ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > پەرزەنت تەربىيسى > بالىلار ئويۇنلىرى > تولۇق مەزمۇنى

‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى

ۋاقىت : 2013-04-29 20:44 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم

‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى

‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا، خۇسۇسەن خوتەن رايونىدا ئومۇملاشقان، بالىلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرىدىن بىرى. بۇ ئويۇننى ئوغۇللار قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىرىدە مەيدان ياكى چىملىقتا ئوينايدۇ. ئويۇندا ئادەتتىكى خام يىپتىن ئالما شەكلىدە چىرايلىق ياسالغان توپ ئويۇنچۇق قىلىنىدۇ.

      بۇ ئويۇنغا قانچە بالا قاتناشماقچى بولسا توپ بىمالال پاتقۇدەك شۇنچە تۆشۈك ئايلانما ھالەتتە كولىنىپ، بىر چەمبەر ھاسىل قىلىنىدۇ. ھەربىر بالا بىردىن تۆشۈكنى ئىگەللەيدۇ، تۆشۈكلەرنىڭ  ئارىلىقى 40 ــــ 50 سانتىمېتىر بولسا بولىدۇ. چەمبەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا ئەتراپتىكى تۆشۈكلەردىن چوڭراق بىر تۆشۈك كولىنىدۇ، بۇ تۆشۈك ‹‹ئوردا تۆشۈكى›› دېيىلىدۇ.

‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى

      ئويناش ئۇسۇلى: مۇسابىقىلەشكۈچىلەر بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، چەك تاشلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تۆشۈكلەرگە توپ تاشلىغۇچى بەلگىلەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن بەش مېتىرچە ئارىلىقتىن ئوردا تۆشۈكىگە توپ تاشلاش باشلىنىدۇ. ئەگەر تاشلانغان توپ ئوردا تۆشۈكىگە چۈشمەي، توپ ئاتقۇچىنىڭ تۆشۈكىگە چۈشۈپ قالسا ياكى ھېچقايسى تۆشۈككە چۈشمىسە، توپ تاشلاش نۆۋىتى يەنىلا شۇ بالىدا بولىۋېرىدۇ. ناۋادا تاشلانغان توپ باشقىلارنىڭ تۆشۈكىگە چۈشۈپ قالسا، توپ تاشلاش نۆۋىتى توپ چۈشكەن تۆشۈك ئىگىسىگە ئۆتىدۇ. ئەگەر تاشلانغان توپ ئوردا تۆشۈكىگە چۈشسە، توپ تاشلىغان بالا توپنى دەرھال تۆشەكتىن ئېلىپ، باشقىلارنى قوغلاپ تاكى قېچىش پەللىسىگە بېرىۋالغۇچى توپ بىلەن ئۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ ۋەزىپە تەلەپكە لايىق ئورۇندالسا، توپ تاشلاش نۆۋىتى ئۇرۇلغۇچىغا ئۆتىدۇ؛ ئەگەر ئورۇندالمىسا توپنى يەنىلا شۇ بالىغا تاشلايدۇ.

      ئەگەر ئوردا تۆشۈكىگە توپ چۈشۈرگەن بالا قېچىش پەللىسىگە قاراپ قېچىۋاتقان ئەزالارنى توپ بىلەن ئۇرۇۋالسا ۋە ئۇرۇلغۇچى بالا دەرھال توپنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇرۇۋالغۇچى بالىنى قېچىش پەللىسىگە بېرىۋالغۇچە يەنە قايتۇرۇپ ئۇرۇۋالسا، توپنى يەنىلا دەسلەپ توپ تاشلىغان بالا تاشلايدۇ. قېچىش ئارىلىقى ھەربىر ئەزانىڭ تۆشۈكى ئۇدۇلىدىن 30 مېتىر يىراقلىقتا بولىدۇ. توپنى ھەركىم ئۆز تۆشۈكى ئۇدۇلىدىن بەش مېتىر نېرىدا تۇرۇپ تاشلايدۇ.

      بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق يۈگۈرۈش تېزلىكىنى قەدەممۇقەدەم ئاشۇرۇپ، خېلىلا ئوبدان بەدەن چېنىقتۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ؛ نىشانلىق، مەقسەتلىك ئىش قىلىشنى ئۆگىنىدۇ؛ باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىش تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(1)
25%
ناچاركەن
(3)
75%

«‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ