ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : يۈننەندە بىر «ئوقۇش گېرمانىيە مائارىپىن گېرمانىيە ئوتتۇرا – بالىلارنى ھەددىدىن ز

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

گېرمانىيە مائارىپىنى چۈشىنەمسىز؟

ۋاقىت : 2015-09-02 21:40 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
 
گېرمانىيە مائارىپىنى چۈشىنەمسىز؟
نوبېل مائارىپى تەرجىمىسى
 
گېرمانىيە مائارىپىنى چۈشىنەمسىز؟
گېرمانىيەگە بارسىڭىز، مائارىپ شىركەتلىرى بىلەن تەييارلىق كۇرسلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى چاقىرىش ئۈچۈن چىقارغان داغدۇغىلىق ئېلانلىرىنى كۆرەلمەيسىز، شۇنداق بولسىمۇ گېرمانىيەنىڭ مائارىپ سەۋىيەسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ كەسپىي مائارىپى بىلەن ساپا مائارىپى دۇنياغا داڭلىق.
بۇ يەردە مۇنداق بىر قائىدە-نىزام بار ئىكەن، مەن ھەيران قالدىم: گېرمانىيە «ئاساسىي قانۇن» نىڭ يەتتىنچى ماددىسىنىڭ ئالتىنچى تارمىقىدا ئالدىن ئۆگىنىدىغان مەكتەپلەرنىڭ ئېچىلىشىنى توسايدىغانلىقىنى ئېنىق بېكىتكەن. دېمەكچى بالىلار باشلانغۇچقا كىرىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئادەمنىڭ بالىلارغا ئاتالمىش ئوقۇشتىن ئىلگىرىكى تەربىيەنى ئېلىپ بارمايدىكەن، مەسىلەن، ئۇسۇل، گىمناستىكا، كىتاب ئوقۇش، رەسىم، پىيانىنو، چەتئەل تىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى چەكلىنىدىكەن.
ئۇنداقتا ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار يەسلىدە نېمە ئۆگىنىدۇ؟ گېرمانىيە ئىقتىساد سىياسىتىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس ياڭپىيچاڭنىڭ يەكۈنىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نۇقتىنى قىسقىچە ئۈچ نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان: بىرىنچى: ئاساسىي ئىجتىمائىي بىلىملەر، مەسىلەن، زوراۋانلىق قىلماسلىق، يۇقىرى ئاۋازدا گەپ قىلماسلىق قاتارلىق. ئىككىنچى: بالىلارنىڭ قولى سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارى، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ئاكتىپلىق بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىشقا يېتەكلەش. ئۈچىنچى: بالىلارنىڭ ھېسسىي بۆلۈنمىسىنى، بولۇپمۇ رەھبەرلىك ئىقتىدارىنى  يېتىلدۈرۈش.
گېرمانىيەدىكى باشلانغۇچ بالىلىرىنىڭ دەرس بېسىمى يوق، بالىلار يېرىم كۈن ئوقۇيدۇ، چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇيدۇ، چۈشتىن كېيىن  ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە، پىيانىنو چېلىش، رەسىم سىزىش، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق ساپا تەربىيەسى دەرسىگە كىرسە بولىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدە ئەمەس. گېرمانىيە مائارىپ ساھەسىنىڭ ئومۇمىي كۆز قارىشى _ ئەگەر بالىلارغا بىلىمنى مەجبۇرى شەكىلدە بەك بالدۇر ئۆگۈتىۋەتسە، ئۇلار ھەر قايسى جەھەتتىن پىشىپ يېتەلمەيدۇ، تەسەۋۋۇر قىلىش ئىقتىدارى ياخشى يېتىلمەيدۇ، ئاخىرىدا كىتابنى يادلاش بىلەن ئوقۇشنى بىلىدىغان ماشىنىغا ئايلىنىدۇ.
گېرمانىيەدە 88 مىليون نوپۇس بار (بۇلارنىڭ ئىچىدە 6 مىليون  نوپۇس شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان چەتئەللىكلەر)، بىراق ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئالىي مەكتەپ 300 دىن ئارتۇق. گېرمانىيەدىكى ھەرقانداق ئادەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇيالايدۇ، چۈنكى گېرمانىيەدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يوق، پەقەت ئىلتىماس قىلىش بىلەن تەۋسىيە تۈزۈمى بار(مۇئەللىم تەۋسىيە قىلىدۇ)، ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ئوقۇسا بولىدۇ، يەنە بىر يېرى گېرمانىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ بۇ پاراۋانلىق تۈزۈمىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ. گېرمانىيەدىكى مۇئەللىم بىلەن ئاتا-ئانىلار داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارغا كۆز تىكىپ كەتمەيدۇ.
تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىق بىلەن تولۇق ئوتتۇرا مەزگىلدە مەكتەپ، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېكىتىدۇ، شۇڭا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار كەسپىي تەربىيەلەش ۋە تېخنىك مەكتەپلەرگە بېرىپ ئۆگىنىدۇ. بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار: تېخنىك مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن داڭلىق مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېرىشىدىغان تەمىناتىدىن تۆۋەن بولۇپ كەتمەيدۇ، ئەڭ بولمىغاندا كەمسىتىش خاراكتېرلىك ئىشلىتىش تۈزۈمى ئىشلىتىلمەيدۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن،  بالىلار ياخشى خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئۇنىۋېرسىتېتلارنى پۈتتۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئوخشاشلا ناھايىتى ياخشى كىرىم قىلالايدۇ. بۇ دەل گېرمانىيەدە نېمە ئۈچۈن ئەڭ ياخشى كەسپىي مائارىپ بولۇشىنىڭ مەنبەسى.
يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار بەلكىم داڭلىق ئاڭلىق مەكتەپلەرنى ئوقۇپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇشى مۇمكىن. ئەمما، داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇسىلا چوقۇم مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ، دىپلوم ئالالايدۇ دەپ قارىغىلى بولمايدۇ، گېرمانىيەدە ئەپلەپ - سەپلەپ مەكتەپ پۈتتۈرىمەن دېيىش پەقەتلا بىر خام خىيال خالاس. سىز پەقەت تىرىشىپ، ئەستايىدىل ئۆگەنسىڭىز مەكتەپنى ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرەلەيسىز.  بۇرۇن بىر بىر نەشرىياتچى گېرمانىيەنىڭ كىتاب ماتېرىياللىرىنى جۇڭگوغا ئەكىرىش نىيىتىدە ئەھۋال ئىگىلىگەندە، گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئەزەلدىن ئورتاق ئىشلىتىدىغان دەرسلىك كىتابنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەن.
سىزگە دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىڭىز، بىرىنچى سائەتلىك دەرستە نۇرغۇنلىغان پايدىلىنىش كىتابلىرىنى تەۋسىيە قىلىدۇ، ئىمتىھان مەزمۇنىمۇ كىتاب ئىچىدە، پىروفېسسورنىڭ نېمە ئۆتۈش ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىي بىلىمىگە ئاساسەن پىلان تۈزسىلا بولىدۇ.  ئەگەر سىز پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقمىسىڭىز، ئىمتىھاندىن ئۆتۈشىڭىز ھەقىقەتەنمۇ تەس بولۇشى مۇمكىن، ئىمتىھاندىن بۇرۇنقى مۇھىم نۇقتىلارنى تەكرار قىلىپ بېرىشىغا ئۈمىد باغلىغىنىڭىزنىڭ ھېچبىر پايدىسى يوق. ئوقۇتقۇچى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى دەپ بېرىشتىن بۇرۇن، سىزگە تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىپ بىلىم ئېلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنى ئۆگىتىدۇ. گېرمان مىللىتى ئەزەلدىن ئەقلىي ، پاكىتلارغا ئاساسەن ئىش قىلىشى  ۋە لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىشى  بىلەن دۇنياغا داڭلىق. شۇڭا مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ھازىرقىدەك شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىدە ئۇلارنىڭ يۇقىرىقىدەك مائارىپ ئىدىيەسى ۋە سىستېمىسىدا تەربىيەلىنىپ چىققان.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار