يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىڭىز خورەك تارتام
يانفون بالىلارنىڭ كۆ
بالىلاردىكى بۇرۇن كى
بالىلارنىڭ بەل ئاغرى
بالىلاردىكى ئىچى سۈرۈش ئاساسلىقى يېمەكلىكنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقى ياكى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىلاردا ئىچى سۈرگەندە ئوخشىمىغان دەرىجىدە سۇسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئىچى سۈرۈشنى توختىتىدىغان دورىنى بېرىشتىن سىرت، سۇسىزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىسىنى ئىچكۈرۈش كېرەك.
نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئىچى سۈرگەندە، ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىشلىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل دورىلار مىكروپ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئىچى سۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ئەگەر ئىچى سۈرۈش قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئەسلىگە كەلمىسە ياكى كۆپ مىقداردا سۇ چىقىپ كەتسە، قان ئارىلاش ئىچى سۈرسە، قورساق ئاغرىسا ۋاقىتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.