ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

ئاداش – ئاداش ئويۇنى

ۋاقىت : 2011-10-08 15:05 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

  ئاداش – ئاداش ئويۇنى

 

    « ئاداش ئاداش ئويۇنى » ھازىرغىچە يېزا قىشلاقلاردا ئوغۇللار ئويناپ داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئويۇنلارنىڭ بىرىدۇر . ئويۇننى باشلاش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ : ئۈچ ئوغۇل بالا قاتار تىزىلىپ بىر بىرىنىڭ دولىسىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ ، بىر پۇتلاپ تاقلاپ سەكرەپ ، قوشاق ئېيتىش بىلەن تەڭ ئويۇننى باشلايدۇ . ئۇلار شۇ تەرتىپتە تاقلاپ قولىنى مۈرىگە قويۇپ توختىماي سەكرەپ مەھەللىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ ۋە سەكرەش جەريانىدا باشقا ئوغۇللارنىمۇ سەپكە قوشۇلۇشقا چاقىرىدۇ .

     ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟

     مۆرەيدىغان كالا بارمۇ ؟

     مەھەللىدە بىز بىلەن ،

    ئاداش بولار بالا بارمۇ ؟

   دېگەن قوشاق بىلەن تەڭ سەپكە قېتىلىدىغان بالىلار پۈتۈنلەي قوشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ، بارلىق ئويۇنغا قاتناشقان بالىلار بىرلىكتە :

    ئاداش ئاداش بولايلى ،

    ئالما قېقى شورايلى .

    تالىشىپ يېگەچ بىر ناننى ،

    دەريا بويى بويلايلى .

                        ئاداش ئاداش بولايلى ،

                        ئالما قېقى شورايلى .

                        ئۇلۇغ ناننىڭ بويىدا ،

                       بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى .

     چېم چۆچىكىم ، چىم چۆچەك ،

     ئوتتۇرىسى كۆلمەنچەك ،

     سۇ قۇيسام تېشىپ كەتتى ،

     ئۆمىلىپ قېچىپ كەتتى .

                      كېلىڭ دوستلار ئوينايلى ،

                      ئاداش ئاداش بولايلى .

                      بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى ،

                      ئايرىلماس دوست بولايلى .دېگەندەك قوشاقلارنى ئۈنۈملۈك ، تەرتىپلىك ، رېتىملىق ئېيتىدۇ .

       بۇ ئويۇن بالىلارنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ ، قىش پەسلىدە ئوينالسا بالىلارنىڭ سوغۇقتىن مۇداپىئەلىنىش ، قورقماس ، چىدامچان خاراكتېرىنى يىتىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە كۆڭۈل ئېچىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

      بۇ ئويۇننىڭ ئەڭ جەلپكار نۇقتىسى تىل بۆلىكىدە بولۇپ ، بۇ ئويۇندا ئېيتىلغان قوشاقلار بالىلارغا خاس چۈچۈك تىلى ، ئاددىي قاپىيە ، رېتىملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە ، بۇ ئويۇندا ھەرىكەت بىلەن سەنئەت تەبىئىي ھالدا بىرلەشتۈرۈلۈپ ، ئويۇننى تەشكىللىك ھالدا ناخشا قوشاق پائالىيتىگە ئايلاندۇرىدۇ . بۇ قوشاقلار مىللىتىمىزنىڭ ناخشا قوشاقچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ بالىلار ئويۇنلىرىدىكى جانلىق ئىپادىسى .

     بۇ ئويۇننىڭ « ئاداش ئاداش ئويۇنى» دېگەن نامىدىنلا ئويۇننىڭ ھەمدەملىككە ، بىرلىكلىككە سىمۋول قىلىنغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس . بۇ ھەم بالىلارنىڭ ئۆملۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلىسە ، ھەم بالىلارنىڭ ئويۇندىن تەڭ ھوزۇرلىنىش ، بەھىرىنىش ھېسسىياتىنى ئىنكاس قىلىدۇ .  

 

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(6)
85.7%
ناچاركەن
(1)
14.3%

« ئاداش – ئاداش ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ