ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىڭىز خورەك تارتام يانفون بالىلارنىڭ كۆ بالىلاردىكى بۇرۇن كى بالىلارنىڭ بەل ئاغرى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > 7-12ياشقىچە > ساغلاملىق > تولۇق مەزمۇنى

بالىلاردىكى بۇرۇن كىسەللىكى

ۋاقىت : 2015-04-24 17:59 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : دۇلان | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

بالىلاردىكى بۇرۇن كىسەللىكى
 
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار، قىزىم بۇ يىل بەش ياشقا كىردى ،ئۆتكەن يىل يىل  ئاخىردىن باشلاپ ئۇخلىغاندا ئاغىزىنى ئېچىپ خورەكتەك ئاۋاز چىقىرىپ ئۇخلايدىغان بۇلۇپ قالدى، بۇرنىدا بىر نەرسە تۇسۇلۇپ قالغاندەك خوقىراپ ئۇخلايدۇ .شۇنىڭ بىلەن يېڭى يىلدا ئۇرۇمچىگە ئاپىرىپ 2-دوختۇرخانىنڭ ‹ئېغىز-بۇرۇن -كاناي بۇلىمى›نىڭ مۇتەخسسس نۇمۇرىنى ئېلىپ كۆرسەتتۇق،تەكشۇرۇش نەتىجىسىدە  بادامسىمان بەز يوغىناش(腺样体肥大)،ئانگىناسى يوغىناش (扁桃体肥大)دەپ دىئاگىنوز قويۇپتۇ ،دوختۇر چوقۇم ئوپراتسىيە قىلىسىلەر دەيدۇ. بىز دورا –ئۇكۇل بىلەن داۋالىغى بولمامدۇ دەپ سورىساق ،‹قەتئىي  بولمايدۇ ،چوقۇم  ئوپراتسسيە قىلىمىز ›دەيدۇ.بالا تېخى ئەمدى بەش ياشقا كىردى ،بىزنىڭ بۇ كىچىك بالىمىزنى ئوپراتسسيە قىلدۇرغىمىز يوق . 
تور بىلەن ئىزدىنىپ كۆرسەم ،بۇ كىسەل ئاساسلىقى 3ياشتىن 10ياشقىچە بالىلار ئىچىدە كۆپ كۆرۇلدىكەن ،12ياشتىن كېيىن بۇرنىدىكى  بۇ بەز ئۆزلىكىدىن كىچىكلەپ ،يىگىلەپ يوقاپ كىتىدىكەن .بۇ بەز يوغىناپ كەتكەن بالىلارنىڭ  دەل ۋاقتىدا داۋاسىنى قىلمىغاندا بىر قاتار ئالامەتلار يۇز بېرىدىكەن ،مەسلەن مېڭىسىگە ئوكسىگىن يىتشمەسلىك سەۋەپلىك ھۇشىدىن كېتىش ،مېڭىسىنىڭ تەرەقىياتى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش ،ئاغىزىنى ئېچىپ ئۇخلاۋەرگەنلىك بىلەن چىشى ۋە چىرايى ئۆزگىرىپ كىتىش ،،،،دىگەندەك .
شۇنىڭ ئۇچۇن  مېنىڭ كۆپچىلىكتىن ئۆتىنىدىغىنم بۇ كىسەلگە نىسبەتەن تەجىربىسى بارلار ياكى دوختۇرلارنىڭ ياردىم قۇلىنى سۇنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .يەنە بىر ئىش ئەتىياز پەسلىدىكى بۇرۇن قۇرۇش،بۇرۇن ياللۇغى قوزغۇلۇش ...قاتارلىق كىسەللەرگە قارىتا ئوبدان رىتسىپلار بولسا ئايىمىغايسىلەر ،رەھمەت.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار