يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىڭىز خورەك تارتام
يانفون بالىلارنىڭ كۆ
بالىلاردىكى بۇرۇن كى
بالىلارنىڭ بەل ئاغرى
ئەگەر بالىلار كېچىدە پۇتى ئاغرىپ، كۈندۈزى يەنە نورمال ئويناۋەرسە، بۇ نورمال. بالىلار يېتىلىۋاتقاندا پۇتى ئاغرىيدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بۇ خىل ئەھۋالنى كالتسىي يېتىشمەسلىكتىن، دەپ قاراپ، بالىلىرىغا كالتسىي تولۇقلاش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە يېتىلىش دەۋرىدىكى بۇ ئاغرىق كالتسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
بالىلار يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۇلارنىڭ تىز بوغۇمى ئەتراپى ئاغرىيدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، تا ھازىرغىچە بۇ خىل ئاغرىقنىڭ سەۋەبى تېپىلمىغان، لېكىن ئانالىز قىلغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا بالىلارنىڭ پۇت-قوللىرى ئاغرىيدىكەن.
بىرىنچى، بالىلار ئالاھىدە ياش مەزگىلىگە قەدەم قويغاندا، يەنى 13 ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ بەدىنى ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىكەن، بولۇپمۇ سۆڭەكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىر قەدەر تېز بولىدىكەن، بۇنداق بولغاندا مۇسكۇللاردا تارتىشىپ ئاغرىش شەكىللىنىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلار تىزىنىڭ ۋە پاقالچەك تەرىپىدىكى سۆڭىكىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىدىكەن.
ئىككىنچى، يېتىلىشى تەڭپۇڭ بولمىغانلىق سەۋەبىدىنمۇ بولىدىكەن. بالىلاردىكى سۆڭەكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆڭەك ئەتراپىدىكى نېرۋا، مۇسكۇل پېيى، مۇسكۇللارنىڭ ئۆسۈشى بىر قەدەر ئاستا بولىدىكەن. بۇنداق ئوخشاشماسلىق سەۋەبلىك تۆۋەنكى ئەزا مۇسكۇللىرى ئاغرىيدىكەن.
ئۈچىنچى، بالىلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە يېتىلىش جەريانىدا، مېتابولىزم ھاسىلاتىنىڭ ئېشىپ، كىسلاتالىق مېتابولىزم ھاسىلاتىنىڭ يىغىلىپ قېلىشى مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
يىغىنچاقلىغاندا، يېتىلىش جەريانىدىكى ئاغرىق نورمال ئەھۋال، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئاغرىق توختىتىش دورىسى بېرىشىنىڭ ياكى كالتسىي تولۇقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. بەك ئاغرىپ كەتسە، ئۇلارنى كۆپرەك ئارام ئېلىشقا ئۈندەش، مۇسكۇللارنى بوشاشتۇرۇپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى بۇراش، ئاغرىغان جايىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ بېرىش، زىيادە ئېغىر ھەرىكەتلەرنى ئىشلەتكۈزمەسلىك كېرەك.