ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹بۆشۈك ئويۇنى››
ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹بۆشۈك ئويۇنى››
‹‹بۆشۈك ئويۇنى›› ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ياقتۇرۇپ ئوينايدىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن بولۇپ، قىزلارنىڭ ئائىلىۋى تەربىيە ئېلىشىدا، ياخشى ئەخلاق يېتىلدۈرۈشىدە بەلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ ئويۇن ئۇيغۇرلار بۆشۈكتىن پايدىلىنىپ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ھەر جەھەتتىن ساغلام يېتىلدۈرۈشكە ئادەتلەنگەندىن باشلاپلا، ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئارىسىغا سىڭىپ كىرگەن ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ، بۈگۈنكى كۈندىكى تاكامۇللاشقان ‹‹بۆشۈك›› ئويۇنى ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى بۇ ئويۇننى 3-4 ياشقا كىرگەندىن باشلاپلا ئوخشىمىغان ئۇسۇل ۋە سەۋىيىدە ئويناپ، مەكتەپ يېشىغا يەتكەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدۇ.
‹‹بۆشۈك›› ئويۇنى ھەرقانداق پەسىلدە ئوينالسا بولۇۋېرىدۇ. ئورۇن جەھەتتە ئۆي-ھويلا، دەرەخ سايىسى چۈشىدىغان پاكىز سەينالاردا ۋە يەسلىلەردە ئوينىلىدۇ، بۇ ئويۇننى ئادەتتە ئاز بولغاندا بىر، كۆپ بولغاندا بىر قانچە قىز ئوينايدۇ.
بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن قىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىگە لايىق بىر بۆشۈككە، شۇ بۆشۈككە لازىملىق ھەرخىل ‹‹جابدۇق›› ۋە قوشۇمچە سايمانلارغا ئىگە بولىدۇ، ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى ۋە ئانىسىدىن ئۆگىنىۋالغانلىرى بويىچە بۆشۈكنىڭ ھەممە سايمانلىرىنى تەرتىپ بويىچە ئۆز ئورنىغا جايلاشتۇرىدۇ. پارچە-پۇرات لاتىلاردىن پايدىلىنىپ ئوغۇل ياكى قىز ‹‹بالا›› ياسايدۇ.
قىزلار ئاۋۋال بۆشۈك، ‹‹جابدۇق›› ۋە ‹‹بالا›› لارنى ئېلىپ خالىغان بىر مەيدانغا بېرىپ، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىدىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنىدۇ، ئاندىن شۇ قېتىملىق ئويۇنغا قانتاشقۇچىلار ئارىسىدىن بىر قىزنى ئويۇننى باشلاپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ ياكى كىمنىڭ باشتا ئوينىشىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق بېكىتىدۇ. بىر قىز ئويناۋاتقاندا، قالغانلار ئۆز بۆشۈكلىرى ۋە ‹‹بالا›› لىرىنى بىر يانغا قويۇپ، ئوينىغۇچىنىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ تۇرىدۇ، ئەگەر شۇ نۆۋەتلىك ئويۇنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى تەڭ ئويناشقا توغرا كەلسە، ھەممەيلەننىڭ تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن ئويۇننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاپ، بىر پۈتۈن جەرياندىن كېيىن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. مەيلى بۇ ئويۇنغا قاتناشقۇچىلار تەڭ ئوينىسۇن ياكى بىرەيلەن ئويناپ قالغانلار قاراپ تۇرسۇن، ئوخشاشلا بۆشۈكنىڭ باش ئايىغىنى پەرق ئېتىپ، ‹‹ھودا››، ‹‹جاك››، ‹‹جاك چەمبىرىدىكى››، ‹‹شۈمەك››، ‹‹زاكا››، ‹‹قولتارتقۇ››، ‹‹ياستۇق›› قاتارلىق جابدۇقلىرىنى ئۆز تەرتىپى بىلەن ئۆز جايىغا رەتلىك قويۇپ، ‹‹بالا›› نى ياتقۇزۇپ بۆشۈككە بۆلەيدۇ. بۆلىنىپ بولغان ‹‹بالا›› نىڭ ئۈستىگە بۆشۈك ياپقۇچىنى يېپىپ، ‹‹بالا›› نى ‹‹ئەللەي›› ئېيتىپ ‹‹ئۇيقۇ›› غا كىرگۈزىدۇ، ھەتتا بەزى قىزلار ئانىسىدىن ئۆگىنىۋالغان ئەللەي ناخشىلىرىنى ئېيتىدۇ
ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى بۇ ئويۇن ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چوڭ قىلىشتا سەرپ قىلغان يۈرەك قېنى قاتارلىقلارنى ئاز-تولا تونۇپ يېتىپ، ئاتا-ئانا قەدرىگە، بولۇپمۇ ئانىنىڭ قەدرىگە يېتىدۇ؛ تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق تەرەپلىرىگىچە دىققەت قىلىپ، كىچىكىدىنلا بۆشۈك ۋە ئۇنىڭغا كېتىدىغان ھەرخىل ‹‹جابدۇق›› لارنى تەييارلاشنى ئۆگىنىدۇ؛ ئەجدادلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا بۆشۈكنىڭ قانچىلىك مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.
(تەھرىر : بەشتاش)
«ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹بۆشۈك ئويۇنى››»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنى - ‹‹مېھماندارچىلىق›› ئ
- دەسىلەپكى مەزگىلىدىكى بالىلار تەربىيىس
- بالىلارنىڭ ھەسەتخورلۇق پىسىخىكىسىغا قا
- ‹‹موت كەتتى›› ئويۇنى
- ‹‹ئوردا تۆشۈكى›› ئويۇنى
- ‹‹ئاداش ــ ئاداش›› ئويۇنى
- سالما تاشلاش ئويۇنى
- ‹‹لام ــ جىم›› ئويۇنى
- پىلانلىق بالا
- تاپالامسىز؟
- ‹‹ئىلىشماق›› ئويۇنى
- ‹‹قارا – قارا قۇشلارىم›› ئويۇنى
- ‹‹سۇناي›› ئويۇنى
- ‹‹چىلىشىش›› ئويۇنى
- ‹‹ئىلەڭگۈچ›› ئويۇنى
- ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ۋە بۈگۈنكى
- ‹‹بىجىگەن توپ›› ئويۇنى
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
م.قانات تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:كۆنگەن ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-12-13 16:12 ئاخىرقى كەلگىنى:2013-08-13 22:08