ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2013-04-29 20:39 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى

  ‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئارىسىدا كەڭ تارقالغان، مەزمۇن ۋە شەكىل ئۆزگىچىلىكى تەربىيەۋى ئەھمىيىتى بىلەن بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، ۋاقىت، ئورۇن، قاتنىشىدىغان ئادەن سانى جەھەتتە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇ ئويۇننى يىلنىڭ قايسى پەسلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇۋاپىق مەيدان ۋە ۋاقتتا قىز ــ ئوغۇللار ئارىلىشىپ ياكى ئايرىم ــ ئايرىم ئوينىسا بولىۋېرىدۇ.

      ئويۇنغا قاتنىشىدىغان بالىلار پاكىز، رەتلىك كىيىنىپ بەلگىلەنگەن جايغا توپلانغاندىن كېيىن، خالىغان يەردە ئولتۇرۇشىدۇ ياكى ئۆرە تۇرۇشىدۇ، ئاندىن ئۆزلىرى ئىچىدىن بىر ‹‹ئانا ›› تەيىنلەيدۇ. ‹‹ئانا›› ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋال رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك تەرتىپ - قائىدە ۋە خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھەرخىل ‹‹جازا››لارنى ئېلان قىلىدۇ. ‹‹لام ــ جىم›› ئىجازىتى بېرىلىش بىلەن تەڭ ئويۇن باشلىنىدۇ، بالىلار چەمبەر شەكىللەندۈرۈپ زوڭ ئولتۇرۇپ ياكى ئۆرە تۇرۇپ بىر ــ بىرىگە چېكەتكىدەك تىكىلىدۇ، لېكىن ئېغىزنى مەھكەم يۇمۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە ھەممەيلەن بىر ــ بىرىنى قاتتىق كۆزىتىدۇ. ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار تەرتىپكە، ئويۇننىڭ ھەرخىل بەلگىلىملىرىگە ئەمەل قىلىشى، ئويۇن جەريانىدا باشقىلارنى گەپكە تۇتماسلىقى ۋە كۈلمەسلىكى، ئېغىز، بۇرۇن، كۆز، قۇلاق قاتارلىق ئەزالىرىنى ئىشقا سېلىپ قىلىق چىقارماسلىقى، ئۆزئارا پىچىرلاشماسلىقى، ھەتتا ‹‹ئىشارەت تىلى››مۇ ئىشلەتمەسلىكى كېرەك. بۇلارغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنى سەزگەن ھامان ‹‹ئانا›› بولغۇچىغا مەلۇم قىلىپ، ئويۇنغا يېڭى مەزمۇن بېغىشلاش ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹ئانا›› بولغۇچى دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇپ، ئويۇن ئىشتىراكچىلىكلىرىنىڭ ئىنكاسىغا قۇلاق سېلىشى ۋە ئادىل ‹‹ھۆكۈم›› چىقىرىشى كېرەك.

      ئويۇن بىرەر بالىنىڭ غەيرىي قىلىقى سىزىلگەنگە قەدەر بىرخىل تەرىزدە داۋاملىشىدۇ. ‹‹قىلمىش››ىغا يارىشا ‹‹جازا››غا تارتىلغۇچى شۇ مەيداندىلا بالىلار يۇمۇرىدىن بىر نەچچىنى دەپ ياكى بىرەر قىسقا ھېكايە سۆزلەپ بېرىپ، ئويۇنداشلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئارقىلىق ‹‹گۇناھ››ىنى يۇيىدۇ، ئاندىن ئويۇن يەنە يېڭىۋاشتىن ئوينىلىدۇ.

      بۇ ئويۇن بالىلارنى قائىدە ــ يوسۇنلۇق، ئېغىر ـــ بېسىق، سەۋرچان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ، ئۆزىنى ئۆزى باشقۇرۇشقا ئۈندەيدۇ.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(4)
66.7%
ناچاركەن
(2)
33.3%

«‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئالدىنقىسى:پىلانلىق بالا
كېيىنكىسى: سالما تاشلاش ئويۇنى
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ