ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئۆلۈپ كەتكەن Paul Walker س ئانتېننا wifi سىگنالىنى ئېچىش ۋ كومپيۇتېرنىڭ سەپلىم

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > سەرخىل ئوقۇشلۇق > تېخنىكا > تولۇق مەزمۇنى

يانفوننى توغرا ئىشلىتەيلى

ۋاقىت : 2013-10-26 20:56 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

1973-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا موتورولا شىركىتى دۇنيادىكى تۇنجى كۆچمە تېلېفوننى ياساپ چىقتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى مىسلىسىز قولايلاشتى، كىشىلەر ئۆيدە، يولدا، خىزمەتتە، ماشىنىدا... ئىشقىلىپ خالىغان يېرىدە باشقىلار بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بولدى. 40 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە، يانفوننىڭ ئىقتىدارى كىشىلەرنىڭ ئەينى چاغدا پەرەز قىلالىغىنىدىنمۇ بەكرەك ئېشىپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، كىشىلەرنىڭ ئايرىلماس ھەمراھىغا ئايلاندى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا قىلىدىغان ئاخىرقى ئىشى تېلېفونغا قاراش، سەھەردە ئويغانغاندا ئېچىشىۋاتقان كۆزلىرىنى قىيا ئېچىپ، يەنە تېلېفونغا قاراش بولۇپ قالدى.ئەقلىيفونلارنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى يېڭى بىر تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈردى. ئەسلىدىكى مۇقىم تېلېفونلار، كۆچمە تېلېفونلارنىڭ قىسقا ئۇچۇر مۇلازىمىتى قارىماققا دەۋردىن قېلىشقا قاراپ يۈزلەندى. بىراق بىز تېلېفونلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئەمەلىيەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقىنى دەل كۆچمە تېلېفونلارنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارى بولۇپ، تېلېفوننىڭ ئەسلى ئىقتىدارى بولغان سۆزلىشىش ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. كىشىلەرنىڭ يانفونغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىمۇ ئەمەلىيەتتە يانفون قوشۇمچە ئىقتىدارىغا بولغان ئېشىش بولۇپ، بۇ خىل ئېشىش ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە يانفوننىڭ ئەسلىدىكى، تۈپ ئىقتىدارىغا بولغان ئېھتىياجنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلدى. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقىتتا تېلېفوننى سۆزلىشىشكە ئەمەس بەلكى باشقا كۆڭۈل ئېچىش، ئىجتىمائىي ئالاقە قاتارلىق تەرەپلەرگە ئىشلىتىدىغان بولدى، تېلېفوننىڭ توكى ۋە تور ئېقىمى ئاساسەن ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدىغان بولدى. نۇرغۇن كىشىلەر بىۋاستە تېلېفوندا سۆزلىشىشكە قارىغاندا قىسقا ئۇچۇر، ئىجتىمائىي ئالاقە تورى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىدىغان بولدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش قارىماققا ئىقتىساد جەھەتتىن تېخىمۇ تېجەشلىك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىمۇ كۆپ تەرەپلىك بولدى.يانفوننىڭ كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ئەڭ ئالدى بىلەن سالامەتلىككە ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى بولۇپ، يانفوننىڭ رادىئاتسىيەسى ئىنتايىن يۇقىرى، ئەلۋەتتە سۈپىتى ناچار يانفوننىڭ رادىئاتسىيەسى ئادەتتىكى يانفونلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى. سىگنال ناچار ۋاقىتتا يانفون ئارىجرىتىپ چىقىرىدىغان رادىئاتسىيە سىگنال ياخشى ۋاقىتتىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدۇ. ئۇزاق مەزگىل يانفوندا سۆزلىشىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش نىسبىتى نورمال سۆزلىشىدىغان ياكى يانفون ئىشلەتمەيدىغانلارنىڭكىدىن خېلىلا يۇقىرى بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر كەچتە ئۇخلىغاندا يانفوننى بېشىنىڭ يېنىغا قويۇپ ئۇخلاشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭ مېڭىگە بولغان تەسىرى مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن، كۆزگە بولغان زىيىنىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. ھازىر ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا تايىنىشى ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك ۋاقتى ئىچىدە يانفونغا قارايدىغان ۋاقتى خېلىلا كۆپ سالماقنى ئېگىلەيدۇ.

 كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەر چىراقنى ئۆچۈرگەندىن كېيىنمۇ ئاز دېگەندە يېرىم سائەت تېلېفونغا قارايدۇ. بۇ يېرىم سائەت ۋاقىتتا چىراق ئۆچۈرۈلگەن ئىنتايىن قاراڭغۇلۇق بولغاچقا، بۇنداق ئەھۋالدا تېلېفونغا ئۇزاق ۋاقىت قارىغاندا، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئىنتايىن تېز بولىدۇ، مېڭە قاتتىق چارچايدۇ، ئەتىسى ئەتىگەن ئويغانغاندىمۇ ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل يانچە يېتىپ يانفونغا قارىغاندا، ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ناھايىتى تېزلا تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، ئىككى كۆزنىڭ گرادۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.دائىم توردا پاراڭلىشىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر، دوستلىرى بىلەن ھازىر مودا بولۇۋاتقان كيۇ كيۇ ۋە ئۈندىدار قاتارلىقلار ئارقىلىق پاراڭلىشىدۇ، بىرەر سائەت پاراڭلاشسىمۇ گەپ تۈگىمىگەندەك ھېس قىلىدۇ، بىراق تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ قالغاندا، ياكى يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ قالغاندا بولسا دەيدىغان گەپ قالمىغاندەك، ئوڭايسىزلىق ھېس قىلىشىدۇ. كىشىلەر تېلېفون ئالاقە تورى ئارقىلىق يىراقتىكى ناتونۇش دوستلار بىلەن ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشالايدۇ، بىراق ئەتراپىدىكى ئۇرۇغ-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى، خىزمەتداشلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى كۈنسىرى ئازىيىۋاتىدۇ. ساۋاقداشلار، دوستلار بىر يەرگە يىغىلىپ ئولتۇرۇش قىلغاندىمۇ، ھامان بىر قانچەيلەننىڭ يانفون بىلەن ھەپىلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز، يىغىلىشتىن يانغاندا نىمە پاراڭلارنىڭ بولغىنىنى ئەسلىيەلمەيدىغانلىقى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. بۇ خىل نورمال ئىجتىمائىي ئالاقىنىڭ بىنورماللىشىشى مۇقەررەر ھالدا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈنمەس ئارىلىقنىڭ يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.يانفوننىڭ ئومۇملىشىشى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يانفونغا تايىنىش كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئىنتايىن كەڭ ئۇچرايدىغان پىسخىكىلىق بىنورماللىق بولۇپ قالدى. مەسىلەن توختىماي، ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يانفونىغا قاراپ، يېڭىلانغان مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار ئۇچۇرلىرىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، فونىزم يەنى تۇرۇپ-تۇرۇپ يانفونى سايرىغاندەك تۇيغۇدا بولۇش، دائىم يانفونىنىڭ توكىنىڭ يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەش، يانفونىنى ئۇنتۇپ قالسا روھىنى يوقاتقاندەك بولۇش قاتارلىقلار. كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ھالىتى ئەمەلىيەتتە پىسخىكىلىق بىنورماللىق ھېسابلىنىدۇ.بىز يەنە يوللاردا ياشلارنىڭ تېلېفوننى ئاغزىغا يېقىن قىلىپ، بىر نەرسىلەرنى سۆزلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراش خەۋپىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. يولدا يانفونغا قاراپ ماڭماسلىق ھازىر چەتئەللەردە ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇھىم تەربىيە نوقتىسى بولۇپ قالدى. يانفوننىڭ كەشپ قىلىنىشى ۋە ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىراق بۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېلېفوننى توغرا مۇۋاپىق ئىشلىتىشمۇ ئىنتايىن زۆرۈر.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار