تۆش تالىشىش ئويۇنى
تۆش تالىشىش ئويۇنى
ئۈزۈم ۋە كارىزلىرى بىلەن جاھانغا مەشھۇر يۇرت −تۇرپاندا قىزىقارلىقلىقى بىلەن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە بىر ئادەت شەكىللىك ئويۇن − يىگىتلەرنىڭ تۆش تالىشىش ئويۇنى بار.
تويى بولغان قىز يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئالدى بىلەن، قېيىنئانا بولغۇچى قىز چۈشۈرۈلگەن ھوجرىغا كىرىپ، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قولۇم-قوشنىلار ئالدىدا قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىپ قايتىپ چىقىدۇ. ئاندىن يىگىت بېشى ئىككى نان ئارىسىغا ئېلىنغان بىر پارچە خام تۆش گۆشى، بىر چىنە چاي، ئىككى تەخسە مېۋە، ئىككى تال ئالمىنى پەتنۇسقا ئېلىپ يىگىتلەرنى باشلاپ قىز ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىدۇ ۋە:
قارغا قارلىق تاشلىدۇق،
يامغۇرغا ياغلىق تاشلىدۇق.
بۇ چىرايلىق قىزلارغا
بېيىت ئېيتىشنى باشلىدۇق. ..
دەپ توختىماي بېيىت ئېيتىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەڭگە بولغۇچى يىگىت بېشىنىڭ قولىدىن پەتنۇسنى ئالىدۇ. ئۇ پەتنۇستىكى بىر پارچە خام تۆش گۆشىنى ۋە ئىككى تال ئالمىنى ئېلىپ قېلىپ، يەنە شۇ ئىككى نان ئارىسىغا پىشۇرۇلغان ئىسسىق تۆش گۆشىنى ئېلىپ، ئىككى تەخسە مېۋە بىلەن بىللە پەتنۇسقا سېلىپ يىگىت بېشىغا قايتۇرۇپ بېرىدۇ ھەم:
ئۇ ئېرىقنى ئاتلىدۇق،
بۇ ئېرىقنى ئاتلىدۇق.
سېمىز قوينىڭ تۆشىنى
يىگىتلەرگە ئاتىدۇق.
دېگەندەك بېيىتلارنى ئېيتىپ، تۆش گۆشىنى رازىمەنلىك بىلەن بەرگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يىگىت بېشى پەتنۇسنى ئالغاندىن كېيىن، مېۋىلەرنى قىزلارغا چېچىپ بېرىدۇ. ئاندىن قىزلارغا رەھمەت ئېيتىپ، تۆشنى ئالغان پېتى يىگىت ئولتۇرغان ئۆيگە كىرىپ، يىگىتكە بىر چىشلەم چىشلىتىدۇ. كەينىدىنلا قالغان يىگىتلەر تۆشنى تالىشىپ بىر چىشلەمدىن يېيىشىدۇ، يېمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ.
تۆش تالىشىش ئويۇنى تۇرپاندىكى تويلارنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، قىزىقىدەك بىلىنسىمۇ، ئەمما ئۇنى بىر تارىخىي مەدەنىيەت ئالامىتى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىش مەلۇم قىممەتكە ئىگە، دەپ قارايمەن. شۇڭا، بۇ ھەقتە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىللە، ئۇنى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار نۇقتىلارنى تەتقىق قىلىشنى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىگە ھاۋالە قىلدىم.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«تۆش تالىشىش ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىس
- بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پىسىخىكىسىغا قا
- ‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى
- ‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى
- ‹‹ئاداش ــ ئاداش›› ئويۇنى
- سالما تاشلاش ئويۇنى
- ‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى
- پىلانلىق بالا
- تاپالامسىز؟
- ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى
- ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
- ‹‹سۇناي›› ئويۇنى
- ‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
- ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
- ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى
- ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-07-18 20:07