ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

سالما تاشلاش ئويۇنى

ۋاقىت : 2013-04-29 20:41 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

سالما تاشلاش ئويۇنى
 

سالما تاشلاش – ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر، قازاق، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى پائالىيىتى.

      سالما تاشلاش: ھازىرقى زامان ماھارەت تەنتەربىيەسى ۋە مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە تۈرى بولمىسىمۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا، چەبدەس، پاراسەتلىك، قەيسەر چەۋەنداز بولۇپ چىقىشىدا ئىنتايىن چوڭ رولغا ئىگە تەنھەرىكەت تۈرى دېيىشكە بولىدۇ.

      سالما تاشلاشنىڭ ئۈچ خىل ئۇسۇلى بار.

      1. دىيامېتىرى ئىككى سانتىمېتىر، ئۇزۇنلۇقى ئىككى، ئۈچ مېتىر كېلىدىغان تۈز شاخنىڭ ئۇچىغا قۇرۇق بېغى چىگىپ سالما ياساپ تۇسۇن ئاتلارنى ئاتلىق قوغلاپ يېتىپ، سالما تاشلاپ تۇتۇش؛ 

      2. كۆندۈرۈلمىگەن ئاتلانى تۇتۇشتا، ئۇزۇن ئارقاننىڭ بىر ئۇچىغا قۇرۇق بېغى ياساپ ئۇنى ياغاچنىڭ ئۇچىغا ئورنىتىپ، تۇتماقچى بولغان ياۋا ئاتقا ئاتلىق قوغلاپ يېتىپ، قۇرۇق بېغىنى ئات بېشىغا كىرگۈزۈپ، ياغاچنى تاشلىۋېتىپ ئارقاننىڭ يەنە بىر ئۇچىنى تارتىش ئارقىلىق تۇتۇش؛

      3. ياۋا ئاتلارنى ئاتلىق قوغلاپ سالمىنى ئاتنىڭ بېشىغا تاشلاپ كىرگۈزۈپ، ئارقاننى تارتىپ سىرتماقنى چىڭىتىپ تارتىش ئارقىلىق تۇتۇش.

      يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل سالما تاشلاش ئۇسۇلىنىڭ 2 –، 3 – خىل تۇتۇش ئۇسۇلىدا ئۇزۇن بىر مەزگىللىك تەكرار مەشىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پىشقان سالمىچىلار بۇ ئىككى خىل تۇتۇش ئۇسۇلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.

      چارۋىچىلار ئۆز بالىلىرىنى كىچىكىدىنلا ماھارەتلىك پىشقان بىر سالمىچى قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تەكشىلىككە دىيامېتىرى 10 – 12 سانتىمېتىر، ئېگىزلىكى 1.5 مېتىر ئەتراپىدا بىر ياغاچ قوزۇق قېقىپ 10 – 15 مېتىر يىراقلىقتىكى ئورۇندىن قوزۇققا (سالما كۆزى) سالما تاشلىتىپ مەشىق قىلدۇرىدۇ. بۇ خىل مەشىقتە پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن، ئاتلىق كېلىپ قوزۇققا سالما تاشلاشنى مەشىق قىلدۇرىدۇ. بۇ خىل مەشىقلەردە بالىلارنى زېرىكىشلىك ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ئاۋۇلدىكى (چارۋىچىلىق رايونىدىكى) بالىلارنى قوزۇققا سالما تاشلاش بويىچە مۇسابىقىگە سالىدۇ. بالىلارنى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا مەشىقلەندۈرۈپ ئۇلارنىڭ رىقابەتلىشىش، بەسلىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

      سالما تاشلاش ھەرىكىتى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى بولۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، شارائىتى بار رايونلاردا بۇ ھەرىكەتنى قائىدىگە سېلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، ئات يورغىلىتىش، تۆگە بەيگىسى قاتارلىق تۈرلەرگە ئوخشاش مۇسابىقە تۈرى قىلساق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تازا مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ بىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە ئىشلىرىدا تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلىرىمىزدۇر.

      ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ياشاش شارائىتىغا ماس، مىللىي پۇراققا ئىگە تەنھەرىكەت تۈرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بۇ تەنھەرىكەت تۈرلىرى ۋە ئويناش قائىدىسى يېزىپ قالدۇرۇلمىغان. 1984 – يىلىدىن باشلاپ بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە قېزىش – رەتلەش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە 140 تۈردىن ئارتۇق تەنتەربىيە ۋە ئويۇن تۈرلىرى رەتلىنىپ ‹‹شىنجاڭ مىللىي تەنتەربىيە››سى نامى بىلەن ئىككى كىتاب چىقىرىلدى. كۆپلىگەن تۈرلەر بىرقەدەر ئىلمىيلاشتى، قائىدىگە سېلىندى. لېكىن سالما تاشلاش قېلىپلاشقان قائىدىگە سېلىنمىدى. ئەگەر بۇ پائالىيەتنىڭ مۇسابىقىلىشىش قائىدىسىنى تۈزۈپ، مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنلىرىغا چىقارساق ئاجايىپ كاتتا تەنھەرىكەت تۈرى بولاتتى.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(2)
50%
ناچاركەن
(2)
50%

«سالما تاشلاش ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ