ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش ۋە خىزمەت > مائارىپ ۋە رىئاللىق > تولۇق مەزمۇنى

ئەنئەنىلىرىمىز ۋارسسىز قالمىسۇن

ۋاقىت : 2014-09-09 23:00 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئەنئەنىلىرىمىز ۋارسسىز قالمىسۇن

ۋارىسجان ئەھمەد

ئەنئەنىلىرىمىز ۋارسسىز قالمىسۇن

   بۈگۈنكى كۈندە شەھەر – بازارلاردىكى بىر قىسىم بالىلار ئەتىۋارلىق ھەم ئەركە. ئۇلار يېڭى زاماندا چوڭ بولغاچقا، ئۇچۇر – ئالاقە، زامانىۋى مەدەنىيەتكە تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ – ئادەت، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي ئەنئەنىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئەدەپ – ئەخلاق جەھەتتە چوڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەم ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى قانداق قىلىشنى ۋە قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ئانچە بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاتا – ئانا بولغاچقا، ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجى كاپالەتكە ئىگە بولسىلا كۇپايە، ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنىنى دەۋردىن كېيىن قالغان دەپ چۈشىنىدۇ.

   تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، شەھەر – بازارلاردا، ماددىي تۇرمۇش شارائىتى خېلى ياخشى ئائىلىلەردە چوڭ بولىۋاتقان پەرزەنتلەرنىڭ بىر قىسمىدا ئۆيىدە بار بولغان تەييار تاماق ياكى ناننى تېپىپ يېيىشنىمۇ بىلمەيدىغانلىرى، تاماق ۋاقتىدا ئائىلىدىكىلەر بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ غىزالىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، يان تېلېفون ياكى كومپيۇتېردا ئويۇن ئوينىغاچ غىزالىنىدىغانلىرى، ئۆيگە مېھمان كەلسە ئەدەپ بىلەن ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشۈش ۋە تىنچ ئامانلىق سوراش ئورنىغا ئايرىم ئۆيگە كىرىۋالىدىغانلىرى، چوڭلارنىڭ گەپلىرىگە لوقما سېلىپ، گەپ تالىشىدىغانلىرى، گەپ – سۆزگە دىققەت قىلماي، ئاغزىغا كەلگەننى بوغۇزىغا يۇتالماي دەۋېرىدىغانلىرى، يېزا – قىشلاقلاردىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلار، يېزىلىقلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغانلار، بىر ئاماللار بىلەن ئاتا – ئانىسى ياكى دوستلىرىنى ئالدايدىغانلار، يۈرۈش – تۇرۇشتا ئۆز مەدەنىيىتىدىن چانىدىغانلار، ئىش دېسە بېشى ئاغرىيدىغان، ئەمما پۇل خەجلەشتە سېخىيلار، باشقىلارغا ياردەم بېرىش ۋە ناچار ئىش ھەرىكەتلەرگە دادىل قارشى تۇرۇش ئورنىغا ناچار قىلمىشنى ئەتەي دورايدىغانلار يوق ئەمەس.

   يۇقارقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلىشىدە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ سۇسلىقى ۋە بالىلارنى مەكتەپ تەربىيەلەيدۇ، دەپ بىر تەرەپلىمە قارايدىغان ئاتا – ئانىلارمۇ يوق ئەمەس، باللار تەربىيەسى مەكتەپ ۋە ئائىلە تەربىيەسىنىڭ بىرىكمىسىدە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ تەسىرىدە يېتىلىدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان بىر قىسىم ئاتا – ئانىلارنىڭ ساپاسى ئەنە شۇ تۇرسا، ئۇلارنىڭ تەسىرىگە يولۇققان پەرزەنتلەردىن نارازى بولۇش ئارتۇقچە بولسا كېرەك. چۈنكى ئەنئەنە ۋە ئۆرپ – ئادەتنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ئاتا – ئانىلارنىڭ تەسىرىگە يولۇققان بالىلار ئاخىرىدا مىللىي خاسلىقنى قانداقمۇ داۋاملاشتۇرالسۇن؟ ئۆرپ – ئادەتنى قانداقمۇ ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلالىسۇن؟

   ئاتا – ئانىلارنىڭ پەزىلىتى پەرزەنت ئەخلاق قارىشىنىڭ نامايەندىسى، ئاتا – ئانىلارنىڭ تۇرمۇش قارىشى پەرزەنتنىڭ تۇرمۇشقا يۈزلىنىشى، ئاتا – ئانىنىڭ سەمىمىيىتى پەرزەنتنىڭ راستچىللىق تۇيغۇسىنىڭ ئىپادىسى، ئاتا – ئانىنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پەرزەنتنىڭ ئەستايىدىللىقىدۇر. بۈگۈنكى زاماندا چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىزغا نىسبەتەن ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆرپ – ئادەت تەربىيەسى بېرىشتە، قىز – ئوغۇللارغا ئورتاق ھالدا گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەت، مۇئامىلە جەھەتتىنلا ئەمەس، مۇھىمى ئەدەپ – ئەخلاق، ھايا – نومۇس، پەردىشەپ، ھۆرمەت ۋە ئىززەت، ۋاپادارلىق ھەم راستچىللىق تەربىيەسىنى بىرىش بىلەن بىرگە، دادا بولغۇچى ئوغۇلغا، ئانا بولغۇچى قىزغا ئۆرپ – ئادەت ۋە پەرھىزلەرنى بىلدۈرۈشى تولىمۇ زۆرۈردۇر.

   ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ناننى، ئاشنى قەدىرلەش، تۇزغا دەسسىمەسلىك؛ يىتىم – يېسىرلارغا ياردەم بېرىش، چوڭلارنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك، ئۇستازلىرىنى ھۆرمەتلەش؛ گەپ – سۆزدە سىلىق – سىپايە، ئەدەپلىك ھەم مەدەنىي بولۇش، ئەتىگەن تۇرۇش؛ ئادەمگە قاراپ تۈكۈرمەسسلىك، خەپرۈك تاشلىماسلىق ، مېھماننىڭ ئالدىدا ئەدەپسىز ھەرىكەتلەنى قىلماسلىق؛ باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك ھەم ئۆز – ئارا ماجرالاشماسلىق، سۇ ۋە مۇھىتنى بۇلغىماسلىق... قاتارلىق ئادەتلىرىمىزنىڭ رېئال ئەھمىيىتى تولىمۇ چوڭقۇر.

   ئۆرپ – ئادەت مىللەت پىسىخىكىسى ئاساسىدا ئەنئەنىۋى ئەخلاق تۈسى بىلەن يېتەكلەش، تەربىيەلەش، چەكلەش رولىنى ئوينىماقتا. دېمەك جەمئىيەتكە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشقا پايدىلىق بولغان، تەربىيەلەش رولى يۇقىرى بولغان ئادەتلىرىمىز ئاساسىدا ئىلمى تەربىيەۋى رولى بولغان ‹‹يامان بولىدۇ››لار ۋە ئەنئەنىۋى ئەخلاق بارلىققا كەلدى. ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بىر قىسىم ‹‹يامان بولىدۇ››غا ئوخشاشلا بىر قىسىم پەرھىزلەرنىڭ ئائىلە ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەختلىك، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشتا بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش ھەم چەكلەش كۈچى بولغاچقا، بۈگۈنگىچە قىممىتىنى يوقاتماي، قىز – ئايال، پەرزەنتلىرىمىزنى يېتەكلەشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەنئەنىۋىلىكتىن ياتلاشقان ئادەم ھامان خاراب بولىدۇ. ئىسراپخورلۇق، ھەشەمەتچىلىك پاتقىقىغا قانچە پاتقان ئادەم ھامان پۇشايمانغا قالىدۇ. چوڭلار ئالدى بىلەن ئائىلىسىگە، پەرزەنتلىرىگە مەسئۇل بولۇش تۇيغۇسى بىلەن ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئۆرپ – ئادەت بىلىمىنى سىڭدۈرۈشتە باشلامچى بولۇشى كېرەك. ئىللەت مىللەت ئۈچۈن كۈلپەت. ئىللەت تۈزەلمەيدىكەن مىللەتنىڭ ياخشى ئەنئەنىسىنىڭ تولۇق ئېتىراپ قىلىنىپ، باشقا مىللەتلەرنى ئۈزىگە رام قىلالىشى قىيىن. ئۆرپ – ئادەت بىر مىللەتكە نىسبەتەن بىر خىل بىلىمدۇر. ئۆرپ – ئادەت ۋە ئەنئەنە تەربىيەسى ئالدى بىلەن ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنى، جەمئىيەتتە ھەر بىر پۇقرانى يېتەكلەيدىغان بولغاچقا، ئۆرپ – ئادەت تەربىيەسىنى ئالدى بىلەن ئائىلىدە ئاتا – ئانا بالىلارغا سىستېمىلىق ۋە تەرتىپىلىك ئېلىپ بارغاندىلا، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى بولىدۇ. ئۆرپ – ئادەت تەربىيەسىدە كىيىنىش، يۈرۈش – تۇرۇش، ئىلمىي ئۇزۇقلىنىش، قىزلار تۆشۈككە پىشىش، ئوغۇللار ھۈنەر – كەسىپ ئىگىلەش، بالىلاردا شەرمى – ھايا، پەردىشەپ، ئار – نومۇس، راستچىللىق ھەم سەمىمىيەت بولۇش قاتارلىق ئۆرپ – ئادەت تەربىيەسىنى يېتەرلىك سىڭدۈرگەندە، بالىلار بىلەن چوڭلار، ئەرلەر بىلەن ئاياللار، قىزلار بىلەن ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى گەپ – سۆز، ئىش – ھەرىكەتنى يەنىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇپ، بالىلارنى ئەدەپلىك، مەدەنىي، ئەخلاقلىق، پاكىز، تەرتىپلىك، راستچىل، سەمىمىي، مېھرىبان قىلىپ تەربىيەلىگىلى بولىدۇ.

   ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ پەرقى قانچە كىچىك بولسا، قوبۇل قىلىش ھەم ئۆزلەشتۈرۈش شۇنچە قولايلىق بولۇپ، ئەل مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلەندۈرۈش ئاسان بولىدۇ. بالىلارغا ئۆرپ – ئادەت تەربىيەسىنى كۈچەيتكەندە، بالىلارنىڭ ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق قارىشىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ، جەمئىيەت تەرتىبىگە پايدىسىز ھەرىكەتنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئاتا – ئانىلار پەرزەنتىگە بولغان ئۆرپ – ئادەت تەرېبىيەسىگە سەل قارماسلىقى كېرەك.

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ