ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ "لايھىلەنگەن بوۋاق" مۇستەقىل پىكىر قىلال

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

گېرمانىيەلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ئانىلىرىمىزنى خىجىل قىلىدۇ

ۋاقىت : 2015-07-13 12:43 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

گېرمانىيەلىكلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ئانىلىرىمىزنى خىجىل قىلىدۇ

شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
تەرجىمە ئەسەرلىرى


مۇنداق بىر سۆز بار: «ئاتا-ئانا_ كەسىپچانلىقى كۈچلۈك بولغان خىزمەت، بىراق نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار دېگەندەك كەسپى ئەمەس»، بۈگۈن توردىن گېرمانىيەلىك بىر ئانىنىڭ تەربىيە جەھەتتىكى خۇلاسىسىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن يېتىشكەن، كۈچلۈك مىللەت بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم. ئۇلار نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولالىغان؟
جاۋابى ھەممىمىزگە ئايان، مائارىپ، تەربىيەدىن بولغان ئەلۋەتتە. گېرمانىيەلىك ئانىلار ۋارقىراپ ئېغىز ئۇپرىتىشتىن، ئۆزى ئۈلگە بولغان ئەۋزەل. قائىدە ئەركىلتىشتىن، ئۈلگە جىق گەپتىن ئەۋزەل دەپ قارايدۇ. گېرمانىيەلىك ئانىلارنىڭ ۋەزىپە چۈشەندۈرۈلۈشىدىكى 62 خىل گېرمانچە تەربىيە قائىدىلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان بالىلارنى تەربىيەلەپ چىقىشقا تىرىشايلى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىز زادى قانچىسىنى قىلالىدۇق؟ ياخشى ئويلىنىپ باقايلى.

بىرىنچى: گېرمانىيەدە ئانىلىق ۋەزىپىسىدىكى ئاچقۇچلۇق مەسىلە ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى

1. بالا چېچىلاڭغۇ بولسا قانداق قىلىسىز؟
گېرمانىيەلىك ئانىنىڭ ئۈچ قىلماسلىق پىرىنسىپى: ئاگاھلاندۇرماسلىق، ياردەم قىلماسلىق، كارى بولماسلىق!
2. بالا پۇلنى سۇدەك خەجلىسە قانداق قىلىسىز؟
بالىغا بېرىدىغان ياخشى سوۋغات -  ھېسابات دەپتىرى! پۇلنى جىق خەجلىۋەتسە، بېرىدىغان پۇلدىن تۇتۇپ قېلىش. ئارتۇق خەجلىگەن ھەربىر پۇڭ ئاتا-ئانىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش.
3. بالا تاماقنى ياخشى يېمىسە، قانداق قىلىسىز؟
گېرمانىيەلىك ئانىنىڭ ئاچ قويۇش پىرىنسىپى:  تاماق يېمىسەڭ، ئاچ قال!
4. كىچىك بالا ئويۇنچۇقىنى تالاشسا قانداق قىلىسىز؟
كىم بۇرۇن بارالىسا ئويۇنچۇققا شۇ ئىگە بولىدۇ، بولمىسا ھېچكىم ئوينىمايدۇ! بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە مۇتلەق ئادىللىق يوق، پەقەت قائىدە بىلەن تەرتىپ بار ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا ئۆگىتىش.
5. بالا ئارقىغا تارتىپ قەتئىي ئۇخلىمىسا قانداق قىلىسىز؟
ۋاقىتنى پۈتۈشۈپ قويىمىز، مۇرەسسە قىلمايمىز! ئاتا-ئانا قائىدىنى بۇزسا، بالا قائىدىگە سەل قارايدۇ.
6. مېنىڭ بالام مۇھەببەتلىشىپتىمۇ؟
گېرمانىيەلىك ئانا بالىسىنىڭ مۇھەببىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ، چۈنكى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ناھايىتى قىممەتلىك.

ئىككىنچى: گېرمانىيەلىك ئانىنىڭ ھەرىكىتىدىكى ئون مىزان

1. بالىغا جىق ياردەم بەرمەسلىك، بەلكى ئۇنى كۆپرەك ئىش قىلدۇرۇش
2. بالىنىڭ ئون كەمچىلىكى بولسا، ئاتا-ئانا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەشىگە مەسئۇل بولۇش.
3. بالا تەربىيەلەشتە ئاتا-ئانا ئۆزى ئۈلگە بولۇش.
4. بالىغا يىقىلسا ئۆزى تۇرۇشنى ئۆگىتىش.
5. بالىنىڭ قەلبىگە زوراۋانلىق ئۇرۇقىنى چاچماسلىق.
6. قانداق مۇنازىرە قىلىشنى ئۆگىنىش بولسا ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى.
7. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش بىر خىل قىممەتلىك قابىلىيەت.
8. بالا ئاسراش ئاستىدا ئەمەس، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ چوڭ بولىدۇ.
9. ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى بالىنىڭ ھېس تۇيغۇسىغا تېگىشمەسلىك.
10. بالىغا جەمئىيەتتە مۇتلەق باراۋەرلىك يوق، پەقەت تۈزۈم ۋە تەرتىپ بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش.

ئۈچىنچى: گېرمانىيەلىك ئانىلار ئورنىدىكى سەككىز ۋەزىپە ھەمدە تەپسىلىي جاۋابلىرى
بىرىنچى ۋەزىپىسى: قابىلىيەت نەتىجىدىن چوڭ
بالىنى مۇستەقىل، مۇكەممەل بىر گەۋدە قىلىپ چىقىش

بالىلار ئاتا-ئانىنىڭ خۇسۇسىي بۇيۇمى ئەمەس، ھەم ئاتا-ئانىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىدىغان نۆۋەتچى خادىممۇ ئەمەس. بالىنى ياخشى تەربىيەلەشنى ئارزۇ قىلسىڭىز، ئاۋۋال بالىغا مۇستەقىل، مۇكەممەل بىر ئىنسان سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىڭ.

1. بالىلار گۈلگىمۇ ھەم دەرەخكىمۇ ئوخشايدۇ، ئۇ ئاسراشقا ھەم چېنىقتۇرۇشقا موھتاج. ئۆلۈك بىلىم ۋە تىرىك قابىلىيەتنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىشى كېرەك.
2. ئۆگىنىشىمۇ ياخشى، مەسىلە ھەل قىلىش قابىلىيىتىمۇ كۈچلۈك بولۇش كېرەك. ئەرمەك ھايۋان ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى-بالىلار ئۇنى بېقىش ئارقىلىق ھاياتنى سۆيۈشنى، مېھىر-مۇھەببەتنى ۋە ھايۋانلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
3. بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇشى، ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندا ئادەملەر بىلەن قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق. بۇ ئارقىلىق يۇمشاق كۆڭۈلگە ئىگە بولۇپ، ئاجىزلارغا يار يۆلەك بولىدۇ. ئاق كۆڭۈل ئالتۇندىن قىممەت!
4. بىر ھېكايە ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان بىر قانچە ئاخىرلىشىشنى توقۇپ، بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ۋە ئايرىش ئىقتىدارىنى، ئەقىل ئىشلىتىشنى مەشىق قىلدۇرغىلى بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىپ، مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بولىدۇ.
5. تاماق ئۈستىلىدىن باشلاپ قائىدە ئۆگىتىش، ھەرقانداق ۋاقىتتا تەربىيە قىلىشقا پۇرسەت بار.
6. دادىللىق بولسا مۇستەقىللىقنى ئۆگىنىشتىكى بىرىنچى دەرس! ئۆزى ئورۇندىيالىسىلا، باشقىلارنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق كېرەك.
7. بالىغا جىق ياردەملەشمەسلىك، ئەكسىچە ئۇلارنى ئۆزى قىلىشقا تاپشۇرۇش.
8. مۇھىت ئاسراش شوئار ئەمەس! بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ مۇھىت ئاسراشنى بىلىدىغان، تەبىئىي مۇھىتنى قوغدايدىغان قىلىپ تەربىيەلەش كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىن باشلانسۇن.
9. بالىلارنىڭ ھېس قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىشىنىش، ئۆزىنىڭ تەجرىبىسىنى بالىسىنىڭ ھېس تۇيغۇسىغا تېگىشىمەسلىك.

ئىككىنچى ۋەزىپىسى: ئۈلگە جىق گەپتىن ئەلا
بالا تەربىيەسىدە شۇنداق ياخشى بىر جۈملە بار: ۋارقىراپ گالنى ئاغرىتقاندىن، ئۆزى ئۈلگە بولغان ئەۋزەل. ئاتا-ئانا بالىدىن بىرەر ئىشنى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزى قىلىش كېرەك، بولمىسا بالىنى ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دەيدىغانغا سالاھىتى توشمايدۇ.
10. قانچە باي بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تېجەشچان بولۇش: ھاجىتى يوق نەرسىگە چىقىم قىلىشنىڭ ئۆزى ئىسراپچىلىق، ئۇ بىر نەچچە سوم بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق.
11. كىتاب ئوقۇش بالىلاردا مۇستەقىل خاراكتېر شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.
12. يىقىلساڭ، ئۆزۈڭ ئورنۇڭدىن تۇر! مەسئۇل بولۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولسا بالىغا:« بۇ سېنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ! » دېيىش. بالىدا بىرەر مەسىلە كۆرۈلسە، ئۆزى مەسئۇل بولسۇن.
13. ئۆزى ئۈلگە بولۇش: قائىدە-پىرىنسىپقا رىئايە قىلىش، يولدىن ئۆتكەندە قىزىل چىراغنى كېسىپ ئۆتۈپ كېتىشتەك كىچىك ئىشلاردىمۇ ئۆزى ئۈلگە بولۇش. ئاتا-ئانا تۈز ئولتۇرسا، بالا تۈز ماڭالايدۇ.
14. بىر مىنۇت ياكى بىر سېكۇنت كېچىكىشنىمۇ كېچىكتى ھېسابلاش، گېرمانىيەلىك ئانىلار ۋاقىتقا مۇشۇنداق رىئايە قىلىدۇ. بىر مىنۇت كېچىكسىمۇ بالىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ، بالىسى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار چوقۇم ۋاقىتقا رىئايە قىلىدۇ.
15. دېگىنىنى قىلىش! بالىغا مۇنداقلا گەپ قىلىپ قويماي، ۋەدىسىدە تۇرۇش. ئاتا-ئانا ۋەدىسىدە تۇرالىسا، بالىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان بولىدۇ.
16. كىتابخانىنىڭ دائىمىي مېھمىنى بولۇش-كىتاب ئوقۇش ئەڭ رومانتىك تەربىيەلەش ئۇسۇلى بولۇپ، بالا ئۈچۈن بىلىم ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىش كېرەك.
17. ئۆيدىن يېقىملىق، گۈزەل مۇزىكىلارنى ئۈزۈلدۈرمەسلىك بالىنى مۇزىكىغا ئامراق قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، مۇزىكا تەربىيەسى ئاستا-ئاستا تەسىر قىلىدۇ، ئاتا-ئانا مۇزىكىغا ئامراق بولسا، بالىمۇ مۇزىكىغا ئامراق بولىدۇ.
18. ئائىلە ئەزالىرى ئىناق بولسا، ئاندىن مىجەز-خاراكتېرى مۇلايىم بالا تەربىيەلەپ چىققىلى بولىدۇ، بالىڭىزنىڭ قەلبىگە زوراۋانلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچماڭ.

ئۈچىنچى ۋەزىپىسى: ھۆرمەت قىلىش ھەيۋە قىلىشتىن ئەۋزەل
ھەرقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ ياراملىق ئەۋلاد بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، لېكىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز ئويىنى بالىلىرىغا زورلاپ تاڭىدۇ، سورۇن ئايرىماي بالىغا نەسىھەت قىلىدۇ. بالىسىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيى دەخلىگە ئۇچرىدىمۇ يوق دېگەننى ئەسلا ئويلىمايدۇ.
19. چىن يۈرىكىدىن سۆيۈش! بالىنى ياخشى كۆرسىڭىز ئۇنىغا بىلدۈرۈپ قويۇڭ. ئۇنىڭغا دائىم «سېنى ياخشى كۆرىمەن» دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
20. ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋېلىش، يۇقىرى ئاۋازدا تەربىيە قىلىش، سەۋرسىزلىك قاتارلىقلار بالىدا بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بالىغا ئايرىم بىر گەۋدە سۈپىتىدە باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى ھۆرمەتلەش كېرەك.
21. كۆپرەك رىغبەتلەندۈرۈپ بالىنى مۇستەقىل ئۆگىنىش قىلىشقا يېتەكلەپ، بەك ئارلىشىۋالماسلىق.
22. بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەن تەقدىردىمۇ، ئۇنى خالىغانچە ئەيىبلىمەسلىك. ئۇنىڭمۇ غۇرۇرى بار، ئۇ يارامسىز ئەمەس، بەلكى سىزنىڭ تەربىيىڭىزدە مەسىلە بولۇشى مۇمكىن.
23. بالىلارنى چوڭلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش.
24. بالىنىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئۇنىڭغا گەپ قىلغان ۋاقىتتا، يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ گەپ قىلىش.
25. ئەسلى بالىغا بېرىشقا تېگىشلىكى نەپرەت ئەمەس بەلكى مۇھەببەت. سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈش ئەڭ قىممەتلىك قابىلىيەت.
26. بالىنىڭ مۇھەببىتىگە ھۆرمەت قىلىش.
27. تەن جازاسى كەم تەربىيە مۇكەممەل تەربىيە ئەمەس.

تۆتىنچى ۋەزىپىسى: جاپا تارتىش قۇۋۋەت تولۇقلىغاندىن ياخشى
بالا ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چېنىقىش مۇۋاپىق جاپا چېكىش
باشقا دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، گېرمانىيەلىك بالىلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا قارىشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئىسمى- جىسمىغا لايىق كۈچلۈكتۇر. ئۇلارنى ئاتا-ئانىسى زادى قانداق قىلىپ بۇنداق قىلىپ تەربىيەلەيدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەڭگۈشتەرلىرىنىڭ بىرى بولسا قىيىنچىلىق لاگېرى، بۇ پائالىيەتتە بالىلارنى ئېغىر مەشىق قىلدۇرىدىكەن. بەلكىم سىز ئۇلارنى نېمە دېگەن شەپقەتسىز دەپ ئويلاۋاتقانسىز، بىراق ئۇلار بۇنى بالىلارغا بولغان مۇھەببەت دەپ قارايدۇ. چۈنكى، بالىنى قەيسەر قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش بالىنى ھەقىقىي سۆيگەنلىك بولىدۇ.
28. بالا ئاياپ-ئاسراشتا ئەمەس، بەلكى جاپا چېكىش ۋە قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق باتۇر ۋە جۈرئەتلىك بولۇپ تاۋلىنىپ چىقىدۇ، شۇنداق بولغاندىلا ئۇ ئۆزىنى قوغدىيالايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ.
29. بالىنى ئۆي ئىشىغا سالماسلىق بالىغا بولغان مۇھەببەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا قىلغان زىيانكەشلىكتۇر! بالىغا جاپا چەكمىسە ھالاۋەتنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك.
30. بالا جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنىمۇ چۈشىنىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگىنىدۇ.
31. گېرمانىيەلىك ئانىنىڭ ئاچ قويۇش پىرىنسىپى: تاماقنى ياخشى يېمىسەڭ، ئاچ قالىسەن!
32. بالىغا چوڭلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش: ئۇلارغا ئۆزى يالغۇز سەپەر قىلىشنىڭ تەمىنى تېتىتىش.
33. بالىنىڭ ئون كەمچىلىكى بولسا، ئاتا-ئانا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بەشىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، شۇنداقلا كەمچىلىكىنىمۇ ئۇنىڭغا ۋاقتىدا بىلدۈرۈپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق.
34. چوڭ بولغاندا جاپا تارتماسلىقى ئۈچۈن، كىچىكىدە جىقراق جاپا تارتقۇزۇش.
35. ئازغىنە كىيىم-كېچەك ۋە نەرسە-كېرەكلەر ئىسسىق ساقلاشقا يېتەرلىك، ئەمما بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئەكسىچە يۈك بولىدۇ.

بەشىنچى ۋەزىپىسى: قائىدە تۈزۈمنىڭ ئۈنۈمى ئەركىلتىشتىن ئەۋزەل
كەڭ قۇرساق بولۇش بىراق ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك، قائىدە-تۈزۈم بېكىتىش ۋەز-نەسىھەتكە قارىغاندا ئۈنۈمگە ئىگە
زادى قانداق قىلغاندا بالىغا قىلغان تەربىيە ئۈنۈملۈك بولىدۇ؟ نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇلى بولسا توختىماستىن ۋەز-نەسىھەت قىلىشتۇر، بىراق گېرمانىيەلىك ئاتا-ئانىلار بالىغا قائىدە-تۈزۈم بېكىتىپ بېرىدىكەن. ئۇلار بالىلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىرقاتار تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىدىكەن، ھەمدە بالىلىرىنىڭ بۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.
36. قائىدە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بۇ يەردىكى ھالقىلىق ئامىل بولسا بالىنىڭ كېلىشىمگە ئاساسەن ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش.
37. بالا ئۆزى قىلالايدىغانلىكى ئىش بولسا، ئاتا-ئانىسى ياردەم قىلماسلىق.
38. ئاتا-ئانىنىڭ سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولسا، بالىمۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىدۇ. بالىغا مۇئامىلە قىلىشتا ئىككى پىرىنسىپ بار: ئىشتىن بۇرۇن تۈزۈم ئورنىتىپ، ئىشتىن كېيىن قىلچە مۇرەسسە قىلماسلىق.
39. «مۇمكىن بىلەن مۇمكىن ئەمەس، بولىدۇ بىلەن بولمايدۇ» ئۇقۇمىنى تۇرغۇزۇش.
40. جەمئىيەتتە مۇتلەق باراۋەرلىك يوق، پەقەت تۈزۈم ۋە تەرتىپ بار.
41. ئاتا-ئانا قائىدىنى بۇزسا، بالا قائىدىگە سەل قارايدۇ ۋە بوي سۇنمايدىغان بولۇپ قالىدۇ..
42. ئەدەپ تۇغما بولمايدۇ، بەلكى كېيىن يېتىلىدۇ. ھېچقانداق ئادەم ئەدەپلىك بولغانلىقى تۈپەيلى زىيان تارتقان ئەمەس.

ئالتىنچى ۋەزىپىسى: قوينى قوتاندا باققاندىن يايلاقتا باققان ئەلا
«بۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ» دېسەك قانداقمۇ بىر ياخشى بالا تەربىيەلەپ چىقالايمىز؟
ئاتا-ئانا نەزىرىدە ھەربىر بالا بىر تال ئۇرۇق، ھەمدە ئۇ ئۆسۈپ چوڭ بىر تۈپ دەرەخ بولۇشى كېرەك. چوڭ دەرەخ بولۇپ ئۆسۈش جەريانىدا باغۋەن چوقۇم زور كۈچ چىقىرىشى كېرەك، مەسىلەن، بالىنى مۇستەقىل، ئېسىل مىجەزلىك ۋە ياخشى ئادەتلەرگە ئىگە قىلىش، بالىنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۆزىنى نامايان قىلالايدىغان روھقا ئىگە قىلىپ تەربىيەلەش قاتارلىقلار.
43. بالىنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى يېتىلدۈرۈش.
44. ياخشى ئادەت يېتىلدۈرسە، ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەلەش، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ قىلىش.
45. بالىغا كىچىك ئىشلاردا بەك زىغىرلاپ كەتمەسلىكنى، بىھۇدە ئاۋارە بولماسلىقنى بىلدۈرۈپ قويۇش. بالا تەربىيەلەشتە ئەپۇچان، كەڭ قۇرساق بولۇش. «زادى كىمنىڭ خاتا، كىمنىڭ توغرا» مەسىلىسىدە، جاۋابى ھامان «ئەپۇ قىلىش» بولۇشى كېرەك.
46. ئون نومۇر ئالغانلىق ئالغا ئىلگىرلىگەنلىك، ھەتتا بىر نومۇر ئالغانلىقمۇ ئوخشاشلا ئالغا ئىلگىرلىگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. «بالام، سەن ئەسلى دۆت ئەمەس، پەقەت ھازىر ئۆگىنەلمىدىڭ، خالاس» دېيىشنى ئۆگىنىش.
47. رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولسا ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا يامغۇر ۋە قۇياشقا ئوخشاش كەم بولسا بولمايدۇ، بالىنى ھەقىقىي «ئۆزۈڭنىڭ خوجايىنى» بول دەپ تەربىيەلەش.
48. ئەگەر بالىڭىز يۇقىرى ئاۋازدا «ياق» دېيەلىسە ئۇنىڭ ئۈچۈن خوش بولۇڭ. ئۇنى ئۆز ئويىنى ئىپادىلەشكە، چوڭلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقا پېتىنالىغانلىقى ئۈچۈن ئىلھاملاندۇرۇڭ.
49. كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەش ئۇقۇمىنى ئارلاشتۇرۇۋەتمەسلىك، بالىغا ئۆز ئۆزىنى نامايان قىلىشنى، قىزغىنلىقىنى ئىپادىلەشنى ئۆگىتىش، ئۇنى دەس تۇرۇشقا، ناخشا ئېيتىشقا، سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالايدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىش كېرەك.

يەتتىنچى ۋەزىپىسى: ئەركىنلىك چەكلىنىشتىن ئەۋزەل
بالىغا خاس بوشلۇق ھازىرلاپ بەرسە، ئاندىن تەرەققىياتى زور بولىدۇ
گېرمانىيەلىك ئاتا-ئانىلار نەزىرىدە بالىلار بىر مۇستەقىل گەۋدە. ئۇلار ھەم ئاتا-ئانىسىغا تەۋە ئەمەس، ھەم ئۇلارغا بېقىنىۋالمايدۇ. بالىلارغا تەۋە مۇستەقىل بوشلۇقى بولىدۇ، ئۇلار مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە. شۇنىڭ ئۈچۈن، گېرمانىيەلىك بالىلار مۇستەقىل تەرەققىياتنى نىشان قىلغان ھالدا ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۇلارنى ئەركىن بوشلۇق بىلەن تەمىنلىسىلا بولدى.
50. بالىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈڭ، ھەم باشقا بالىلارنىڭمۇ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرۈڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن! ھەرقانداق بالا پەقەت ئالەمدە بىر، ئىككى بالىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىلىكىنى سېلىشتۇرماڭ، بۇنداق قىلسىڭىز بالا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
51. بالىڭىزنىڭ كەمچىلىكى بىلەن باشقا بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سېلىشتۇرماڭ، ئۇنى كەمسىتمەڭ، بۇنداق قىلسىڭىز، بالىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى نۆلگە تەڭ بولىدۇ. بالىنى كەمسىتىشنىڭ ئورنىغا، باشقىلاردىن ئۆگىنىشىگە ئىلھاملاندۇرۇڭ.
52. ئاتا-ئانا يېتەكچىلىك رول ئوينىغان تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىن ساقلىنىش، سېلىشتۇرما شەكىلدىكى تەربىيەلەش ئۇسۇلىدىن ساقلىنىش. مىجەز خاراكتېرىگە قارىتا تەربىيەلەش.
53. بالىغا ئەركىن بوشلۇق بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىشىگە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش. بالىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە ئوغرىلىقچە قارىغان ئاتا-ئانا، ئۇنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان بىلەن ئوخشاش. ئەركىن چوڭ بولغان بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىمۇ كەڭ بولىدۇ.
54. قوينى قوتاندا باققاندىن يايلاقتا باققان ئەلا.
55. قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ئويلىنىش كېرەك، قارار چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن مەسئۇل بولۇش كېرەك. بالىغا قارار چىقارغۇزۇش ھەم ئۇنىڭغا مەسئۇل قىلىش، بالا ئۆزى ئىگە بولۇش، بۇ ئارقىلىق مۇستەقىل پىكىر قىلىشىنى يېتىلدۈرۈش.
سەككىزىنچى ۋەزىپىسى: ئۆزىنى كونترول قىلىش باشقۇرۇشتىن ئەۋزەل
كىچىكىدىن باشلاپ ئىقتىسادىي ئاڭ يېتىلدۈرۈش
گېرمانىيەلىكلەر باي، بىراق ئۇلار ھەشەمەتخورلۇق قىلمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن گېرمانىيەلىكلەرنىڭ ھەر يىللىق ئوتتۇرىچە ئىستېمال قىممىتى ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس، بۇنىڭ سەۋەبى دەل ئۇلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئىقتىساد باشقۇرۇشنى ئۆگەنگەنلىكىدىن.
56. جىق پۇل بەرگەندىن، پۇلنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن ياخشى.
57. نىمكەش بازاردا سودا قىلىش ئارقىلىق بالا تىجارەت تاكتىكىسىنى ئۆگىنىدۇ.
58. ئويۇن ئوينىغاندا ئىسراپ قىلسا، ئەمەلىي تۇرمۇشىدىمۇ ئىسراپچىلىق قىلىدۇ، ئويۇن ئىچىدە «بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ باھاسى قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراش ئارقىلىقمۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيە ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.
59. بالا ئۈچۈن بانكىدىن بىر ھېسابات ئېچىش ھەمدە ئۇنىغا پارچە-پۇرات ئىشلىتىدىغان پۇللىرىنى كارتىغا ساقلاپ قويۇشنى ئۆگىتىش. كىچىكىدىن باشلاپ كىرىم  - چىقىم ھېساباتىنى خاتىرلەشنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى بالىغا بىلدۈرۈش.
60. ئارتۇق خەجلىگەن ھەربىر پۇڭ ئاتا-ئانىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش.
61. نەرسە سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ياخشى ئويلىنىش، پۇلنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، بانكىغا ئاپىرىپ پۇل قويۇپ، ئامانەت قويۇشنىڭ تەمىنى تېتىتىش، نەپسىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىتىش. ھەربىر پۇڭنى خەجلىگەندە ئويلىنىپ تۇرۇپ خەجلەشنى، قالايمىقان پۇل خەجلەش نەپسىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش.
62. كىچىكىدە قالايمىقان پۇل خەجلىسە، چوڭ بولغاندا تېجەشنى بىلمەيدۇ. بالىنى بانكىغا ئاپىرىش، پۇلنىڭ ئاز كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئامانەت قويۇش بىلىملىرىنى ئۆگىتىش.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار