بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟
بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟
بىر قىسىم بالىلاردا پات-پات بۇرنى قاتنايدىغان ئەھۋاللار بار. بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كېتىدۇ. بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟
بالىلارنىڭ بۇرنى قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك:
بىرىنچى: بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، شىللىق پەردىدە قىل قان تومۇرلار بەك كۆپ بولىدۇ. بۇرۇن توسمىسى (ئىككى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تام)نىڭ ئالدى ۋە ئاستى تەرىپىدە تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇرۇن ئاسانلا سىرتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ۋە بۇرۇن قاناشنىڭ %90 مۇشۇ ئورۇندىن بولىدۇ. ئەگەر ھاۋا قۇرغاق ياكى ئۆينىڭ نەملىكى يېتەرلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى قۇرۇپ يېرىلىدۇ-دە، قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛
ئىككىنچى، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛
ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ بۇرنىنى تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقى يەنى بۇرۇننىڭ ئىككى تۆشۈكىنى چىڭ قىسىۋېلىپ ماڭقىسىنى تاشلىغاندا بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئىچ بېسىمى ئۆرلەپ، بۇرۇن شىللىق پەردىسىنىڭ يېرىلىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛
تۆتىنچى، بۇرۇننى كولاپ بۇرۇن شىللىق پەردىسىنى زەخىملەندۈرۈشتىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش؛
بەشىنچى، بەدەندىكى كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بۇرۇن قاناش. مەسىلەن، قان كېسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن قاناشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بالىلارنىڭ بۇرنى قاناپ كەتكەندە ئاتا-ئانىلار بەك ھودۇقۇپ كەتمەسلىكى كېرەك، بولمىسا بالا تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، قان تېخىمۇ كۆپ چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن بالىنىڭ بۇرۇنىنىڭ قايسى تەرىپىدىن قان چىققانلىقىنى ئېنىقلىۋېلىپ، ئاندىن قول بىلەن بۇرۇننىڭ ئىككى تەرىپىدىن بوش سىقىپ بېرىشى كېرەك. مۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بۇرۇن تۆشۈكلىرى ئارىسىدىكى ئاسان قانايدىغان شىللىق پەردىنىڭ ئورنىنى بېسىپ تۇرۇش بولۇپ، ئادەتتە ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە بېسىپ بەرسە قان ئۆزلۈكىدىن توختايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بالىنى ئولتۇرغۇزۇپ ياكى يېرىم ئولتۇرغۇزۇپ بەرسىمۇ بۇرۇننىڭ قان بېسىمى تۆۋەنلەپ قان توختايدۇ. ئەگەر قان بەك كۆپ چىقىپ كەتسە، بالىنىڭ پېشانىسىگە سوغۇق سۇ سېپىش ياكى لۆڭگىگە مۇز ئوراپ يېقىپ بەرسىمۇ يۈز قىسمىدىكى تومۇرلار تارىيىپ بۇرۇنغا بارىدىغان قان ئازلايدۇ ۋە ئىككى-ئۈچ مىنۇتتىن كېيىن قان كۆرۈنەرلىك ئازلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بالىلارنىڭ بۇرنى قانىغاندا بالىنىڭ بېشىنى پەس قىلىپ، ئۈستىگە قاراتماسلىق كېرەك. بولمىسا قان بالىنىڭ يۇتقۇنچىقى ئارقىلىق نەپەس يولىغا ئۆتۈپ كېتىپ تۇنجۇقۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ناۋادا يۇقىرىقى ئۇسۇللارنى قوللىنىپمۇ قان يەنە توختىمىسا بالىنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
(تەھرىر : سەپەر)
«بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپىق ئەمەس
- بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى
- بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟
- بالىلارغا شاكىلاتنى كۆپ بەرمەڭ
- بالىلار ئۇيقۇسىغا قانمىسا قان شېكىرى ئۆ
- ئۇيقۇسى ئاز بالىلار ئاسان سەمىرىپ كېتىد
- بالىلار ۋە ئالتە خىل يىمەكلىك
- بوۋاق ھارۋىدا كۆپ ئولتۇرسا..
- بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق كۆرۈلسە...
- بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى
- ئېلىكتىر ماگىنت دولقۇنى باللارنىڭ يېتى
- بالىلار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا
- قىشتا بوۋاقلارنى يۇيۇشتا..
- بالىلارنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ ئاغرىشى كالت
- ئەخلەت يىمەكلىكلەر خالىغانچە يېزا بالل
- ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇقلار بالىلارنىڭ ئ
- بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمىكىگە دىققەت قىل
- بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپ
- بالىلارنىڭ بۇرنى نېمە ئۈچۈن قانايدۇ؟
- بالىلارغا شاكىلاتنى كۆپ بەرمەڭ
- بالىلار ئۇيقۇسىغا قانمىسا قان شېكىرى ئۆرلەپ
- ئۇيقۇسى ئاز بالىلار ئاسان سەمىرىپ كېتىدۇ
- بالىلار ۋە ئالتە خىل يىمەكلىك
- بوۋاق ھارۋىدا كۆپ ئولتۇرسا..
- بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق كۆرۈلسە...
- بالىلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇخلىشى مۇۋاپ
- ئېلىكتىر ماگىنت دولقۇنى باللارنىڭ يېتىلىشىگ
- بالىلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتى چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى
- چىنىقىشنىڭ كام بولۇشى ‹‹پارنىك بالا›› لارن
- بوۋاقلار قەۋزىيەت بولۇپ قالسا قانداق قىلىش ك
- كىچىك بالىلار سۇ ئۈزگەندە نىمىلەرگە دىققەت ق
- ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ زىيىنىنى بىلىۋېلىڭ
- بالىلارنىڭ چىشىنىڭ رەتسىز ئۆسۈپ قېلىشنىڭ سەۋ
- قۇۋۋەت ئىچىملىكى بىخەتەرمۇ؟
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىڭىزدا ‹‹چۈش سەيلىسى›› كېسەل
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- ئېمىتىش ۋاقتى قانچىلىك بولسا مۇۋا
- بالىلار نېمىشقا تاماقتىن چىقىپ قا
- بالىلارنى بارغانسېرى دۆت قىلىپ قويىدىغان يېم
- سەرگەردان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلغانلىق - ئە
- ۋاكسىنىغا مۇناسىۋەتلىك خاتا قاراشلار
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە
- بالىلار نېمىشقا شورپا ياكى قايناق
- 12 ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچ
- بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلې
- بالىلارغا زىيانلىق ئون قىلىق.