‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى
‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى
‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى ‹‹توك كەتتى››، ‹‹ئۇرۇش كەتتى›› دېگەنگە ئوخشاش ناملار بىلەن كەڭ تارقالغان قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر قايسى پەسىللەردە قىز – ئوغۇللارنىڭ ئوينىشىغا باب كېلىدۇ. مۇۋاپىق ئويۇن سورىنى قىلىپ تاللىنىدۇ، ئويۇنغا ئادەتتە 5 – 10 بالا قاتنىشىدۇ.

بالىلار ئويۇننى باشلاشتىن ئاۋۋال قاتارغا تىزىلىپ تۇرىدۇ. ‹‹ئانا›› بولغۇچىلار قاتارنىڭ ئىككى بېشىدا تۇرۇپ ئويۇننىڭ تەرتىپى، قائىدىلىك ئوينىلىشى، سەپنىڭ بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى، شۇنىڭدەك ھەر خىل ئۇقۇشماسلىقلار تۈپەيلى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان تاسادىپىيلىقلارغا مەسئۇل بولىدۇ. ئويۇن قاتارنىڭ بىر بېشىدىكى ‹‹ئانا››نىڭ ‹‹موت كەتتى – توك كەتتى›› دېگىنىچە يېنىدىكى بالىنىڭ دولا ياكى دۈمبىسىگە بوشراق ئۇرۇشى بىلەن باشلىنىدۇ. ئويۇن باشلىغان ‹‹ئانا››نىڭ يېنىدا تۇرغان بالىمۇ بايىقى پەدىدە يېنىدىكى بالىنى نوقۇيدۇ. ئويۇن شۇ ئۇسۇلدا قاتارنىڭ بۇ بېشىدىن باشلىنىپ ئۇ بېشىدا، ئۇ بېشىدىن باشلىنىپ بۇ بېشىدا ئاخىرلىشىدۇ. تەلەپ شۇكى، ئويۇنغا قاتناشقان ھەربىر بالا سەپنىڭ بەلگىلەنگەن يېرىدە ئالدى تەرەپكە قاراپ تەرتىپلىك تۇرۇشى، بىر – بىرىنى گەپكە تۇتماسلىقى، ‹‹موت كەتتى›› نۆۋىتىنىڭ كېلىپ قېلىشىغا دىققەت قىلىپ ئويۇننى ئاقسىتىپ قويۇشتىن ساقلىشى، ئويۇننىڭ قائىدىلىرىگە بويسۇنۇشى، ‹‹موت كەتتى››نى باھەنە قىلىپ يېنىدىكىلەرنى قاتتىق ئۇرماسلىقى، كەلسە – كەلمەس ۋارقىراپ ئويۇن تەرتىپىنى بۇزماسلىقى، ئۆز سەۋەنلىكى تۈپەيلى بېرىلگەن ‹‹جازا››نى ياۋاشلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ ئويۇننىڭ نورمال داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ‹‹موت كەتتى›› نۆۋىتىدە پەقەت قولىنىلا ئىشلىتىشى، بولۇپمۇ قىز بالىلارغا سىلىق – سىپايە بولۇشى لازىم.
بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق كىچىكىدىن قائىدە ئۆگىنىدۇ، سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ، ھازىر جاۋابلىق بىلەن چاققان ھەرىكەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پىسىخىكىسىغا قانداق توغرا يېتەكىچىلىك قىلىش كېرەك؟
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىس
- بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پىسىخىكىسىغا قا
- ‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى
- ‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى
- ‹‹ئاداش ــ ئاداش›› ئويۇنى
- سالما تاشلاش ئويۇنى
- ‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى
- پىلانلىق بالا
- تاپالامسىز؟
- ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى
- ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
- ‹‹سۇناي›› ئويۇنى
- ‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
- ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
- ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى
- ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى