ۋاقىت : 2013-01-15 22:38 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : YOLBARGIN11 | تەھرىر : قۇياش ئوغلى | كۆرۇلىشى : قېتىم
مەكتەپتىن -يىلى -ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
-يىلى -ئاينىڭ -كۈنى
باشلانغۇچ مەكتەپتىن نىڭ /-يىلى -ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى
ماۋسۇم بىشىدىكى خىزمەت پىلانىم سىسىتىملىق ئەمەلىي ياخشى تۈزۈلسەئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك ئۈنۈملۈك بولىدۇ : مەن بۇئوقۇش ماۋسۇمىدا ئالدىنقى يىللىق خىزمە ت خۇلاسەمدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى يەكۈنلەپ ساقلانغان مەسىللەرنى تۈزىتىش ئاستىدا ئۆزۈمگە يەنىمۇ قاتتىق تەلەپ قۇيۇپ مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىغا بىر كىشلىلك ھەسسەمنى قوشۇپ ئۆز ئۈستىمدىكى تۈرلىك خىزمەتلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغنچاقلاپ ياخشى ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىمەن.
1-سىياسىي ئىددىيۋى خىزمەت جەھەتتە:
1) مەن پارتىيە مەركىزى كومتىتى بىلەن بىردەكلىكىنى ساقلاپ ، سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ،پارتىينىڭ تۈرلىك فاڭجىن ، سىياسەتلىرى ۋە تۆۋەندىكى خەلىقئارا سىياسىي خەۋەرلەرگە ئائىت ئۆگىنىش مەزمۇنلىرىنى ئاكتىپ ئۆگۈنۈپ ، خاتىرە قالدۇرۇپ ئۇنى خىزمەت ئەمەلىيتىمگە سىڭدۈرۈپ بارلىق خىزمەت داۋامىدا ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قەتئىي قارشى تۇرۇپ تىنىچ ئىتپاق بولغان ئوقۇتۇش مۇھىتى ۋە ساغلام روھىي كەيپىياتىنى يىتلدۈرۈش ئۈچۈن ، سىياسىي ئۆگۈنۈشىمنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمايمەن.
2)ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى قوغدايدىغان ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگۈنۈدىغان ئالىيجاناپ پەزىلىيتىنى شەكىللەندۈرۈشكە يىتەكلەپ غايىلىك ، ئەخلاقلىق ، مەدەنىيەتلىك ، ئىنتىزامچان قۇرغۇچىلارنى تەربىيلەشكە بارلىقىنى بىغشلايمەن . ئوقۇغۇچىلارغا بولغان سىياسىي – ئىديۋى تەلەپنى كۈچەيتىپ ئەخلاق تەربىينىڭ ئىجابىي رولىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدىغان ، قاراتمىلىققا ئىگە سۆھبەت ۋە تەربىيسىنى ئىزچىل كۇچايتىپ ، ئۇلارغا غايە تەربىيسىنى، دۇنيا قاراش ، قىممەت قارشى يىتلدۈرۈپ ۋەتەن خەلىقنى سوتسىيالىزىمنى سۆيۈش ئاساسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسىنى شەكىللەندۈرۈمەن. ،
3) دەرىس مۇنبىرىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىديۋى ھالىتىنى كۆرسىتىپ مەسلىلەرنى بايقاپ دەل ۋاقتىدا تەربىيە ئېلىپ بىرىپ ئۇلارنىڭ توغرا بولغان پىسخكىسىنى يىتلدۈرۈشكە تىرىشىمەن، ئىديۋى تەربىيسىنى ئىزچىل داۋاملىق سىڭدۈرۈپ ئۇلارنى ئائىلە مەكتەپ جەمىيەتتە ئوخشاشلا ئەخلاقىي پەزىلەت جەمىيەتتە ساغلام ياخشى بىر تەسىر بىرىپ ۋەتەن خەلىقنىڭ جۈملىدىن ئاتا-ئانىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي جەمىيەتكە ياراملىق كىشلەردىن بولۇپ چىقىشغا زور ياردەم بىرىمەن .
4) ئۇلارغا كوللكتىۋىزىملىق روھىنى تەشەببۇس قىلىپ ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى ، ھەركەت ئۆلچىمىنى ئۆزىگە تەتقىق قىلىشتا خاتالىق كۆرۈلسە دەرھال تۈزىتىشى جەمىيەتتىكى يامان ئادەم ۋە ئىش ھەركەتلىردىن ساقلىنىشى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قارشى تۇرىشى ۋەتەنىنىڭ بىرلىكىنى ، ئىتپاقلىقىنى قوغداشقا دائىم تەييار تۇرىدىغان جەڭچىلەرنى مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى قوغداشتا ئاۋال ئۆز –ئارا ئىتپاقلىقىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يىتىشى ئۈچۈن دائىم ئۈلگە بولۇپ تەربىينى ھەقىقىي سىڭدۈرۈشكە تىرىشىمەن ، ئۇلارغا ئاتئىزىم تەربىيسىنى كۈچەيتىپ دىنىنىڭ ئىلىم – پەنگە قارشى بىر تەلىمەت ئىكەنلىكىنى خۇراپاتلىقىنىڭ نادانلىققا باشلاشتىكى ئەمەلىي پاكىتلرىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق ناماز ئوقۇش روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىنىي پائالىيەتكە قاتناشمايدىغان سوتسىيالىزىم ، قۇرغۇچىللىرىدىن بولۇشقا يىتەكلەيمەن .
2-كەسپىي خىزمەتلەر جەھەتتە:
كەسپىي خىزمەت مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمتىنىڭ مەركىزى ھالقىسى ، مەن بۇ ماۋسۇمدىكى كەسپىي خىزمەتلەرگە ماۋسۇم بىشىدىلا ئەتراپلىق سىستىملىق يازمىچە پىلان تۈزۈپ كەسپىي خىزمەتلەرنى شۇ بويىچە ياخشى ئادا قىلىشقا تىرىشىمەن .
1) مەن ئۆزۈم بىرىۋاتقان دەرسىنىڭ كالىندارىنى پىلانىنى ياخشى تۈزۈپ ئۆلچەم ۋە تەلەپلىرى بويىچە ھەپتىلىك پىلانىنىڭ ئورۇنلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن ، ھەپتىلىك كەسپىي ئۆگۈنۈش ۋاقتىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ ئۆگۈنۈش مەزمۇنلىرىنى خاتىرىلەپ دەرىسلىكىنىڭ مۇھىم ، قىيىن نۇقتىللىرىنى كوللىكىتىپ ، ئاساستا ئىگەللەشكە قىيىنلىق دەرىجىسى بولغان بەزى مەزمۇنلارنى بىرلىكتە ھەل قىلىپ ، دەرسخانا ئوقۇتۇشتىكى توسالغۇلارنى تۈگىتشكە تىرىشىمەن.
2) دەرىس تەييارلىق كالىندارنى پىلانغا ئاساسەن ئىككى ھەپتە بۇرۇن تەييارلاپ تەستقلىتىش يىڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە كونسىپىك يېزش تۈرلىك قەدەم باسقۇچلارغا ياخشى تەلەپ بويىچە يىزىش ۋە دەرسخانا ئوقۇتۇشتا قوللىنىشقا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمەن ، ئوقۇغۇچىلارغا شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ مۇھىم قىين نۇقتىسىنى ئوقۇتۇش نىشانى ئوقۇتۇش ۋاستىللرى ۋە ئوقۇتۇش ۋاستىللرىنى توغرا تاللاپ شۇ سائەتلىك دەرىسنىڭ ھەققىي ئۈنۈمىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن ، ھەم دەرسلىك ماتىرىياللارنىڭ بولۇپمۇ كونسپىكىنىڭ ئەستايدىل سىسىتىملىق بولىشىغا كونسىپكتىكى ھەرقايسى بۆلەكلەرنىڭ تەلەپ بويىچە يېزىلىپ دەرسخانىدا ئەمەلىي قوللىنشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.
3)ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدا كۈچ سەرىپ قىلىپ دەرىس مەزمۇنىنى بىلەن ئوقۇتۇش ۋاستىللرىنى دەرسى مەزمۇنى بىلەن ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنى يىڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىش دەرىسنىڭ مۇھىم قىيىن نۇختىللىرىغا ھەرخىل سوئال مۇلاھىزە تەھلىل ئارقىلىق دەرستە ياخشى ئوتتۇرھال ۋە تۆۋەن ئوقۇغۇچىلارنى تۈلىك ئۇسۇللار بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ پىكىر قىلىشقا تەھىلل قىلىشقا شۇ ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاشقا تىرىشىمەن ، ئىغىزچە سىناققا ئوخشاش بولمىغان پىكىر يولى ۋە سوئال ئارقىلىق قىزىقارلىق تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ دەرسىنىڭ ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بولىشىغا تىرىشىمەن ، ئۆزۈم بىرىۋاتقان دەرىسنىڭ ماۋسۇملۇق ئۆزلىشىشىنى %60گە يەتكۈزۈشكە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتىنى %50كە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمەن.
4) كالىندارنى پىلاندا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاپشۇرۇقىنى مۇمكىن قەدەر ۋاقتىدا ئورۇنداپ ياخشى باھالاش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن كىيىنكى بىلىم ئۆزلەشتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالىمەن ، تاپشۇرۇق نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنى سىنپتا ئومۇملاشتۇرۇپ ئۈلگە تىكلەپ ياخشى باھا سۆزى ئارقىلىق يەنىمۇ يىتەكلەيمەن ، نەتىجىسى ياخشى بولمىغان چۈشەنچىسى يىتەرسىز بولغانلارنىمۇ مۇۋاپىق باھا سۆزى ۋە يىتەكلەش ئۇسۇلى ئارقىلق پۇرسەت بىرىپ پەيدىنپەي ياخشى يىزىشقا ياخشى تەھلىل قىلىشقا ئۈندەيمەن ، شۇئارقىلىق دەرسخانا ئوقۇتۇشى بىلەن دەرىسىتىن كىينكى تاپشۇرۇقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بىر پۈتۈن ئۆگۈنۈش ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ ھەقىقىي بىر ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئاساس سالىمەن .
5) خەنزۇتىلى ئۆگۈنۈش ۋە كومپىيۇتىر ئۆگىنىش ۋاقتىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ دەرىسمگە ئائىت خەنزۇتىلى بىلىملىرىنى ئىزچىل ئۆگىنىپ دەرسلىكتىكى ماۋزۇ ئاتالغۇ شەخسلەر ۋە بەزى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئوقۇش يېزىش ئىمكانىيتىنى يتلدۈرۈشكە تىرىشىمەن ، كومپىيۇتىر ھەمدە ئاساسىي بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگۈنۈپ توردىن دەرسلىك چۈشۈرۈپ دەرىس ئۆتۈشى يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۆرسەتملىك ئوقۇتۇش ئېلىپ برىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي بىلىملىرىنى بېيتشقا پۇختا ئاساسىي سالىمەن ، مەن 2013-يىل ئاخىرىغىچەHSKئىمتاھانىدا دەرىجە گۇۋاھنامىسى ئېلىپ قولۇمدىكى گۇۋاھنامىنى يىڭلاشقا كاپالەتلىك قىلىمەن .
6) مەن بۇ ماۋسۇم ئىچىدە ئۆزۈم بىر قىتىم زور خاراكتىرلىك ئوچۇق دەرىس ئۆتىمەن ھەمدەھەپتىگە 2سائەتتىن دەرسى تڭشاش باھالاش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ئۆز كەسپمدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن ، ماۋسۇمدا بىر قىتىم تىما تەتقىقاتى بويىچە مەخسۇس تىمدا ئىلمى ماقالە يېزىش كەسپىمدىكى بەزى بىر مەمۇنلارنى يەنىمۇ بېيتشقا باشقىلارنىڭ دىققەت ئىتبارىنى قوزغاشقا تىرىشمەن ، ماۋسۇم ئاخىرىدا ئىمتاھان ئېلىش قەغەز تەكشۈرۈش نەتجە ئىشلەش قاتارلىق ئىنچىكە خىزمەتلەرگە ھەمدە سوئال تەھلىلى يېزىش ماۋسۇملۇق ئىمتاھانىنىڭ ئەملىي ئەھۋالغا قاراپ چىقىپ كىينكى ئوقۇش ماۋسۇمىدىكى دەرسخانا ئوقۇشقا پۇختا ئاساس سالىمەن.
3-تۈزۈم قۇرلۇشى جەھەتتە:
1) مەن سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزىمىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ ، ئۆز ئىشخانامدا مۇقىم ئولتۇرىمەن ، ئوقۇتۇش خىزمەتنىڭ تۈرلىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ دەرسىم يوق ۋاقتىدا سىرىتقا چىقماي ، تولۇق خىزمەت ئىشلەيمەن.
2) ئوقۇتۇش خىزمەت ۋاقتىدا مۇمكىن قەدەر روخسەت سورايدىغان تەشكىلگە ئاۋارچىلىق تۇغدۇردىغان ئىشلارنى قىلمايمەن ، سەۋەپسىز كىچىكىش خىزمەت تاشلاش ، دەرىس قالدۇرۇش ، گاڭدا تۇرماسلىق تاپشۇرغان خىزمەتنى ئارقىغا سوزۇپ ، ئۇنۈم ھاسىل قىلماسلىقتەك ناچار قىلمشلارنى سادىر قىلمايمەن.
3) مەكتەپ مەمۇرىيتى ئىلمىي بۆلۈم ، سىياسىي بۆلۈم ۋە تۈرلىك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ تاپشۇرغان خىزمەتلەرنى دەل ۋاقتىدا سۈپەتلىك توغرا ئىشلەپ مەكتەپنىڭ پۇتىغا پۇت ، قولىغا قول بولىمەن باشقىلارغا ئۈلگە بولىمەن.
4) مەن ئۆز قولۇمدىكى ئارخىپ خىزمەتنى باشتىن ئاخىر ياخشى ئىشلەپ كىلۋاتىمەن ، بۇندىن كىيىن يەنىلا ياخشى ئىشلەپ مەكتەپنىڭ ئارخىپ ماتىرىياللىرىنى يارىتىپ ئۆتكۈزۋىلىش خىزمىتىگە يېقىندىن ياردەمدە بولىمەن.
5) ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزالىق مەجبۇرىيتمنى تولۇق ئادا قىلىپ پارتىيە كۈنىگە دىمگۇراتىك باھالاشقا ئاكتىپ قاتىنىشمەن ، ھەمدە پارتىيە بەدەل پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىمەن.
6) مەن تۈرلىك خىزمەت پىلانلىرىمدا كۆرسىتىلگەن ئىشلارنى ھەر ھەپتىدە پىلان بويىچە ئورۇنداپ يىللىقلار گۇرۇپپىسنىڭ تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمەن.
(تەھرىر : قۇياش ئوغلى)