ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ "لايھىلەنگەن بوۋاق" مۇستەقىل پىكىر قىلال

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

جوڭگۇ-ئامېرىكا مائارىپى نېمىشقا شۇنچە پەرقلىق؟

ۋاقىت : 2014-07-13 18:55 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
 
جوڭگۇ-ئامېرىكا مائارىپى نېمىشقا شۇنچە پەرقلىق؟
 
(ئوغلانى ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى)

جوڭگۇ-ئامېرىكا مائارىپى نېمىشقا شۇنچە پەرقلىق؟
 
  ئامېرىكا ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى،بولۇپمۇ دۆلەت قارمىقىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مائارىپى جۇڭگۇنىڭكىگە سېلىشتۇرغانداھېچقانچىلىك ئەمەس : ئوخشاش يىللىقنى سېلىشتۇرغاندا ، جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسى بىلىمى ۋە مىسال يىشىش ئىقتىدارى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئامېرىكائوقۇغۇچىللىرىدىن خېلى ياخشى . سىتانفورد ئونۋېرستىتىدىكى دوكتۇر ما لىپىڭ ئىلگىرى مۇنداق سېلىشتۇرما تەتقىقات قىلىپ باققان ئىدى ، بايقىلىشىچە 23 نەپەر ئختىيارى تەكشۈرۈش قەغىزى ئىشلىگەن ئامېرىكا باشلانغۇچ مۇئەللىمىنىڭ پەقەت 9 نەپىرى 14نى2گە بۆلسە قانچە بولىدىغانلىقىنى توغرا ھېسابلىغان ؛ لېكىن جۇڭگۇنىڭ 72 نەپەرمۇئەللىمىنىڭ ھەممسى توغرا ئىشلىگەن . بۇنىڭدىن سىرت ، «ئىككىدىن بىرگە بۆلۈش» تىن ئىبارەت ماتىماتىكا ئۇقۇمىغا ، تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئامېرىكىلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇقۇچىسىمۇ بۇنىڭ نىمە گەپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . لېكىن جۇڭگۇلۇق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى ھەممىسى توغرا جاۋاب بەرگەن . ئوقۇتقۇچىمۇ شۇنداق تۇرسا ، ئوقۇغۇچى قانداق بولماقچى ؟
       شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن جۇڭگۇلۇق ھەرقانچە ئويلاپمۇ تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنىڭ تېگىگە يىتەلمىگەن : ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا –باشلانغۇچ مەكتەپلىرى شۇنچىلىك تۇرۇپ،نىمىشقا ئامېرىكىنىڭ ئونۋېرستىتلىرى شۇنچىلىك نوچى ؟ نىمىشقا ئامېرىكا تېخنىكا ياكى شەخىسنىڭ يېڭىلىق يارتىشىدا جۇڭگۇنى كەينىگە تاشلايدۇ ؟ نىمىشقا ھەريىلى ئاساسەنئامېرىكا نوبىل مۇكاپاتىنى مونوپۇل قىلىۋالىدۇ ؟
       ئەمەليەتتە جاۋابى بىر ئېغىز سۆز : ئامېرىكىلىق«ئاخىرقى نوقتىدا كەينىدە قالماسلىق»قا ئىشىنىدۇ،جۇڭگۇلۇق «باشلىنىش نوقتىسىدائارقىدا قالماسلىق »قا ئىشىنىدۇ . ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشلانغۇچ ئوتتۇرامەكتەپ مائارىپىنى باشقۇرۇپ كەتمەيدۇ ،جۇڭگۇلۇق بولسا جاننى تىكىپ مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرىدۇ . نەتىجىدە يەسلى ، باشلانغۇچ ، تولۇقسىزدا ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلالمايدىغان نەرسىلەرنى ئۈگۈتۈپ بولىدۇ ، ئوقۇغۇچىلار چوڭ بولغاندا بولساھەممىنى ئۇنتۇيدۇ .
  ئامېرىكا ۋە جۇڭگۇنىڭ مائارىپ پەرقى تولۇق ئوتتۇرىدىن باشلانغان بولىدۇ .
    بىرىنجى ، ئوقۇتۇش تۈزۈمىدىكى پەرىق : كۆپىنچەئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى بولسا 9-12-يىللىققىچە ، 4 يىللىق ئۈگۈنۈش ۋاقتى بار . لېكىن جۇڭگۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئاران ئىككى يىل ، ئۈچىنجى يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلىپ يېڭى بىلىم ئۈگۈنىدىغان پۇرسىتى  يوقتىيەرلىك بولىدۇ .
    ئىككىنجى ، دەرىسلىكتىكى پەرق : ئامېرىكىدىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش نۇمۇرى تۈزۈمى ، شۇڭلاشقا جۇڭگۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرامەكتەپلىرىدىن كۆپ بولغان مەجبۇرى ۋە ئىختىيارى تاللاش دەرىسلىرىنى ئاچالايدۇ . ئادەتتىكى ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى  يۈز دەرىسنى ئاچالايدۇ ، يەنى  كىچىك ئالى مەكتەپ بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ ، بۇ نوقتىدىن جۇڭگۇنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە .
    ئۈچىنجى : ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەۋىيە پەرقى :ئامېرىكا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئالىي مەكتەپ دەرسىنى ئاچىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئوقۇتقۇچىلارغابولغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقرى . ئامېرىكىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىدىن كۆپىلىگەن دوكتۇر ئاشتى ،دوكتۇر قاتارلىقلار بار . ئامېرىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسىنىڭ دەرىس دەرىجىسىمۇ ئوخشىمايدۇ . جۇڭگۇدا بولسا پىداگوكىكىنى پۈتتۈرسە، تۆت يىل تولۇق كۇرىسنى پۈتتۈرسە، ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكىسى ئىمتاھاندىن ئۆتسىلا ئوقۇتقۇچى بولالايدۇ . لېكىن ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇچى بولۇش ئۈچۈن ، قانداق ئۇنۋان بولىشىدىن قەتئىينەزەر ، چوقۇم ئىككى يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق كىنىشكە دەرسلىكىنى ئوقۇشى كېرەك .بۇ تەربىيلەش ئوقۇشىغىمۇ تېخى  ئىمتاھان بىلەن كىرىپ ، ئىمتاھان بىلەن چىقىدۇ . مەسىلەن بىر تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىسى پىداگوكىنى پۈتتۈرۈپ ئىككى يىل تەربىيلىنىدۇ ، دىمەك ،جۇڭگۇئوقۇتقۇچىسىدىن ئىككى يىل كۆپ تەربىيلىنىدۇ . ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ، ئامېرىكىنىڭ سىتيۇدىنتلىرى جۇڭگۇلۇق ستيۇدىنلاردىن يامان ، شۇڭلاشقا ، جۇڭگۇنىڭ رەسمى دوكتۇرلۇق ئونۋانىنى ئالغان ئوقۇغۇچىسىنىڭ سەۋىيسى ئەلۋەتتە جۇڭگۇنىڭكىدىن يۇقرى بولىدۇ . جۇڭگۇدا دوكتۇر ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇتسىمۇ  تېپىلماسنىڭ خورمىسى ھېسابلىنىدۇ ، شۇڭلاشقا ،ئوقۇتقۇچى سەۋىيسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا جۇڭگۇ ئامېرىكىدىن  بىر دەرىجە ئارقىدا .
    تۆتىنجى ،دەرس تۈرىدىكى پەرق : ئامېرىكىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرى ئالى مەكتەپنىڭ بىرىنجى ،ئىككىنجى يىللىقلىرىغا توغراكىلىدىغان ئوچۇق دەرىسلەرنى ئاچسا بولىدۇ ، جۇڭگۇدا بولسا تولۇق ئوتتۇرىدا ئالىي مەكتەپ سەۋىيسىدىكى دەرىسلىكلەرنى ئاچمايدۇ .
   بەشىنجى : ئامېرىكا ئونۋېرىستىتلىرى ،تەتقىقات ئورگانلىرى ، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ، دوختۇرخانا ، سودا ئورگانلىرى ،ھەممىسىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىللىرىنى قاتناشتۇرۇشقا مەسئۇل بۆلۈملىرى بار . شۇڭلاشقا، ئامېرىكلىق تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئالى مەكتەپكە بېرىپ دەرس ئاڭلاپ ،ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇش نۇمۇرىنى ئالالايدۇ . تەتقىقات ئورۇنلىرىغا بېرىپ ،ئالىملار بىلەن بىللە تەتقىقات قىلالايدۇ ؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغابېرىپ ياردەمچى بولۇپ ، كاتىپ قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئۆتىيەلەيدۇ ، ھەتتا بەزى شىتاتلارنىڭ قارمىقىدىكى مائارىپئورۇنلىرىغا كىرىپ ، ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى مائارىپنىڭ ئەڭ يۇقرى قارارىنى چىقىرىشقا قاتنىشالايدۇ . لېكىن جۇڭگۇدا قايسى ئۆلكىنىڭ ئۆلكەباشلىقى ياكى شەھەر باشلىقى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باللىرىنى كاتىپ قىلىدۇ ؟ قايسى بىر تەتقىقات ئورگانلىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىنى تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشتۇرىدۇ ؟
     دىمەك ، جۇڭگۇ ئوقۇغۇچىللىرى تولۇق ئوتتۇردىلائامېرىكا مائارىپىنىڭ ئارقىدا قالىدۇ ، ئالىي مەكتەپتە تېخىمۇ تەبئىيلا شۇنداق بولىدۇ .
   بۇنىڭدىن ئامېرىكا مائارىپى بىلەن جۇڭگۇ مائارىپىنىڭ پەرقىنى ئاز بولسىمۇ ھىس قىلغانسىز ؟
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار