ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : گېرمانىيە ئوتتۇرا – بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ "لايھىلەنگەن بوۋاق"

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش ئۇلارنى تۈگەشتۈرىدۇ

ۋاقىت : 2015-08-12 13:25 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش ئۇلارنى تۈگەشتۈرىدۇ
يۈ مىنخوڭ (俞敏洪)
يېڭى شەرق مائارىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ، مۇدىرىيەت باشلىقى ۋە لىدىرى
بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈش ئۇلارنى تۈگەشتۈرىدۇ
بالىلارنىڭ غەلىبە قازىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل نېمە؟ ئۇ بالىلارغا كىچىكىدىن قانچىلىك بىلىم ئۆگەتكەنلىكىمىز بولماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشتۇر.
ئاتا-ئانىدىكى تەمكىنلىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئوزۇق
بىز دائىم ئۆزىمىزنىڭ بالىسى بىلەن باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى سېلىشتۇرۇشقا ئامراق، بىراق مەنچە بۇنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. ھەرقانداق بالا خۇددى بىر تۈپ دەرەخكە ئوخشاش مۇستەقىل بىر گەۋدە، ئەگەر پۈتۈن دۇنيادىكى دەرەخلەر ئوخشاش ئۆسسە، بۇ دۇنيانىڭ لەززىتى يوقايدۇ.
ئائىلە تەربىيەسىنى قىيىن دېسەك قىيىن، ئاسان دېسەك ئاسان. ئىككى كۈن ئىلگىرى مەن بىر ماقالە كۆردۈم، ئۇنىڭدا ئاتا-ئانىدىكى تەمكىنلىك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئوزۇق دەپتۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيەسىگە ئۆز كەيپىياتىنىڭ ياخشى يامانلىقى بىلەن ئارىلاشتۇرىۋالساق ، بۇ بالا چوڭ بولۇش جەريانىدا نېمىگە ئىتائەت قىلىشنى، نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىنى، ئاتا-ئانىسىنىڭ مىجەزىگە قانداق ماسلىشىشنىمۇ بىلەلمەيدۇ. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالىسا، ھەرقانداق ۋاقىتتا بالىلار بىلەن ئۆزىنى بېسىۋىلىپ لوگىكىلىق پىكىر ئالماشتۇرالىسا، بالا چوقۇم ناھايىتى تەمكىن، سالماق خاراكتېر يېتىلدۈرەلەيدۇ، بۇنداق كەيپىيات ئىچىدە چوڭ بولغان بالا كېيىن قىيىنچىلىق، ئوڭۇشسىزلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرالايدۇ.
قائىدە-يوسۇن تىلغا ئېلىنسا، ھەممە بالىلار قائىدىگە ئەمەل قىلىدىغاندەك بىلىنىدۇ، بىر قائىدە-يوسۇننى مەيلى نەدە بولسۇن ئۆزگەرتمىسە، ئۇنىڭدىن كېيىن بالىلار ئۇنىڭغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ ماڭىدۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ، ئانام ماڭا بىر قائىدە تۇرغۇزۇپ بەرگەن: ھەر كۈنى ئەتىگەن تۇرغاندىن كېيىنلا چوقۇم يوتقاننى يىغىپ، يەرنى سۈپۈرۈپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە مېڭىش، بۇ قائىدە تاكى 18 ياشقا كىرگۈچە يەنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكۈچە ئۆزگىرىپ باقمىدى. مەن ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق يەر سۈپۈردۈم، بۇ ماڭا بىر ياخشىلىقنى ئېلىپ كەلدى يەنى باشقىلار مېنى  ساۋاقداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ يامان ئەمەس بالىكەن دەپ قارايدىغانلا بولدى، ئاخىرىدا مەن بىلەن بىرلىكتە يېڭى شەرق (新东方) نى قۇرۇشنى خالايدىغانلار چىقتى.
ئائىلە تەربىيەسىدە بىر قانچە ئامىل بار، بىرىنچىسى بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش مۇھىت ئامىلى. نۇرغۇنلىغان ئائىلە تەربىيەسى لېكسىيەسىدە مەن مۇنداق سوئالنى سورىغان ئىدىم: سىلەردىن سوراپ باقسام، قانچە ئائىلىدە كىتاب تەكچىسى بار؟  ئىككىنچى سوئال: كىتاب تەكچىسىدە 500 دىن ئارتۇق كىتابى بار ئائىلىلەر قانچىلىك؟ ئۈچىنچى سوئال: قانچىلىك ئاتا-ئانىنىڭ ئۇخلاشتىن بۇرۇن يېرىم سائەتتىن بىر سائەتكىچە كىتاب كۆرىدىغان ئادىتى بار؟ نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلىشىمچە، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان بالىلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش كۈچى يۇقىرى بولىدىكەن، ئۇ كىتابتىكى بىلىمنى ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىگە ئايلاندۇرالايدۇ. ئەلۋەتتە، پەقەت كىتابنى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ئىش پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغانلار  بۇنىڭ سىرتىدا.
بىرسى :«ھېكايە ئوقۇغان بىلەن تېلېۋىزور كۆرگەننىڭ پەرقى نېمە؟» دەپ سورىدى. قايتا-قايتا تەتقىق قىلىش نەتىجىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەگەر بالىلارغا ھېكايە ئوقۇپ بەرسە ياكى بالا ئۆزى ئوقۇسا، بۇنداق بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچى بىلەن ئوبرازلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى كارتون فىلىمى كۆرىدىغان بالىلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئاتا-ئانىلارغا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەريان ئىككى ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرى بۇ ئارقىلىق بالىلاردا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. يەنە بىرى، بالىلاردا مەلۇم خىلدىكى ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ، بۇ ئىقتىدار ئۇنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.
مەن ئۈچ، تۆت ياش ۋاقتىمدا ئانام ماڭا پەقەتلا كىتاب ئېلىپ بېرەتتى، باشقا نەرسە ئېلىپ بەرمەيتتى. ئۇ ماڭا كىتاب ئوقۇيدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، مېنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئامراق بولۇشۇمغا تەسىر قىلغان. ئاتا-ئانا تېرىغان ئۇرۇق بالىلاردا يىلتىز تارتىپ بىخ چىقىرىدىكەن. بالا قانداق مۇھىتتا چوڭ بولسا شۇنداق ئادەم بولىدىكەن، بۇ ناھايىتى مۇھىم ئىكەن.
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قانچىلىك ۋاقىت چىقىرىشى،ئۇلارنىڭ ئائىلىگە بولغان مۇھەببىتىنى بەلگىلەيدۇ
ئىلگىرى بىز مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان: دادا، ئاپا، بوۋا، موما، كومپيۇتېر بىلەن كۈچۈكنى كېمىگە سېلىپ ماڭسا، كېمە كۆتۈرەلمەي ئۈچ نەرسىنى تاشلىۋېتىش توغرا كەلسە قايسىسىنى تاشلاش مەسىلىسى. تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولسا ئاپىسىنى يۈزدە يۈز ئېلىپ قالغان، بۇنىڭدىن ئاپىسىنىڭ بالىلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى بوۋا، موما ياكى كومپيۇتېر، كۈچۈك، ئەڭ ئاز ساننى ئىگەللەيدىغىنى بولسا دادا بولغان.
ئەمەلىيەتتە، بالىنى ئاتا-ئانا ئىككىسى تەربىيەلەيدۇ، ئانا ئۆزى يالغۇز بۇ مەجبۇرىيەتنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بالىلار بىلەن بىرگە بولغان ۋاقتىمىزدا، ئۇلارغا ئىش-ھەرىكەتلىرىمىز ئارقىلىق مەقسەتسىز ھالدا ئۆزىمىزنىڭ قىممەت قارىشىنى بىلدۈرىمىز. بالا چوقۇم ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىدۇ. يىپىدىن يىڭنىسىغىچە زىغىرلاپ كېتىدىغان ئائىلىلەردىن كۆكسى-قارنى كەڭ بالىلار چىقىشى ناھايىتى تەس، چاكىنا ئائىلىدىن نازۇك، ساپ بالىلارنىڭ چىقىشى ناھايىتى تەس.
بىز دائىم بالىلار ئۈچۈن سۈپەتلىك ۋاقىت سەرپ قىلىشنى تەكىتلەيمىز. ئۇنداقتا سۈپەتلىك ۋاقىت دېگەن قانداق ئۇقۇم؟ بىز بالىلار بىلەن بىرگە بولغان ۋاقىتتا، ئەڭ مۇھىمى ئۇلارغا ھېسسىيات تەربىيەسى، خاراكتېر تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشىمىز، ئۇلاردا خۇشال-خۇرام، ساغلام خاراكتېر، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىنتىلىدىغان روھ، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ھەم قەتئىي تەۋرەنمەس خاراكتېر يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بىز قانداق قىلىپ بالىلارنى بۇنداق تەربىيەدە چوڭ قىلالايمىز؟         مەن بۇ تەربىيەنى بىلىم تەربىيەسىدىنمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. ئەگەر بالا ئادىمىيلىك، خاراكتېر، پوزىتسىيە، روھ، ئادەت، پىسخىكا، ئىقتىدار، جاھاندارچىلىق، قابىلىيەت جەھەتتىن ياخشى تەربىيەلەنسە، ئۇ سىنىپتا كەينىدىن سانىغاندا بىرىنچى بولسىمۇ ئۇنى يارامسىز بالا دەپ قارىمايمەن. بىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشىمىز پەقەت خىزمەت تېپىش ئۈچۈنلىمۇ؟ بىراق خىزمەت تېپىش ھاياتىڭىزدىكى بارلىق ئىشلارنى تاماملىغانلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئاخىرقى ئۆمرىڭىزگىچە يۆلەنچۈك بولالىغىدەك ئىقتىدارىڭىز بولغاندىلا نىسبەتەن مۇكەممەل ئادەم بولغىلى بولىدۇ.        
ئىلگىرى ياپونىيەگە بېرىپ ئۇلارنىڭ مائارىپى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ئىدىم. بىرىنچى يىللىق بالىلىرى سومكىسىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ماڭىدىكەن، ئاتا-ئانىسى كەينىدىن ماڭىدىكەن        ، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى قەتئىي كۆتۈرۈشۈپ بەرمەيدىكەن، ئۇلارغا كىچىكىدىن تارتىپ مۇستەقىللىقنى ئۆگىتىدىكەن. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى، بالىلار باغچىسىدىكى بىر مۇئەللىم بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقتىمدا، ئۇ بالىلار سوغۇق سۇدا يۇيۇندۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەن سالامەتلىك ئىقتىدارىنى مەشىق قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. مەن:«سوغۇق سۇدا يۇيۇنسا بالا زۇكامداپ قالسا قانداق قىلىسىلەر؟ ئاتا-ئانىلار سىلەرنى تىللىمامدۇ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ:«ئۇنداق قىلمايدۇ، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇپ ئاغرىپ قالغان بالىلارنى ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كېتىدۇ يەنە <كەچۈرۈڭلار، بىز بالىمىزنى ياخشى تەربىيەلىيەلمەپتۇق، قايتىپ سوغۇق سۇدا يۇيۇنسا زۇكام بولمايدىغان ۋاقتىدا ئەكىلەيلى> دەپ قويۇپ ئېلىپ كېتىدۇ» دېدى. بالىلارنى قانداق تەربىيەلەش ئۈستىدە بىز يەنە كۆپ ئىزدىنىشىمىز كېرەكتەك قىلىدۇ.         
ئىلگىرى ئامېرىكىدا مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان: بالىلارنىڭ غەلىبە قازىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل نېمە؟ ئۇ يەسلى بالىلىرىغا قانچىلىك بىلىم ئۆگىتىشىمىز بولماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ مۇھىم بولغان بىر قاتار خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشتۇر، مەسىلەن، كۈچلۈك ئىرادە، ئۆزىنى كونترول قىلىش، قىزىقىش، مەسئۇلىيەتچانلىق، جاسارەت ھەمدە ئۆزىگە ئىشىنىش، بۇلار بالىلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەسكىن مىجەزلىك بالىلار تېخىمۇ ئاسان ئۇتۇق قازىنالايدۇ.
نۇرغۇن بالىلار كوللېكتىپ پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىمۇ ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇلار كوللېكىتپ ئىچىدە باشقىلاردىن يېڭىلىپ قېلىشنى ياختۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا:«سەن ئۆزۈڭنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرما، بۇ پائالىيەتتىن خۇشاللىق تاپالىساڭلا بولدى» دېيىشى كېرەك. بالىلار كىچىكىدىن تارتىپ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرسا، ئاخىرىغا كەلگەندە پىسخىكىسىدا نورمالسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ.
مەن دائىم بالامنى تاغقا يامىشىشقا بىرگە ئېلىپ چىقىمەن، بىر كۈندە  1700 مېتىر، 1800 مېتىرغا يامىشىپ چىقىمىز، 30 كىلومېتىر پىيادە يول يۈرىمىز، ماڭالماي قالغۇدەك ھالەتتە بولسىمۇ ماڭغۇزىمەن، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭدا بوشاشماس ئىرادە يېتىلدۈرىمەن، بۇ ئۇنىڭ ئۆگىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، مەن ئۇنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىمۇ يېتىلدۈرىمەن، ئۇ 3D پىرىنتېرغا قىزىققانلىقى ئۈچۈن مەن ئۇنىڭغا بىرنى ئېلىپ بەردىم.

سەمىمىيەت، راستچىللىق، مەسئۇلىيەت، دوستانە، ئاق كۆڭۈللۈك قاتارلىقلار مېنىڭ بالا تەربىيەلىشىمدىكى قىبلىنامەم. بۇلارنى ياخشى ئىگەللىسە، باشقا نەرسىلەر ئۆسۈپ چىقىدىغان دەرەخ يوپۇرمىقى، دەرەخ يىلتىزى بولىدىكەن. ئۇنىڭ نوتىلىرى بولىدۇ. نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشى، قايسى ئالىي مەكتەپكە ئۆتىشى مۇھىم ئەمەس، بۇ مېنىڭ مائارىپ نەزەرىيەرىم
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئۈزلۈكسىز توغرا يۆنىلىشتە تىرىشىشقا موھتاج، جۇڭگودا %50  ئاتا-ئانا پۈتۈن كۈچى بىلەن بالىلارنى ياخشى كۆرۈش بىلەن تەڭ ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن تۈگەشتۈرىۋاتىدۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار