يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىڭىز خورەك تارتام
يانفون بالىلارنىڭ كۆ
بالىلاردىكى بۇرۇن كى
بالىلارنىڭ بەل ئاغرى
ئامېرىكا ‹‹دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى››تور بېتىنىڭ 22-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى چېنىقسا نەتىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن، بولۇپمۇ قىز بالىلاردىكى بۇ ھادىسە تېخىمۇ روشەن بولىدىكەن.
تەتقىقاتچىلار 11 ياش ئەتراپىدىكى 5000 ئوقۇغۇچىنىڭ 3 كۈندىن 7 كۈنگىچە بولغان ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. تەتقىقاتچىلار بالىلارنىڭ تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ دەرىجىسى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىنگىلىز تىلى، ماتىماتكا ۋە پەن -تېخنىكا نەتىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قانچە كۆپ قاتناشقان بالىلارنىڭ ئىمتىھاندىكى نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى، بولۇپمۇ تەنتەربىيە ھەركىتىگە دائىم قاتنىشىدىغان قىز بالىلارنىڭ پەن تېخنىكا دەرسىدىكى نەتىجىسىنىڭ شۇنچە يۇقىرى بولىدىغانلىقى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار بالىلار ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردىكى تەنھەرىكەتكە قاتناشسا نەتىجىسىنىڭ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار، دېگەن. بىراق بۇ تەنھەرىكەتكە قاتناشسا نەتىجىسىنىڭ چوقۇم يۇقىرى بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، يەنە بالىلارنىڭ كونكېرىت ئەھۋالىغىمۇ ئاساسەن ئانالىز قىلىش كېرەك ئىكەن .