- تىزىملاتقان
- 2011-6-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-5-14
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 889
- نادىر
- 0
- تېما
- 81
- يازما
- 97
 
قىزغىنلىق- 226 سەر
تىللا- 201 دانە
تۆھپە- 139 سەر
شۆھرەت- 201 سەر
        
| گومۇش بولىۋال ياخشىسى
ساتىرا
ئەقىللىق مەن دىمەستىن ،گومۇش بولىۋال ياخشىسى، ئارتۇق غەملەر يىمەستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى، ئاچچىق ياشلار تۆكمەستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى، دىلغا ئوتلار ياقماستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى، ئەل ئىشقىدا كۆيمەستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى.
پاش قىلمىغىن ئەقلىڭنى ،يول كۆرسىتىپ باشلىققا، بېلىق بېقىپ سازلىقتا،كۆچەت قويما سايلىققا، بىلسەڭ باشلىق ئالدىدا سەن يەنىلا ئالىجۇقا، باشلىق بىلەر ھەممىنى،ئەمەس ئەقلى ئالاڭقا، بەك بىلەرمەن بولماستىن ،گومۇش بولىۋال ياخشىسى.
مەن بىلەتتىم دەپ تۇرماي،بولىۋالغىن بىر گاچا، باشلىق چىقاي دىگەندە بولۇپ بەرگىن سەن ئاچا، يۆلەپ تۇرغىن گاھىدا قەددىڭ ئىگىپ بوپ ھاسا، باشلىق غۇجام ئالدىدا سەن يەنىلا بىر چاكا، سەن تەمەننا قويماستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى.
گومۇش بولساڭ ئەزەلدىن كۈنىڭ ئۆتەر تېپ-تېنچ، ئەل -ۋەتەن دەپ مىللەت دەپ ھەم چەكمەيسەن ئۆكۈنچ، كەلگۈسىڭدىن غەملەر يەپ باسماس سېنى قورقۇنچ، پەقەت گومۇش بولساڭلا ،سېنى بەزلەر سۆيۈنچ، ئەل غېمىنى يىمەستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى.
سېنى ھېچكىم سورىماس گومۇش مەن دەپ تەن ئالساڭ، ھېچكىم قويماس چەكلىمە ،ئوڭ گەپنىمۇ سەن چالساڭ، كىچىك مەنپەت ئۈچۈنلا قېرىنداشقا ئوق ئاتساڭ، سېتىپ ۋىجدان-غورۇرنى،رەقىبلەرنى يايراتساڭ، ئۆزۈم كىمتىم دىمەستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى.
پۇختا بولۇپ ئۆزۈڭگە ،گومۇشلۇقنى قاملاشتۇر، باشقىلارنىڭ يېشىغا سەن كۈلكەڭنى ئالماشتۇر، باشقىلارنىڭ يۇزىگە قارىلارنى چاپلاشتۇر، چاندۇرماستىن ھېچكىمگە ياخشىلارنى بابلاپتۇر، بىھۇدە تەر تۆكمەستىن،گومۇش بولىۋال ياخشىسى.
ئەل ئىشقىدا كۆيگەنلەر،ئۆزى كۆيۈپ تۈگەيدۇ، گومۇشلارنى ئەزەلدىن ئۇلۇغ ئاللا يۈلەيدۇ، ئەركىلىتىپ، پەپىلەپ بۈشۈكلەرگە بۈلەيدۇ، بويسۇنمىغان تەقدىرگە ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ، يېتىۋېلىپ قوپماستىن ،گومۇش بولىۋال ياخشىسى.
ئەنگەر 2011.11.12 تۇرپان
|
|