ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئىمتىيازلىقلار مائارىپ سىسىتىمىسىدا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلۋاتىدۇ

ۋاقىت : 2014-09-09 23:32 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
يىڭى ئۇقۇش مەۋسۇمى باشلاندى ،جوڭگۇدىكى ئالاھىدە ئىمتىيازلىقلار مائارىپ سىسىتىمىسىدا داۋاملىق بۇزغۇنچىلىق قىلۋاتىدۇ
 
لاڭ شيەن پىڭ

تەرجىمە ئەسەر ، ئەسلى مەنبە لاڭ شيەن پىڭ بىلوگى

    جوڭگۇدا ئۇقۇغۇچى بۇلۇش بەك جاپالىق،ئاتا-ئانا بۇلۇش تېخىمۇ جاپالىق.بالىلارنى نۇقتىلىق مەكتەپ،نۇقتىلىق سىنپقا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ھەقىقەتەن پۈتۈن زىھنىمىزنى ئىشقا سالىمىز ،قاتتىق باش قاتتۇرۇپ ھەرخىل مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىشقا سېلىپ بالىمىزنى كىرگۈزىمىز.ئەمما بىزنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپلىرىمىز،نۇقتىلىق سىنىپلىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك .ئۇنداق كۆپ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بەس-بەس بىلەن تالىشىشى،بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋەتكەن،ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتكەن.
    ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىدا ئىزچىل بىر خىل خاتا قاراش بار،يەنى ‹‹بالىلار ھەرگىز باشلىنىش پەللىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويسا بولمايدۇ››.توغۇرمۇ خاتا؟ ئالماشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلساق ،ئۇتتۇرۇپ قويسا قانداق بولماقچى؟ سىزنىڭچە بىر ئۆمىرىگە تەسىر كۆرسىتەرمۇ؟.مەن ئۆزەمنىڭ باشتىن كەچۈرگىنىنى مىسالغا ئېلىپ كۆپچىلىككە سۆزلەپ بېرەي.مەن كىچىكىمدىلا باشلىنىش پەللىسىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان.تۇلۇقسىزدا ئۇقۇغان ۋاقتىمدا، ئادەتتىكى مەكتەپنىڭ ئادەتتىكى سىنىپىدا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ناچار ‹‹كالا باقىدىغان سىنىپ›› قا تەۋە ئىدىم .
   نىمىشقا كالا باقىدىغان سىنىپ دەيدۇ؟چۈنكى بۇ سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئۇقۇشىدا قەتئى ئۈمۈد يوق ئىدى.تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىنلا ئىشقا چۈشەتتى.مىنىڭ شۇ چاغدىكى خىيالىم ياغاچچى ئۇستام بۇلۇش ئىدى.ئەمما ئاخىرى بىلىپ -بىلمەيلا ،يەنىلا دوكتۇر ئاشتىلىقىنى ئۇقۇپ تۈگەتتىم.
   بىراق ماڭا ئوخشاش بۇنداق قاراشتىكى ئادەملەر ئىنتايىن ئاز.نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى نۇقتىلىق مەكتەپكە،نۇقتىلىق سىنىپقا ئۆتۈشكە مەجبۇرلايدۇ.
نىمە ئۈچۈن؟
    مەن شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىنى مىسالغا ئالاي. 2010-يىلى  بېيجىڭ،چىڭخۇا ئونۋېىرىستىتى  شەنشى ئۆلكىسىدە ئۆز ئالدىغا ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلدى،قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 98.9%تى شەنشىنىڭ شىئەن شەھرىدىكى بەش ئادەتتىن تاشقىرى نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن كەلگەن.
    بۇ نىمە ئۈچۈن؟ ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىسىنى نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرگۈزىدۇ.نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرەلمىگەن تەقدىردىمۇ ،ھېچ بولمىغاندا نۇقتىلىق سىنىپقا كىرگۈزىدۇ.يەنە مۇشۇ سەۋەپ بولغانلىقى ئۈچۈن ،بىزنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئالاقىدار ئۇرۇنلار نۇغۇنلىغان ‹‹يۈكنى يىنىكلىتىش  بۇيرۇقى›› نى چىقارغان. سىلەر پەرەز قىلىپ بېقىڭلار ،ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە ئون يىلدا بىزنىڭ مائارىپ ئۇرۇنلىرىمىز ،مائارىپ مىنىستىرلىكى قانچىلىك ‹‹يۈكنى يىنىكلىتىش بۇيرۇقى››نى چىقارغاندۇ؟ 56دانە.1949-1967يىلغىچە 37دانە، 1977-2000يىلغىچە 12دانە،2000-2013يىلغىچە 7 دانە چىقارغان.مەن سىلەردىن سوراپ باقاي ،ئۇقۇغۇچىلار ئۆزىنى يۈكى يىنىكلىتىلگەندەك ھىس قىلامدۇ؟ ياق.
    ئەمما مەن كۆپچىلىك بىلەن بىر قارشىلىق نەزەرىيەسى ئۈستىدە پاراڭلاشماقچى،يەنى ‹‹سىزنىڭ يۈكىڭىز يىنىكلەمدۇ››. بۇ نىمە دىگەن گەپ؟
ئامىركىلىقلارنىڭ بىرىنجى ئارزۇسى خارۋارد ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇش،ياپۇنلۇقلارنىڭ بىرىنجى ئارزۇسى توكيۇ ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇش ،جوڭگۇلۇقلارنىڭ بىرىنجى ئارزۇسى بېيجىڭ ،چىڭخۇا ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇش . بىز يەنە ئامېركا،ياپۇنيە ،جوڭگۇنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى ۋە ئالى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىش نىسبىتىنى كۆرۈپ باقايلى.ئامېركىدا خارۋارد ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بار تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 0.06% تىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش پۇرسىتى بار .ياپۇنيەدە توكيو ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بار تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ 0.19%تىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش پۇرسىتى بار.جوڭگۇدا چىڭخۇا ۋە بېيجىڭ ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بار تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ پەقەت 0.04%تىنىڭلا قۇبۇل قىلنىش پۇرسىتى پار.
    شۇڭىلاشقا كۆپچىلىك ئىشىڭلاردا بولسۇن ،سىز داڭلىق مەكتەپكە قۇبۇل قېلىنىغىنىڭىز بىلەن يۈكىڭىز يىنىكلىمەيدۇ.ياپۇنيەدە ،توكيو ئۇنۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى بارلار ‹‹ تۆت بۇلىدۇ بەش قالىدۇ›› دەيدىغان گەپ بار . بۇ نىمە دىگەن گەپ؟  كەچتە تۆت سائەت ئۇخلىغانلار تاللىنىپ توكيو ئونۋېرىستىتىغا   كىرەلەيدۇ ،بەش سائەت ئۇخلىغان كىشى ئۆتەلمەيدۇ. ئەگەر داڭلىق مەكتەپكە كىرگىڭىز بولسا ،چۇقۇم نۇرغۇنلىغان ۋاقتىڭىزنى سەرەپ قىلىپ كىتاپ ئۇقۇشىڭىز كېرەك .بۇنىڭ يۈكنى يىنىكلىتىشى مۇمكىن ئەمەس.
    ئەمما ھەممە ئادەمنىڭ خارۋاردتا ،توكيو ئونۋىرېستىتىدا ،بېيجڭ، چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىدا ئۇقۇغۇسى يوق.نۇرغۇنلىغان ئادەملەر پەقەت بىرىنجى تۈركۈمدىكى ،ئىككىنجى تۈركىمدىكى ھەتتا مەخسۇس كۇرۇس مەكتەپلىرىدە ئۇقۇغۇسى بۇلۇشى مۇمكىن. مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسلىنىپ ،ئامېركا ،ياپۇنيە،جوڭگۇ ھۆكىمەتلىرى ئۆز ئالدىغا مائارىپنى مۇستەقىل تەرەققى قىلدۇرۇش سېستىمىسىنى چىقارغان. نىمە مەخسەتتە چىقارغان؟ ئۇقۇغۇچىلارنى ئوخشىمىغان مەكتەپلەرگە ئايرىش .
    بىز ئاۋال ئامېركىغا قاراپ باقايلى،ئامېركا قانداقراق بولغان ئايرىش تۈزىمىنى قوللانغاندۇ؟ ئاتىلىشى ‹‹ پۇلدارلار تۈزىمى››،يەنى پەقەت پۇلى بارلارنىڭلا داڭلىق ئالى مەكتەپلەردە ئۇقۇش پۇرسىتى بار.ئاڭلىماققا ئازىراق بىمەنە شۇنداقمۇ؟ .مەن كۆپچىلىككە بىر سانلىق مەلۇماتىنى تەمىنلەي.پۈتۈن ئامېركىدا 4% ئەتىراپىدىكى ئۇتتۇرا مەكتەپ يۇقىرى دەرجىلىك شەخسى مەكتەپلەردۇر،ئاساسلىقى  ئامېركىدىكى ئەڭ پۇلدارلارنىڭ بالىلىرى ئۇقۇيدۇ،ئۇقۇش پۇلى 30-40مىڭ دوللار ئەتراپىدا ،ئۇلار ئەڭ ياخشى ئۇقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىدۇ،ئەڭ ياخشى ئۈسكىنىلەرنى سەپلەيدۇ ،ئەڭ ياخشى بولغان مۇھىتنى بەرپا قىلىدۇ.بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز،ئوتتۇرچە نىسبىتى بىلەن دىگەندە، ھۆكىمەت قارمىقىدىكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ 1.2ھەسىسىگە توغرا كىلىدۇ،يەنى ھۆكىمەت قارمىقىدىكى باشقا مەكتەپلەرنىڭ ئۆرلەپ ئۇقۇش نىسبىتىدىن 20% يۇقىرى.كونكېرىتنى قىلىپ ئېيتسام ،2012-يىلى پۈتۈن ئامېركىدىكى ئۆرلەپ ئۇقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان 32 مەكتەپنىڭ ئىچىدە ،پەقەت توققۇزىنجىسى بولغان)亨特( ئىنىستىتوتىلا ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ.
     ئامېركىدا 5% ئەتىراپىدىكى مەكتەپ ،ھۆكىمەت قارمىقىدىكى داڭلىق مەكتەپ.بۇ نىمە دىگەن گەپ ؟ ئامېركىدىكى بارلىق ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر ،ئۆي-جاي بېجىغا تايىنىپ ئۆزىنى قامدايدۇ.ئۇلارنىڭ مالىيە مەنبەسى ئۆي- جاي بېجى.ھكۆىمەت قارمىقىدىكى داڭلىق مەكتەپلەر ئاساسى جەھەتتىن ئالى تۇرالغۇلارغا جايلاشقان،ئۇنداق جاينىڭ ئۆي-جاي بېجىمۇ يۇقىرى ،مەكتەپنىڭ باشقا ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرگە قارىغاندا سالىدىغان مەبلىغىمۇ تەبىيلا يۇقىرى .شۇڭىلاشقا بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتۇش سۈپىتى،باشقا شەخسى ئالى دەرجىلىك مەكتەپلەردىن قېلىشمايدۇ.
يەنە قاراپ باقايلى،ئامېركىدىكى 55% ئەتىراپىدىكى مەكتەپ ھۆكىمەت قارمىقىدىكى ئادەتتىكى مەكتەپ.ئۇلار ئادەتتىكى يەرلەرگە جايلاشقان،بۇ يەردە ئۇقۇيدىغان ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇتتۇرا قاتلام بۇرژئالىرى ،بۇ ئامېكىدىكى 60% ئەتراپىدىكى ئۇتتۇرا بۇرژئالارنىڭ نىسبىتىگە ماس كىلىدۇ. ئاخىرى ئامېركىدىكى 36% ئەتراپىدىكى مەكتەپ ،ھۆكىمەت تۆۋەن تەبىقىدىكى نامىراتلارغا قۇرۇپ بەرگەن .بۇنداق مەكتەپلەرنىڭ  ئۇقۇتۇش سۈپىتى ئەڭ ناچار ،راسخودى ئۈسكىنىلىرى يىتىشمەيدۇ ،مۇھىتىمۇ ئىنتايىن ناچار.ئەگەر سىز ئاشۇ 36%نى ئىگەللەيدىغان مەكتەپكە كىرىپ قالسىڭىز ئۆرلەش پۇرسىتىڭىز ئىنتايىن غۇۋا, كۆپچىلىك بۇ ھەقىقى ئامېركا.
    ئەمدى بىز ياپۇنيەگە قاراپ باقايلى ، ئۇلارنىڭ ئۇقۇغۇچىلارنى ئايرىش تۈزىمى باشقىلار تەرپىدىن‹‹ ئادىل تۈزۈم›› دەپ ئاتالغان. ياپۇنيەدە ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپ ئاساسلىق ئۇرۇندا تۇرىدۇ.مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلىشىنى دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئۇنىڭ ئىككى خىل ئالاھىدىلىكى بار. بىرىنجىسى ياپۇنيە 100يىل بۇرۇنلا ،مەكتەپلەرنىڭ قاتتىق دىتال ئۈسكىنىلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بولغان. بۇ نىمە دىگەن گەپ ؟. ھەر بىر مەكتەپ كىلونلاپ قويغاندەك،تەنتەربىيە مەيدانى،دەرىسخانا،ئاشخانا ھەممىسى ئوخشاش بىر خىل شەكىلدە،ھەتتا تاماق يەيدىغان تاماق ئۈستىلىمۇ بىر خىل شەكىلدە.ئىككىنجىسى .ئۇقۇتۇش قۇشۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ بولغا.ياپۇنيەدە ئىنتايىن غەلىتە تۈزۈم بار .باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئەڭ يۇقىرى .يەسلى ، تۇلۇق ئوتتۇرا ،ئالى مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاشى ئىككىنجى رەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپۇنيە ھەر ئالتە يىلدا بىر قېتىم خېزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئەمىللەشتۈرگەن.ئالتە يىلدىن كىيىن ،ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىرى ،بۇ ئۇرۇندىن يەنە بىر ئۇرۇنغا ئالماشتۇرۋېتىلىدۇ ،ياكى شەھەردىن يېزىغا ئالمىشىپ ئۇقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ.ھۆكىمەت ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا، يېزىلاردا ئاكتىپلىق بىلەن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ،مەمۇرلارغا بەرگەن تەمىناتتىن بەھىرمان قىلدۇردۇ.
      بۇ ئىككى ئۆلچەملەشتۈرۈش  ئاستىدا ياپۇنيەنىڭ مائارىپنى ئاساسەن بىر ئادىل تۈزۈملىك مائارىپ دىيىشكە بۇلىدۇ. توكيو ئونۋېرىستىتىدا ئۇقۇغىڭىز بارمۇ؟ چاتاق يوق .پەقەت دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئىمتاھانىغا قاتناشسىڭىزلا بۇلىدۇ .ھەممە ئادەمنىڭ ئىمتاھان سۇئالى ئوخشاش،ئەڭ قالتىس 0.19% ئادەم توكيو ئۇنۋېرىستىتىغا كىرەلەيدۇ.قالغانلىرى ئىمتاھاندا باشقىلاردىن ئېشىپ كىتەلمىگەچكە باشقا گەپ سۆزمۇ بولمايدۇ.
ئەڭ ئاخىردا  جوڭگۇنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىگە قاراپ باقايلى ،بىزنىڭكىنىمۇ ئوخشاشلا ،ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەرنى قۇرۇشنى دۆلەت مالىيە مىنىستىرلىكى ئۈستىگە ئالىدۇ.ئەمما بىز ئامېركىنىڭ مەكتەپلەرنى ئۈچ يىللىق ،ئالتە يىللىق،توققۇز يىللىق ئايرىش تۈزىمىنى ئۆگەندۇق.كۆپچىلىك پەرەز قىلپ بېقىڭلار ،بىزنىڭ قاچىلىك نۇقتىلىق مەكتىپىمىز بار ؟ 5%. بىزنىڭ ھۆكىمىتىمىز نۇرغۇنلىغان باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ بېجىنى ئاپىرىپ مەكتەپ رېمىنۇت قىلىدۇ.ئەمما شۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ قىسمىنى  5%نى ئىگەللەيدىغان مەكتەپلەرنىڭ قۇرلىشىغا ئىشلىتىدۇ.كۆپچىلىك ئامېركىنىڭ 4% ئەتىراپىدىكى شەخسى مەكتەپلەر خىيالىڭلارغا كەلدىمۇ؟ ئەمما ئېسىڭلاردىن چىقمىسۇن ،ئامېركىدىكى شەخسى مەكتەپلەر ،شەخسى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ رېمۇنىت قىلىدۇ.بىزنىڭ بارلىق باج تاپشۇرغىچىلارنىڭ پۇلىنى بىر تەرەپكە يان باسقاندەك ،5% ئەتراپىدىكى نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە مەبلەغ سالىدۇ. سىزچە بۇ ئادىلمۇ؟
     بىز يەنە قاراپ باقايلى ،كىملەر مۇشۇنداق نۇقتىلىق مەكتەپتە ئۇقۇيدۇ؟. مەن بېيجىڭنى مىسالغا ئالاي ،بېيجىڭ باشلانغۇچتىن تۇلۇقسىزغا ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىمتاھانىدا ،ئاتالمىش ‹‹ئۈچ ئۈچلىك تۈزۈم›› نى ئەمىللەشتۈرگەن. يەنى  3/1 ئۇقۇغۇچى تۇلۇقسىزدا ئاچقان (占抗班) ئىچىدە نەتىجىسى ئەلا ،ھەم ئاسىيا ماتېماتىكىسى قاتارلىق مۇسابىقىلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،    3/1بولسا ئۇقۇتۇش رايۇنىدىكى ئۇقۇغۇچىلار ،   3/1 ئۇقۇغۇچىلار مۇناسىۋەتكە تايانغان .تەستىقلانغان نۇقتىلىق مەكتەپلەرگە كىرىش ئۈچۈن ،ئالاھىدە ئمتىيازلىقلار تەبىقىسى بۇ يەردە ئۆزىنى تۇلۇق ئاشكارلىغان.
يېغىنچاقلىغاندا ،جوڭگۇنىڭ ھۆكىمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەر ھەم ئامېركىنىڭ پۇلدارلار تۈزۈمىنى .ھەم ياپۇنيەنىڭ ئادىل تۈزۈمىنى ئۆگەنگەن،يەنىمۇ ئىلگېرلەپ مۇستەقىل ھالدا ئىمتىيازلىقلار تۈزۈلمىسىنى پەيدا قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رايۇن خارەكتېرلىك ئالاھىدە ئىمتىياز مەسىلىسى.بۇ نىمە دىگەن گەپ؟ ئەگەر سىز بالىڭىزنى نۇقتىلىق مەكتەپكە كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ،ئەڭ ياخشىسى ئۇنى بېيجىڭغا ئېلىپ كىلىڭ. مەن كۆپچىلىككە بىر سانلىق مەلۇماتنى تەمىنلەي،بېيجىڭ ،چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ بېيجىڭدىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 0.76%،خېنەندىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى 0.05%،يەنى بېيجىڭدىن قۇبۇل قىلىش نىسبىتى خېنەننىڭ بەش ھەسسىگە تەڭ. چۈنكى پەقەت بېيجىڭدىلا بېيجىڭ ،چىڭخۇا ئۇنۋېرىستىتىنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بار.شۇڭا ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش سانىنىڭ نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى .
    شۇ بۇيچە قارىساق ،سىلەر بالىلىرىڭلارنى داڭلىق مەكتەپتە ئۇقۇتماقچى بولساڭلار ،بالا بىلەن ئائىلە باشلىغى تەڭ جاپالىق تىرشىشى كېرەك ،بولمىسا ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن.بۇ ئىنتايىن ئاددى بولغان بىر لوگىكىلق مۇناسىۋەت.ئۇنداقتا بىزئازىراق بولسىمۇ ئۈمۈدنى كۈرەلىشىمىز مۇمكىنمۇ؟ مىنىڭچە مۇمكىن.مەن بېيجىڭنى مىسالغا ئالاي ،2012-يىلى ،بېيجىڭ شەھەرلىك ھۆكىمەت ‹‹بېيجىڭ شەھرىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۈچ يىللىق ئەمەلىي قۇرۇلۇش پىلانى ›› دەيدىغان بىر ھۆججەتنى ئېلان قىلدى.بۇنىڭدا ‹‹15 داڭلىق مەكتەپ ئەڭ ئىلغار مائارپ بايلىغىنى چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ،15 دانە ئۇقۇتۇشتا ئارقىدا قالغان ياردەمگە ئېتىياجلىق مەكتەپ بىلەن قۇل تۇتىشىدۇ››.شەھەر ۋە يېزىلارنى بىرلەشتۈرگەن مەكتەپتە ئۇقۇغان بالىلارنىڭ داڭلىق ئالى مەكتەپتە ئۇقۇش پۇرسىتى بۇلىدۇ.ئىككىنجى ،‹‹بىرلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ›› شەكلىنى ئەمەلىلەشتۈرش.يەنى ياپۇنيەنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىنى ئۆگىنىش،ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش.
    ئەڭ ئاخىردا مىنىڭ ھۆكىمەتكە بېردىغان تەكلىپىم ،تۇلۇقسىزغا ئۆرلەپ ئۇقۇش بىر تۇتاش ئىمتاھانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،ياپۇنيەنىڭ ئادىل مائارىپ تۈزۈمىنى ئۆگىنىش كېرەك.كىمنىڭ قابىلىيتى بولسا شۇ ئىمتاھاندا ئۇتۇپ چىقىدۇ،كىشلەرمۇ نەپرەتلەنمەيدۇ.ئىككىنجى ،‹‹ پۇللۇق ئۇقۇغۇچى››نىڭ چىقىشىنى  قەتئىي تۇسۇش كېرەك . ئادىللىق دەل بىزنىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغاندەك ،ئەگگر ئادىللىق ئەمەلگە ئاشسا ،ئىشىنىمەنكى بۇ دەل بىزنىڭ ئارزۇيىمىزدىكى مائارىپ تۈزۈلمىسى.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ