ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2011-12-18 05:20 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : م.قانات | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى

 

   ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئويۇنلىرىنىڭ بىرى. مەشھۇر ئالىمىمىز مەھمۇد كەشغەرى بۇ ئويۇن ھەققىدە توختىلىپ: ‹‹ئىلەڭگۈچ–گۈلەڭگۈچ قىزلار ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇننىڭ نامى، ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچى بىر ياغاچقا ياكى لىمغا باغلىنىدۇ، ئوتتۇرىسىغا بىر قىز ئولتۇرىدۇ، پۇتلىرى بىلەن يەرنى تېپىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بەزىدە ئۆرلەپ، بەزىدە پەسلەيدۇ›› دېگەن (‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››3–توم، 518–بەت). دېمەك، بۇ ئويۇن ئەزەلدىنلا ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرىنىڭ ياخشى ئەرمىكى بولغان.

   بۇ ئويۇن ئادەتتە ئەتىياز، ياز ۋە كۈز كۈنلىرى دەل–دەرەخلىك ئېرىق–ئۆستەڭ بويلىرىدا، ئورمانلىقلاردا قىز ئۆسمۈرلەر تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ، بۇ ئويۇننى 7–15ياشقىچە بولغان قىزلار ئوينايدۇ.

   ئىلەڭگۈچ ئارغامچىنىڭ ئىككى ئۇچىنى ئىككى تۈپ دەرەخكە ياكى دەرەخنىڭ چوڭ ئىككى شېخىغا چىگىپ، ئوتتۇرىسى يەرگە تېگىپ قالمىغۇدەك قىلىپ سېلىنىدۇ. قىزلار تۆت–بەشتىن بۆلۈنۈپ نۆۋەت بىلەن ئوينايدۇ. ئىلەڭگۈچ ئوينىغۇچى ئىككى تال ئارغامچىنى چىڭ تۇتۇپ كەينىگە يېنىپ، بىر پۇتىنى ئىلەڭگۈچ تاختىسىغا ئېلىپ، يەنە بىر پۇتىنى يەرگە تىرەپ تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئىتتىرىپ قويۇشى ياكى ئۆزىنى كۈچەپ ئالدىغا ئېتىش ئارقىلىق پۇتىنى يەردىن ئۈزۈپ ئۇچۇشقا باشلايدۇ. دەسلەپتە پەسرەك ئۇچىدۇ، كېيىن ئالدى– كەينىگە كۈچەپ رىتىملىق سىلكىنىپ بارغانسېرى ئېگىز ئۇچىدۇ. ئۇچۇش قانچە ئېگىز بولسا، ئۇچۇش تېزلىكى شۇنچە ئاشىدۇ. بىر قىز ئىلەڭگۈچ ئۇچۇۋاتقاندا پەستە نۆۋەت كۈتۈۋاتقانلار:

ئىلانى،

گۇچانى،

چىمچاچاق،

كىم ئويناق.

مېنىڭ بالام تورغايچاق،

... ...

 

ھويت،ھويت،ھويت،

ماڭا قاراڭ،

بەسلىكى نار،

مەسلىكى بار.

بوز تايچاق

... ...

 

دېگەنگە ئوخشاش ئىلەڭگۈچ قوشىقىنى ئېيتىدۇ. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىلەڭگۈچ ئۇچقۇچىنىڭ قانائەتلەنگەندىن كېيىن باشقىلارغا ئۆتۈنۈشى ئارقىلىقلا بولىدۇ.

بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق تەن ساغلاملىقىنى ئاشۇرىدۇ، ئۆزئارا ئۆتۈنۈش، يول قويۇش، ياردەملىشىش قاتارلىق ئەخلاقىي پەزىلەتنى يېتىلدۈرىدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
م.قانات تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-13 16:12 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-13 22:08
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ