پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 1050 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 89|ئىنكاس: 0

كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ[ئۇلانما كۆچۈرۈش]تەلەي +1

Rank: 8Rank: 8

يوقلىما
36
قىزغىنلىق
226 سەر
تىللا
201 دانە
تۆھپە
139 سەر
شۆھرەت
201 سەر

مۇنبەر باشلىقىتىرىشچان ئەزانەمۇنىلىك ئەزامائارىپچىبايقاش باتۇرىكومپىيۇتىر ماھىرىبايقاش قوغدىغۇچىسىOffice ماھىرىبايقاش قىزىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-28 21:37:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ



مەرھۇم مۇختار قادىر ھونزادە

كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇبىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنىبارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقا بولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش  - يېزىلىپ بولغان تارىخ، رېئاللىق  - يېزىلىۋاتقان تارىخ.


.........................

ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس ئۆتمۈشى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىنباشلاپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تارىخ پەنلىرى بىرمىللەت، بىر رايون ياكى بىرەر ئائىلىگە نىسبەتەن كەم بولسا بولمايدىغان نۇرلۇق ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىپ كەلمەكتە. كىمنىڭ ياكى قەيەرنىڭ بولۇشىدىن، كىمگە ياكىنېمىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ تارىخلا بولىدىكەن، ئۆزىگە تۇشلۇق ئارزۇ - ئارمانلارنى مۇجەسسەملىگەن ئەپسانە - رىۋايەتلىرى، قان - ياشلىق ھايات ئۇلانمىلىرىنىڭ پولاتتەك پاكىتلىرى ھەم مۇشۇ پاكىتلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىدىيە - مۇلاھىزىلىرى بىلەن مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ئۇلغايتىپ ھەم نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنىڭيۈزىنى يورۇق، كۆزىنى ئوچۇق، يولىنى دۇرۇس قىلىدۇ. بىر مىللەت، بىر دۆلەتكەنىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ھالاكەتكە يۈزلىنىش ھېسابلانسا، بىر ئائىلە، بىر ئادەمگەنىسبەتەن، تارىخنى ئۇنتۇش ئاسىيلىق - كۇپۇرلۇقتىن دېرەك بېرىدۇ. تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرگىنىمىزدە، يۇقىرىقى يەكۈننى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلىپلا قالماستىن، بەلكى كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، جاھاندا بولغان ۋە بولۇۋاتقان ئىشلارنىڭ شۇنچە كۆپ، شۇنچە ئەھمىيەتلىك، شۇنچە جەلپكار ئىكەنلىكىدىن ھەيران قالىمىز. بەلكىم، نۇرغۇن زامانلاردىن بۇيان ئۆز تارىخىنى ئۆزى يوقىتىپ كېلىۋاتقان نادان خەلقلەر ئۈچۈن كۆزىنى ئېچىش تېخىمۇ مۇھىم بولسا كېرەك.
دۇنيا تارىخى چوڭ - كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي تارىخى بولسىمۇ، ئەزەلدىن تارتىپھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ يازما - قېزىلمىلىرى ئارقىلىق نامايان بولۇپ كەلدى ھەم شۇخىل مىللەتلەرنىڭ ساقلاش، رەتلەش، كۆزىتىش، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ئەنئەنىسىئاساسىدا دۆلەت بىرلىكى، مىللەت ئىپتىخارلىقى سۈپىتىدە جەمئىيەت تەرەققىياتىغاتەسىر كۆرسىتىپ تۇردى. تارىخنىڭ يېڭى بەتلىرىدىن ئورۇن ئالالمىغان بەزى مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشى بىر تەرەپتىن سىياسىي، جۇغراپىيىلىكئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆز ۋۇجۇدىدىكى پسىخىك ئامىللار سەۋەبىدىن جۈملىدىن تارىخنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئاڭ ۋە مەدەنىيەتنىڭيېتەرسىزلىكىدىن بولدى. تارىخنىڭ ئۆزى شەپقەتسىز، ئۇنىڭ شاللاش ئوبيېكتلىرى ئوخشاشمىغان ماكان ۋە زاماندا ئوخشاشمىغان ھالەت ۋە قىياپەتتە شەكىللىنىپ تۇرىدۇ. ئىلگىرى پارلاق تارىخقا ئىگە بولغان بەزى ماكان ۋە ئاۋاملار كېيىنچە ئۇنىڭدىنمەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئانچە كۆزگە چېلىقمىغان بەزى رايون ياكى خەلقلەر بىردىنلا ئۇتۇق قازىنىپ، دۇنياۋى مىللەتلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل رېئاللىقتىن قارىغاندا، تارىخ ئارقىلىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، تارىخئارقىلىق ئەۋلاد تەربىيىلەش، تارىخ ئارقىلىق رېئاللىقنىڭ ئەڭ يېڭى تەپەككۇر يولىنىئىزدەش، ياشاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغان زامانىۋى مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر.
تارىخقا ھۆرمەت قىلىش  - بىر خىل ئىلمىي پەزىلەت. تارىخقا توغرا باھا بېرىش  - بىر خىل تەپەككۇر پائالىيىتى بولۇپلا قالماستىن، ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنى ياقلاش پائالىيىتى. ئېلىمىز جۇڭگو قەدىمكى دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تۆت چوڭ بۆشۈكىدىن بىرى. ئۇيغۇر مىللىتى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭمۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرەپلىك مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگەمىللەتلەرنىڭ بىرسى. ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم مەركەزلەرنىڭ بىرى بولغان تارىمئويمانلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولماقتا، تارىمدىكىتارىخىي تىندۇرمىلار ئېچىلىش ئالدىدىكى مۇزېيغا ئوخشايدۇ.
نىھايەت، تارىخقا ئەھمىيەت بېرىش بىزدە تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ھامىلە. ئاز ساندىكىنەشر بۇيۇملىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، زىيالىيلىرىمىزئارىسىدا تارىخ ئوقۇيدىغانلار ياكى تارىخ ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىدىغانلار نەچچە يۈز نەپەردىن ئاشمىسا كېرەك. نەچچە يۈز نەپەر كادىر - خىزمەتچى توپى ئارىسىدىن تارىختەتقىقاتىغا ئائىت ژۇرنال ياكى كىتاب تېپىلمايدۇ. دەرسلىكلەردىكى مىللەت تارىخىغائائىت ئاز - تولا بايانلاردىن ھالقىپ، بايقاپ ۋە كۆزىتىپ، بەلگىلىك خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ساناقلىقلا. يېقىندا بىر نەپەر باشقارما دەرىجىلىككادىرنىڭ ئۆزىدىن يىگىرمە نەچچە ياش كىچىك بىر ستودېنتقا سۆزلەۋاتقان پارىڭىنىئاڭلاپ قالدىم. ئۇنىڭ «چۈشەندۈرۈشى»چە، ئۇيغۇرلارنىڭ پەننىي مائارىپى يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە بارلىققا كەلگەن مائارىپكەن. ئۇيغۇر دېھقانلار ئوچاق سېلىشنىبىلمىگەنلىكتىن، ھازىرغىچە كۆمەچ نان پىشۇرۇپ يەيدىكەن. بۇنى ئۇ يېزىلارغامۇقىملىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ بارغاندا ھېس قىلىپتۇ … ياندا تۇرۇپ ئاڭلاۋېتىپ، بۇخىل تېتىقسىز تونۇشتۇرۇشنى دەۋاتقان ئادەمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن گۇمانلاندىم. ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشلۇقى بولمىغان بۇ بايقۇشنىڭ تىلىنىكېسىۋەتكۈم كەلدى. ئېھتىمال، باشقا كىشىلەر ئۇنداق ئەمەستۇ، تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ۋە مۇناسىۋەتنى توغرا چۈشىنىدىغاندۇ ھەم توغرا چۈشەندەرەلەيدىغاندۇ. ئالىي مائارىپ تەربىيىسى تۇرماق، ئادەتتىكىمائارىپ تەربىيىسى، ھېچبولمىسا ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغان ھەرقانداق بىر ئادەم بىلىدىغان بۇ ھەقىقەت ئۇنىڭغا نېمىشقا تەسىر كۆرسەتمىدىكىنە؟
بۇ ئادەم ھەققىدە ھەسرەت چېكىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا تارىخىمىزدىكى سەلبىيتەكرارلىنىشلارنى ئەسلەپ قالدىم. گەرچە تارىخ تەكرارلانمايدىغان ھەقىقەت بولسىمۇ، تارىخىي ھادىسىلەر ياخشى تەتقىق قىلىنمىسا ياكى ئۇنىڭدىن تېگىشلىك خۇلاسەچىقىرىلمىسا، سەلبىي ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرگەن زىيىنى ئاز ئەمەس. تارىختىكىمۇسۇلمانلار بىلەن خىرىستىئانلارنىڭ سوغۇق مۇناسىۋىتى ئۆتكەن ئەسىردە سابىق سوۋېتئىتتىپاقىنى مەركەز قىلغان پرولېتارلار بىلەن غەرب بۇرژۇئازىيىسىنىڭ مۇناسىۋىتىدە تەكرارلاندى. ئەينى ۋاقىتتا، سوۋېت سوتسىيالىزمىنىڭ ئارزۇ - ئارمانلىرى گۈزەل، نىشانى پارلاق بولسىمۇ، چېكىدىن ئاشقان سولچىل سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكتىن، سائادەت مەنزىلىگە يېتەلمەي، جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. بۇ سەھنىدە ئوينالغان قاباھەتلىك ئويۇننىڭ كۆلەڭگۈسى كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئېتىپ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىكنى كۈچەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ قىلىقلىرى مەملىكىتىمىز جۇڭگودا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئاتالمىسى بىلەن تەكرارلىنىپ، نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ بېشىغا چىقتى. ئېلىمىز تارىخىدا سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى دەيدىغان بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بولغانلىقى دەرسلىكلەردىن ئايان. ئەنە شۇ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقائالدىراپ كەتكەن فېئودال بەگ - سىپاھلار چاپارمەنلىرىگە »ياغلىقىنى ئېلىپ كېلىش» دەيدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرغاندا، قېنى قىزىپ كەتكەن چاپارمەنلەر ئۇلارنىڭبېشىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاللىقاچان تەييارلاپ قويۇلغان ئىنئام - تارتۇقلارغائېرىشكەن. ئىگىسىدىن ئىنئام ئالىدىغان بۇ ئادەت ئىككى مىڭ يىل مابەينىدە «ياغلىقىنى ئېلىپ كەل دېسە، بېشىنى كېسىپ كەپتۇ» دېگەن داڭلىق تەمسىلگە ئايلانغان. ئاتالمىش «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى خاتالىقلارنى پارتىيىمىز ۋە ھۆكۈمىتىمىزتۈزەتتى، ئەلۋەتتە. لېكىن شۇ مەزگىلدە ئۆگەنگەن سولچىل نەزەرىيە بىر قىسىمكىشىلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەچكە، بەزىدە يەنىلا تارىخىيھادىسىلەرنىڭ تەكرارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئىقتىساد تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكىكۈندە، بەزى ئىشلارنىڭ تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقانلىقى كىشىنىخاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ. «دوپپىسىنى ئەكەل دېسە، بېشىنى ئەكەپتۇ»غا ئۆزگەرگەن تارىخىي تەمسىل ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە يەنىلا كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ. شەھەر ھاياتىنىقويۇپ تۇرۇپ، يىراق يېزا - قىشلاقلىرىمىزنى كۆزىتىپ باقساق، يېمەك - ئىچمەك، كىيىم - كېچەككە رامكا بەلگىلەپ، ھويلا تېمىنى مەجبۇرىي كېسەكلەشتۈرۈش، ئاپئاق تامغا «تۇغۇسەن، تۇغمايسەن» دەپ شوئار يېزىپ قويۇش … قاتارلىق ياشاش ئادىتىنىئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىمەنە ھادىسىلەرنى كۆرىمىز. ئومۇمىيلىققا ياتمايدىغان بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كىچىك بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگەبېرىۋاتقان دېشۋارچىلىقى ئاز بولمىدى. مەنىۋى جەھەتتە ئانچە تەرەققىي قىلمىغان، ئۆز مەنپەئەتىنى قانۇن - نىزاملار ئارقىلىق قوغداشنى تېخى ئۆگىنىپ بولالمىغان بىرمىللەتنىڭ دېھقانلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كادىر ۋە زىيالىيلىرى مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك ئىدى. ھالبۇكى، قىسمەن كادىر ۋە زىيالىيلىرىمىزدا ساقلىنىۋاتقان «قىزىپ كېتىش» كېسىلى بۇ خىل ھالەتكە پايدىلىق بولالمىدى. بەزى كادىرلار ھەتتا «يېڭىچە باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى»نى ئۆز مەيلىچە ئىجاد قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆز قوۋمىنى ئازابلىسا، يەنەبىر تەرەپتىن، باشقا مىللەتلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكىپەرقلىق مەدەنىيەتنى چۈشەنمەسلىك سەۋەبلىرىنىڭ مۇئەييەن يىلتىزى بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارىخ ئۆگىنىش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۇزاق مۇساپىسىنى كۆزىتىش ھەم تەھلىل قىلىش  - قانۇنىيەتلىك ئىلگىرىلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل.
تارىختا تارىخ ئۆگەنگۈچىلەر ھامان قانۇنىيەت بويىچە ئىش كۆرۈپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشتا گېگانت رول ئوينىغان ماۋ زېدۇڭ بىرئۆمۈر تارىخ ئۆگەنگەن ھەم تەتقىق قىلغان. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، ئەگەر ئۇخەلقئارا ئىنتېرناتسىئونالنىڭ گېپى بويىچە ئىش قىلغان بولسا، ئەگەر ئۇ ستالىنبولشۋېكلىرى سىزغان ئەگرى - توقاي «خەرىتە» بويىچە ماڭغان بولسا، يېڭى جۇڭگونىقۇرۇپ چىقالمىغان بولاتتى. ئۇنىڭدا داھىيلارغا خاس سىياسىي سەزگۈرلۈكتىن باشقاجۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ماركسىزمنى تەتبىقلىيالايدىغان جاسارەت ۋە تارىخىي دىت بار بولغانلىقى ئۈچۈن، مەسىلىلەرگە جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىدىن جاۋاب تاپقان. ياپون، يەھۇدىي مىللەتلىرىنىڭ مىللىي غۇرۇر تەربىيىسى بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئائىلەتەزكىرىچىلىك تەربىيىسى بۇ مىللەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرگەن ھەم ئېرىشتۈرۈۋاتقان زۆرۈر شەرت. خەنزۇ مىللىتىدە ھەر يىلدىكى چاغاندا ئائىلە يىغىلىشىئۆتكۈزۈپ، ئاتا - بوۋىلىرى ھەققىدە تەزكىرە ئېيتىشىدىغان ياخشى ئادەت بار. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھېيت - بايراملىرىدا ئادەتتە ئائىلە تەزكىرىسى ئوقۇلمايدۇ. مىللىيقەھرىمانلارغا، ئاتاقلىق شەخسلەرگە سېغىنىش يوق دېيەرلىك. ئۆتمۈشتىكى ۋائىزلىق (داستانچىلىق) ئادىتىمۇ بارغانسېرى يوقاپ كەتتى. تارىخىي مۇزېي، كۆرگەزمىخانىلارغابارىدىغانلار، قەدىمكى شەھەر - قەلئەلەرنى، مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورۇنلىرىنى ئارىلايدىغانلار ئىنتايىن ئاز. ئۆزى ئوقۇمىسىمۇ، پەرزەنتلىرىنىيېتىلەپ، كىتابخانىغا بارىدىغانلار، مۇئەللىپ تەكىتلەۋاتقان تارىخ، پەلسەپەپەنلىرىگە ئائىت كىتاب سېتىۋالىدىغانلار ئاساسەن يوق. بۇنى ئۆزلۈكنى يوقىتىشقاتاشلانغان تۇنجى قەدەم دېمەسلىككە بولارمۇ؟
تارىخ  - بىر مۇقەددەس قامۇس، كىملىك ۋە ئۆزلۈك ئۇنىڭ يادروسى. ئۆزىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۆزلۈكنى كۈچەيتىش مۇمكىن ئەمەس، ئۆزلۈكنى بىلمەي، ياشاش ھوقۇقىغائېرىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. بۇنداق ھەقىقەت جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرى، يۇقىرى - تۆۋەن قاتلاملىرىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر فولكلورى بىلەن ئۇنىڭ يازما، قازما يادىكارلىقلىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئىپتىخارى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ كىملىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان ئەڭگۈشتەرى. ئەگەر بۇ خىلئەڭگۈشتەر يەڭگىلتەكلىك بىلەن چۆرۈۋېتىلسە ياكى نادانلارچە ئۇنتۇلدۇرۇلسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غايەت زور يوقىتىش بولىدۇ. بىچارىلىك، چۈشكۈنلۈك، ھۇرۇنلۇق دېگەنلەر ھامان ئۆزلۈكنى ھېس قىلماسلىقتىن كېلىدۇ. ئىلغارلىق ياخشى ئىش، ئەمما ئۆزلۈكنى ساقلىيالمىغان ھەرقانداق بىر ئىلغارلىقنىڭ ئۆمرى كۆتە بولىدۇ. مىسال ئۈچۈن ئوخشاش ئىمتىياز، ئوخشاش ئوقۇش ۋە ئۆرلەش تارىخى بولغان خەنزۇ، ئۇيغۇر كادىردىن ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسىنى نەچچە ئەۋلادقىچە دەپ بېرەلەيدىغانلىقىنى سوراپ كۆرسەك بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئالدىنقىسى ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ تەزكىرىسىنى نەچچە مىڭ يىللار ئالدىغا سۈرۈپ، ھەتتا خۇاڭدى، يەندى … لارغا باغلاپ سۆزلىيەلەيدۇ. كېيىنكىسى تۆتىنچى، بەشىنچى ئەجدادىغا بېرىپ، نائىلاج دۇدۇقلايدۇ. مەكتەپتە ئۆگەنگەن دەرسلىكلەر ئوخشاش بولسىمۇ، ئالدىنقىسى ئۆزىنىئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ماڭغان، كېيىنكىسى ئۇنداق قىلالمىغان بولۇپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا چىقىۋاتقان ئىجتىمائىي پەنلەرگە، بولۇپمۇ تارىخ، پەلسەپە، جۇغراپىيەپەنلىرىگە ئائىت گېزىت - ژۇرناللارنىڭ ئوقۇلۇش ۋە ساقلىنىش ھالىتى مۇئەللىپنىڭسېلىشتۇرمىسىدىكى ئەڭ ئاددىي ئەينەك. كۆمەچ ناننى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، كۆپ پەرزەنتلىك بولۇشتىكى ئەنئەنىۋى ئوزۇقلۇق سۈپىتىدە ئەمەس، ئىپتىدائىي - قالاق تۇرمۇش ئادىتى سۈپىتىدە چۈشىنىۋالغان ھېلىقى باشقارما باشلىقىمۇ بىر خىل ئەينەك.
كۆزىمىزنى تارىخ ئاچىدۇ، ئەقلىمىزنى ئىلمىي تەپەككۇر! بۇ بىر تەرەققىيات زۆرۈرىيىتى. ئۇچۇرلىشىۋاتقان دۇنيا تارىخنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە. تارىخنى يوشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى دەستەك قىلىۋېلىشقابولمىغاندەك، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئۆتمۈش  - يېزىلىپ بولغان تارىخ. رېئاللىق  - يېزىلىۋاتقان تارىخ. تارىخ بەتلىرىنىڭ ھەربىر بېتىدە ئىنسانىيەت ئەقىل - پاراسىتىنىڭ جۇغلانمىسى ياكى ساۋاقلىرى خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭئۈستىگە كونا تارىخ ئۈستىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار يېڭىچە بايقاشنى ئۆز ئىچىگەئالغان. يېڭىدىن قېزىپ چىقىرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار تۆمۈر تامغابېسىلىپ كەتكەن بەزىبىر يەكۈنلەرنى ئاغدۇرۇشقا قادىر. ئۇ خۇددى قاتتىق مېڭىنىڭپارتلىشىغا ئوخشايدۇ. ئاللىقاچان قېلىپلىشىپ قالغان بەزى يېزىلمىلار مۇشۇ سەۋەبتىنئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر. تارىخنىڭ ئىدىيە، نەزەرىيە ۋە ھەرىكەتنىيېڭىلايدىغان بۇ قۇدرىتى چەكسىز ھەم يىمىرىلمەستۇر. تارىخ ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئەسلىدىنلا قاراڭغۇ بولغان ياكى كېيىن خىرەلىشىپ كېتىۋاتقان دىللارنى يورۇتۇپ، ئىلگىرىلەش يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كىشىلەرنى يەڭگىللىك - گۇمراھلىقتىن ساقلايدۇ. ئۆزلۈك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، رېئاللىققا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. ئۇ ئاددىيبىلىم ئېلىش جەريانى ئەمەس، بەلكى ئىدىيە - ئەخلاق، پسىخىكا جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ تەربىيىلىنىش جەريانىدۇر.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تاقاش

بېكەت باشلىقى تەۋسىيىسى

بايقاش تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ!
بايقاش تورىدىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى سزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، مەزمۇنلارنىڭ تۇلۇق كۆرۈشىڭىز ئۈچۈن تىزىملىتىپ كىرىشنى ئۇنۇتماڭ.... بايقاش گۇرۇپپىسى

كۆرۈش »

بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:360805095،350804577 ،E-mail:baykax@163.com

ئولۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۈيۈپ، گۈزەل يۇرت ماكان بەرپا قىلايلى! ! 热爱伟大祖国 建设美好家园

يانفۇن|بايقاش ھەمكارلىق ئېلانلىرى|( 新ICP备11002395号 )

ئالاقىلىشىش چ چ نومۇرى

GMT+8, 2012-6-3 16:42, Processed in 0.099181 second(s), 33 queries.

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش