ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ "لايھىلەنگەن بوۋاق" مۇستەقىل پىكىر قىلال

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

چەتئەللىكلەرنىڭ بالىلىرىنى جازال

ۋاقىت : 2011-04-09 16:45 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەكبەر تۇرغۇ | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

چەتئەللىك ئانىلارنىڭ بالىلارنى جازالاپ ساۋاق بېرىش ئۇسۇلىلىرى
نۆۋەتتە، ئائىلە تەربىيسى بىلىملىرىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ،«يېنىك جازا بىلەن ساۋاق بېرىش» كۆپ قىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ ئورتاق قارشى بولۇپ قالدى. كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا، جازالاش بولسا ئۇرۇپ-تىللاشنىڭ ئالماش سۆزى ھىساپلىنىدۇ.چۈنكى بىز دائىم مەتبۇئادلاردا ئاز ساندىكى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بالىلىرىغا ئورە تۇرغۇزۇپ قويۇش، تېزلاندۇرۇپ قويۇش، ئاچ قويۇش قاتارلىق جازالارنى قوللانغانلىقىنى ھەتتا بۇنداق خورلاشقا ئۇچرىغان بەزى بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىدەك  خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تۇرىمىز.بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ جازالاشقا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى. ھەمدە بۇ سۆزنى خاتا چۈشەنگەنلىكىدىن بولغان. بەزىلەر بالىلىرىنىڭ توغرا بولمىغان ھەركەتلىرى بىلەن كارى بولماسلىق ھەتتا پەرزەنتلىرىنىڭ ناتوغرا ھەركەتلىرىنى « ئۇ ھېرىپ كەتتى»، « چۈشتە ياخشى ئۇخلىيالمىدى»، «ئۇنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس» دىگەندەك سەۋەپلەردىن ئىزدەپ، بالىلىرىغا قارتا «مەسئۇلىيەتتىن قېچىش» تەك پوزتسىيەدە بولىدۇ.ئۇنداقتا بالىلارنىڭ خاتالىقلىرىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەك؟تۆۋەندىكىلەر چەتئەللىك ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى جازالاش ئۇسۇللىرى:
يېڭى زېلاندىيەلىك ئانىنىڭ دىگەنلىرى:  ئوغلۇم بۇ يىل 2يېرىم ياشقا، قىزىم يېرىم ياشقا كىردى.يېڭى زېلاندىيەدە بالىلارنى ئۇرۇش قانۇنغا خىلاپ ھەركەت، شۇڭا ئاتا-ئانا بالىلارغا تەن جازاسى بەرمەيدۇ.
ئەگەر بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا غەلۋە قىلسا، پەقەت باشقىلارغا تەسىرى بولمىسىلا، ئاتا-ئانىلار ئادەتتە سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. مەسىلەن: ئۇنىڭ بىلەن تەڭ «غەلۋە» قىلىمەن. باشقىلارغا تەسىر يەتكۈزگىدەك بولسا ئۇنى كۆتۈرۈپ بىرقەدە كەڭ ۋە تېنچ جايغا ئاپىرىپ قويىمەن. ئۇمۇ كۆڭلى قانائەت تاپقانغا قەدەرە غەلۋىسىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. مېنىڭچە بالىلارنىڭ غەلۋە قىلىشى بولسا ئاتا-ئانىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ياكى بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەلۇم مەخسىدىگە يېتىش ئۈچۈن. ئەگەر ئۆز غەلۋىسىنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى تونۇپ يەتسە، تەبىئى ھالدا ۋاز كېچىدۇ.
بىر مەزگىل، ئوغلۇم باغچىدىكى بېلىق كۆلچىكىگە ئۇششاق تاشلارنى ئېتىپ ئوينايدىغان بولىۋالدى. بىرنەچچە قېتىم تەربىيە قىلغان بولساممۇ بۇنى ئۆزگەرتمىدى. بىر قېتىم مەن ئۇنىڭغا: «قاراپ باقە،سەن بېلىقلارنى سوقۇپ ئاغرىتىپ قويدۇڭ، كۆلچەكنىمۇ لېيتىۋەتتىڭ. ئەمدى كۆلچەك چىرايلىق بولالماي قالدى ئەمەسمۇ؟» دىدىم. ئاندىن ئوغلۇمدىن كۆلچەكتىكى تاشلارنى تېرىپ ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلدىم. بەزى چاغلاردا ئۇ ئۇششۇقلۇق قىلىپ تاشنى تەرگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇ چاغدا مەن ئۇنى مەجبۇرلىماستىن ،ئۆزۈم بېرىپ تېرىشكە باشلايمەن. ئەگەر ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئويناشنىڭ غەلۋىسىنى قىلغىدەك بولسا ، دەل مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلەيمەن.« ھازىر مەن تاش تېرىۋاتىمەن، سەن بىلەن بىرگە ئوينىغىدەك ۋاقتىم يوق» بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ ناتوغرا ھەركىتىنىڭ ئاقىۋېتىنى تونۇپ يېتىدۇ.
مېنىڭچە بالىلار ئىش ئۇقىدۇ، پەقەت ئۆزىنى بىرئاز كونتۇرۇل قىلالمايدۇ خالاس.شۇڭا مېنىڭ ئاتا-ئانىلارغا بولغان تەكلىۋىم : بالىلارنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالالايدىغان،ئۆز-ئۆزىنى چەكلىيەلەيدىغان قىلىپ   تەربىلەش كېرەك.
ياپونىيەلىك ئانىنىڭ دىگەنلىرى: ئوغلۇم بۇ يىل 2 يېرىم ياش. بالىلار خاتالىق سادىر قىلسا، ياپونىيەلىك ئاتا – ئانىلار ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بالىلىرىنى جازالايدۇ. مەسىلەن: بالىلارنىڭ ئويناش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ. ھەتتا بىر ۋاخ تاماق بەرمەيدۇ ياكى مۇۋاپىق بولغان تەن جازاسى بېرىدۇ. ئەمما بالىلىرى ئاممىۋى سورۇنلاردا خاتالىق ئۆتكەزسە، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا بالىلىرىنى جازالىمايدۇ. ياپۇنىيلەكلەرنىڭ قارىشىچە، ئاممىۋى سورۇنلاردا بالىلارنى جازالاش قائىدىگە ئۇيغۇن بولمىغان ھەركەت ۋە بالىلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق.شۇڭا ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن تەنقىدلەيدۇ ياكى جازالايدۇ.
ئامرىكىلىق ئائىلە باشلىقى: «ۋاقتىنچە ئايرىۋېتىش»   ئامرىكا ئائىلىلىرى ۋە بالىلار باغچىلىرىدا، ئاتا-ئانا، ئوقۇتقۇچىلار دائىم «ۋاقىتلىق ئايرىۋېتىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق كەپسىز بالىلارنى «جازالايدۇ».
ھەر قېتىم ئوغلۇم  ئەسكىلىك قىلىپ چاتاق چىقارسا ياكى باشقا بالىلار بىلەن سوقۇشسا، ئۇنى ياتاق ئۆيىگە سولاپ قويۇپ، 3مىنۇت يالغۇز قويىمەن. 3 مىنۇت توشقاندا كىرىپ ئۇنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقىمەن ۋە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلەپ ، كەمچىلىكلىرىنى تۈزتۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىمەن. ئۆيدە ياكى باغچىدا بولمىسۇن بۇ خىل تەربىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى ناھايتى ياخشى،بالىلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك قورقۇتۇش ئۈنۈمىگە ئىگە.
ئامرىكىنىڭ قانۇن بەلگىلمىلىرىدە چوڭلار چوقۇم بالىلارغا ھەمرا بولۇشى ۋە ئۇلارنى قوغدىشى كېرەك دىيىلگەن. بۇنداق مۇھىتتا، بالىلار سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچرايدىغان ياكى يالغۇز قالىدىغان ئەھۋللار ناھايتى ئاز ئۇچرايدۇ.شۇڭا توساتتىنلا ئايرىۋېتلىپ، «سوغۇق مۇئامىلە»گە ئۇچرىسا، مۇقەررەركى روھى ھالتىدە كۈچلۈك بىر تەۋرىنىش پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار ئادەتتە كۈچلۈك بولغان توپتىن ئايرىلالماسلىق پىسخىكىسى  ۋە ئومۇمىلىق ئېڭىغا ئىگە.بالىلار كوللىكتىپتىن ئايرىۋېتىلسە، ئۆزىنى پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىمەن دەپ تونۇيدۇ ھەمدە  بىرخىل «تەڭسىزلىك» تۇيغۇسى پەيدا بولۇپ، بۇ ئىشقا قارتا ناھايتى سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇل ئۇلارغا كەپسىزلىك قىلىش كۆپچىلىكنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئۇچرىمايدىكەن دىگەندىن بىشارەت بېرىدۇ.
ئۇندىن باشقا، كەپسىز بالىلار ۋاقىتلىق ئايرىۋېتىلسە، چوڭلار ۋە بالىلارنىڭ جىددى كەيپىياتىنى پەسەيتىدۇ ھەمدە بالىلار تېنچ مۇھىتتا ئۆزىنىڭ ھەركىتى ھەققىدە قايتا ئويلنالايدۇ.
كورىيەلىك ئائىلە باشلىقى: بالىلارنىڭ تېلفونىنى قوبۇل قىلماسلىق     ھەر قېتىم ئوغلۇم ئۆز بىلىگىنىچە ئىش قىلىپ گەپ ئاڭلىمىسا، ئۇنىڭ تېلفونىنى قوبۇل قىلمايمەن.
كورېيەدە، كۆپىنچە ئاتا-ئانىلار بالىلارنى جازالاشنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلىنى بىلىدۇ.
تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، 15ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ %77.5ى ئۆزىدە   تېلفون كەم بولسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. تېلفوندىن ئايرىلىپ قېلىش بولسا ئۇلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى يەككە-يىگانە قالغانلىق ياكى ئىناۋىتى يوقلۇقىنىڭ بەلگىسى. شۇڭا ئۇلارنىڭ تېلفونىنى قوبۇل قىلماسلىق ناھايتى ئۈنۈملۈك جازالاش ئۇسۇلىدۇر.
مەنبە:
http://www.tianshannet.com 天山网
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار