جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
جۇڭگودىكى قۇملۇقلار

ئېلىمىز قۇملۇق بىر قەدەر كۆپ دۆلەت بولۇپ، قۇملۇق كۆلىمى تەخمىنەن 1 مىليون 300 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، دۆلەت زېمىنىنىڭ تەخمىنەن %13 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆلىمى چوڭراق قۇملۇقلار تۆۋەندىكىچە:
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 337 مىڭ 600 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى رۇب خالى قۇملۇقى (650 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر) دىن قالسىلا دۇنيادىكى 2 – چوڭ كۆچمە قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ. قۇم بارخانىلىرىنىڭ ئەڭ ئېگىزى 200 مېتىردىن ئاشىدۇ. بۇ يەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل – يېغىن مىقدارى 50 – 25مىللىمېتىر، بەزى جايلىرىنىڭ ئون مىللىمېتىر بولۇپ، ئۆسۈملۈك ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون، دەپ قارىلىدۇ.
قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 48 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىغا جايلاشقان. تۇرغۇن، يېرىم تۇرغۇن بارخانلىق قۇملۇق بولۇپ، 1958 – يىلىدىن بۇيان كۆچمە قۇم بارخانىلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
بادان جارىن قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 44 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئالشا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان. ‹‹بادان جارىن›› بۇرۇن ‹‹بادان جارىنگ›› دەپ ئاتالغان، موڭغۇلچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئېنىق ئەمەس. بادان جارىن قۇملۇقىنىڭ قۇم بارخانلىرى كۆچمە بارخان بولۇپ، ئادەتتە ئېگىزلىكى 300 – 200 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 500 مېتىر ئەتراپىدا، دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇم بارخىنى ھېسابلىنىدۇ.
تىنگىل قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 42 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالشا ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان. ‹‹تىنگىل›› موڭغۇلچە ‹‹تەڭرى›› دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە بارخاننى ئاساس قىلغان تىنگىل قۇملۇقى دۆلىتىمىزدىكى كۆچۈش سۈرئىتى ئەڭ تېز قۇملۇق ھېسابلىنىدۇ.
چەيدام قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 34 مىڭ 900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، چەيدام ئويمانلىقىدىكى كۆچمە قۇملۇق. تارقىلىشى تارقاق، كۆپى چۆللۈك بىلەن تۇتىشىدۇ، قۇم بارخانلىرى ھىلال ئاي شەكلىدە، ئېگىزلىكى 10 – 5 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 22 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي قىسمى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمى، لوپنۇرنىڭ جەنۇبىي، ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ‹‹قۇمتاغ›› ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، ‹‹قۇملۇق تاغ›› دېگەن مەنىدە. كۆپى كۆچمە بارخان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قوشۇلۇش يۆنىلىشىدە غەربىي جەنۇبقا تېزلىكتە كۆچمەكتە.
ئۇلانبۇخ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 9900 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئالشا ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي شىمالى قىسمىدا. ‹‹ئۇلانبۇخ›› موڭغۇل تىلىدا قىزىل بۇقا دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قۇملۇق بۇزۇش كۈچىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە بارخاننى ئاساس قىلغان. ئېگىزلىكى 30 – 10مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 100 – 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
قۇبۇچ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 16 مىڭ 100 كىۋادرات كېلو مېتىر بولۇپ، ئېردوسنىڭ شىمال قىسمىغا جايلاشقان، خۇاڭخى دەرياسىغا يېقىن. كۆچمە بارخاننى ئاساس قىلغان، ئېگىزلىكى 15 – 10مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 100 – 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
ماۋ ۋۇ سۇ قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 32 مىڭ 100 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئېردوسنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. تۇرغۇن ، يېرىم تۇرغۇن بارخاننى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئېگىزلىكى 10 – 5مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزلىرى 20 – 10 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
خۇنشەنداك قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 21 مىڭ 400 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىدا. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹‹يىخايالۇ قۇملۇقى›› دەپ ئاتالغان، چوڭ قارىياغاچقا ئاساسەن بۇ نام قويۇلغان. بۇ قۇملۇق تۇرغۇن، يېرىم تۇرغۇن بارخاننى ئاساس قىلىدۇ، جەنۇبىدىكى دولۇن ناھىيەسىدىكى قۇمنىڭ كۆچۈشى تېزرەك، شۇڭا ‹‹كىچىك تىنگىل قۇملۇقى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
قۇرتچىن قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 42 مىڭ 300 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىلياۋخى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان. تۇرغۇن ، يېرىم تۇرغۇن بارخاننى ئاساس قىلغان قۇملۇق بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 – 10 مېتىرغىچە، ئەڭ ئېگىزى 50 مېتىرغىچە كېلىدۇ.
خۇلۆنبۇير قۇملۇقىنىڭ كۆلىمى 7200 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بەزىدە قۇملۇق، بەزىدە قۇم يەر دېيىلىدۇ. ئالىملار قۇرغاق رايوندىكى قۇم دۆۋىلىرىنى قۇملۇق، يېرىم قۇرغاق رايوندىكى قۇم دۆۋىلىرىنى قۇم يەر، دەپ ئاتىغان. شۇڭا قۇملۇق ۋە قۇم يەرنىڭ ئايرىلىشىغا قاراپ قۇرغاق، يېرىم قۇرغاق رايوننى ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
« جۇڭگودىكى قۇملۇقلار»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- شىنجاڭدىكى يىشىلمىگەن سىرلار
- جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
- ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟--بىلگە
- ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ ھەربىي
- ماركىسىزملىق پەلسەپەدىن سۇئال-جاۋاپ
- 5-يىللق ئىلىم-پەن 1-مەۋسۈم PPT دەرىس تەييار
- ئەرقال تاراتقۇسى ئىلان قىلىندى!!
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش خىزمىتىنى يول
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- خارۋارد،يالى ئونۋېرسېتېتلىردىن رايۇنى
- ئىككى مىليون ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسى مەملىك
- ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتتا ئوق
- ئايلىق مائاشى 4000 يۈەن بولغان خىزمەتچىلە
- مائاش كارتىسىدىكى ئېشىنچا پۇلنىڭ قىممى
- ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات بانكىسى
- بالىلار ئۇنىۋېرسىتېتى
- شىنجاڭدىكى يىشىلمىگەن سىرلار
- جۇڭگودىكى قۇملۇقلار
- ئىبولا ۋىرۇسى قانچىلىك خەتەرلىك؟--بىلگەجان
- ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەش چوڭ ھەربىي مۇزېي
- ماركىسىزملىق پەلسەپەدىن سۇئال-جاۋاپ
- 5-يىللق ئىلىم-پەن 1-مەۋسۈم PPT دەرىس تەييارلىقى
- ئەرقال تاراتقۇسى ئىلان قىلىندى!!
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش خىزمىتىنى يولغا قۇي
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- خارۋارد،يالى ئونۋېرسېتېتلىردىن رايۇنىمىزغا
- ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتتا ئوقۇش پۇر
- 2014-يىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇناسى
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇ
- ئىچىملىكلەردە قانچىلىك ئوزۇقلۇق باردۇ؟
- يېتىم بالىلىرىمىزغا كىتاپ ئىئانە قىلامسىز
- 2014-يىللىق قىسمەن ھېيت-بايراملاردا قويۇپ بېرى
- قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنى بېكىتىلدى
- يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوق
- 2013-يىللىق قۇربان ھېىيتلىق دەم ئىلىش ئۇقتۇرشى
- دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 64 يىللىقىنى تەبرىكلەش
- دۆلەت ئەھۋالى تەربىيىسى لىكسىيىسى
- «ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات ت
- تولۇق ئوتتۇرا تىل -ئەدەبىيات كونسىپىكى
- ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئوم
- مويەننىڭ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى نۇتۇقى
- دۇنيا دۈچ كىلىۋاتقان مۇھىت مەسلىسى
- ئۇيغۇرتىلى 2-قىسىم
- 11-نومۇرلۇق ھۆججەت
- مەملىكىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر
- 2014-يىللىق باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىغا مۇ