ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىڭىز خورەك تارتام يانفون بالىلارنىڭ كۆ بالىلاردىكى بۇرۇن كى بالىلارنىڭ بەل ئاغرى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > ساغلاملىق > تولۇق مەزمۇنى

يانفون بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ

ۋاقىت : 2015-05-16 19:53 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
يانفون بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ
 
يانفون بالىلارنىڭ كۆزىگە زىيان سېلىۋاتىدۇ

    مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى: «بالىلار 20 مىنۇت ئەتراپىدا يانفون ئوينىسا، ئوتتۇرىچە كۆرۈش قۇۋۋىتى ساختا يېقىننى كۆرەلمەسلىك ھالەتكە يېقىنلىشىدۇ؛ 20 مىنۇت كومپىيۇتېر ئوينىسا، ياش پەردىسىنىڭ يېرىلىش ۋاقتى كۆز قۇرغاقلىشىش كېسىلى بارلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدۇ. گەرچە بۇ قاراشنى دەلىلەيدىغان پاكىتلار بىرلىككە كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا مىقياسىدا ئۇزاق ۋاقىت تېلېفون ۋە ئېلېكتىرونلۇق بۇيۇمنى ئىشلەتكەندە يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى ئېتىراپ قىلىنىپ بولدى».

    مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «بۇنداق ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يېقىن ئارىلىقتا تىك قاراش، يىراقلارغا قاراش ئاز بولۇش سەۋەب بولىدۇ. ئېكرانغا تىكىلىپ قارىغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى كۆزنىڭ ياش سۇيۇقلۇقىنى ئاجىرىتىپ چىقىرىشىغا تەسىر يېتىپ، يېقىننى كۆرەلمەسلىكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، ھازىر تولۇقسىز ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆزەينەك تاقاش يېشى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ بېرىۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدە 16 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە مۇپتىلا بولۇش نىسبىتى 1970-يىلىدىكى 3/1 دىن ھازىر ئۆرلەپ 5/4 كە يەتكەن».


ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار