدىم، كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى. -ئۇلار مېنى قوغلاپ ئۇرۇپ كىتىۋاتسا،- دېدىم يىغلاپ. - ئەمىسە ئاشۇنداق تۇرىۋەر،- دېدى ئانام غەزەپ بىلەن ۋارقىراپ،- بۈگۈن مەن ساڭا قورقماسلىقنى، يەنە ئۆزۈڭنى قوغداشنى ئۆگەتمىسەم قاراپ تۇر ھە! ئانام بىرنېمىلەرنى دېگەچ ئۆيگە ماڭدى. مەن قورقۇپ ئانامغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. بىردەمدىن كېيىن ئانام بايىقىدىنمۇ كۆپ پۇل ۋە نەرسە-كېرەك تېزىملىكىنى ئېلىپ چىقتى، قولىدا بىر كالتەكمۇ تۇراتتى. -ئالە پۇلنى، ماۋۇ تېزىملىك، ما كالتەكنىمۇ ئېلىۋالغىن. بارغىن ئەمدى دوكانغا بېرىپ لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلگىن. ئانامغا ھەيرانلىق نەزىرىم بىلەن قارىدىم. ئانام ئەزەلدىن ماڭا سوقۇشۇش دېگەنلەرنى دېمەيتتى. - بىراق، قورقىمەن. - نەرسىلەرنى ئەكىلەلمىسەڭ ئۆيگە كىرگۈچى بولما. - ئۇلار يەنە بوزەك قىلىدۇ مېنى. -ئەمىسە ئاشۇنداق تۇر تالادا. مەن يۈگۈرۈپ پەلەمپەيدىن چىقىشىمغا ئانام ئىڭىكىمگە شاپىلاق بىلەن بىرنى سېلىپ، ئىشىكنى يۈزۈمگىلا ياپتى. تالادا قالدىم. -جېنىم ئانىكا ئەتە ئەكەلسەم بولمامدۇ ھە؟ -ياق، ھازىرلا بارىسەن، قۇرۇق قول قايتىپ كەلسەڭ ئەدىۋىڭنى يەيسەن ئۇقتۇڭمۇ؟ بىلىمەن، قۇلاقكەستى ئەبلەخلەر بايىقى يەردە يەنە بار. نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي مەڭدەپ قالدىم. ئىككىلا يول بار، بىرسى قايتىشىم كېرەك. ئۇنداق قىلسام ئانام ئەدىبىمنى بېرىدۇ، يەنە بىرسى دوكانغا بېرىپ نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىشىم كېرەك. دوكانغا بارسام، ئاشۇ كوچا لۈكچەكلىرى بىلەن بىر قەپەس ئېلىشىشىم، قولۇمدىكى كالتەكنى ئوينىتىپ كىمنىڭ نوچىلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشۇم مۇمكىن. مەن بىر قارارغا كېلىپ، پىيادىلەر يولىنى بويلاپ دوكانغا قاراپ ماڭدىم. قايرىلىدىغان يەرگە كەلگەندە ھېلىقىلار بىلەن ئۇدۇل كېلىپ قالدىم. -زەڭگى تاز يەنە كەلدىڭما،- بىرسى مېنى مەسخىرە قىلىپ ئالدىمغا كېلىپ قولۇمدىن تۇتۇشقا ئۇرۇندى. - ۋۇ ئاناڭنى ھاراملىقلار كېلىشە!- شۇنداق دەپ توۋلىغىنىمچە قولۇمدىكى كالتەكنى بولۇشىغا شىلتىدىم، ئالدىمدىكى بىرسى پوكلا چۈشتى. كۆزۈم ھېچنېمنى كۆرمىدى، پۈتۈن كۈچۈمنى، غەزىپىمنى قولۇمغا يىغىپ كالتەك بىلەن ئۇدۇل كەلگەنچىسىنى سالغىلى تۇردۇم. ئۇلار ئاللا توۋا قىلىشىپ تۆشۈكىنى تاپالمىغان چاشقاندەك پىتراپ كېتىشتى. ئۇلارنىڭ بايا مېنى بۇزەك قىلغاندىكى مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمدىن بىربىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. يەنە غەزىپىمگە پايلىماي بار كۈچۈم بىلەن كالتەك چۆرۈشكە باشلىدىم. بىردەملىك سوقۇشۇشتىن كېيىن، لۈكچەكلەر قۇيرىقىنى خادا قىلىشتى. بۇ كوچىدىكىلەر بۇنداق غەزەپلىك زەڭگى بالىنى كۆرۈپ باقمىغان بولسا كېرەك، بىر لۈكچەك ماڭا چەكچىيىپ قاراپلا قالغان ئىدى. مەن كالتەكنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارنى بولۇشىغا تىللىدىم، قوغلاپ يۈرۈپ ھەممىسىنى ئۆيلىرىگە سولىۋەتتىم. بىردەمدىن كېيىن، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ھەيران بولغان ھېلىقى چوتقېرىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئۆيلىرىدىن چىقىشقا باشلىدى. ئۇلار ئەمدى ماڭا ھەيۋە قىلىدىغاندەكلا بىلىنىپ كەتتى. غەيرەتكە كېلىپ ئۇلارغا قاراپ قاتتىق ۋارقىرىدىم. چوڭلارنىڭ ئالدىدا تۇنجى قېتىم ۋارقىرىشىم ئىدى. - بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىڭلار مېنى يەنە مۇشۇنداق بوزەك قىلىدىغان بولسا كالتىكىمنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويىمەن، بىلدىڭلارمۇ؟ مەن ئاخىرى دوكاندىن نەرسىلەرنى ئېلىپ ئۆيگە قايتتىم. قولۇمدىكى كالتەكنى چىڭ تۇتۇپ ماڭدىم. يولدا لۈكچەلەرنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئاشۇ كۈنى ئاخشامدىن باشلاپ، مەن ئامېرىكىنىڭ مېمفس شەھرىدە ئەركىن ماڭىدىغان ھوقۇقنى قولغا كەلتۈردۈم.
(مەنبە: ئوقۇرمەنلەر ژورنىلىنىڭ 2002-يىللىق 2-سانىدىن ئاغدۇرۇلدى) |
|