ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : گېرمانىيە مائارىپىن گېرمانىيە ئوتتۇرا – بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

گېرمانىيە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى

ۋاقىت : 2015-09-01 00:02 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

گېرمانىيە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى
 
قۇربانجان يۈسۈپ

گېرمانىيە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپى

بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى، 7 – يىللىق ۋە 11- يىللىقتا ئوقۇيدىغان ئىككى نەۋرەمنى يوقلاش ئۈچۈن گېرمانىيەگە بارغانىدىم، شۇ پۇرسەتتە گېرمانىيە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
گېرمانىيە 12 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ (ئىلگىرى 13 يىللىق تۈزۈمدە ئىدى)، مېنى ھەيران قالدۇرغىنى، ئوقۇغۇچىلار باشلانغۇچ مەكتەپ ( 1- يىللىقتىن 4- يىللىققىچە) تىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ( 10 – يىللىقتىن 12 – يىللىققىچە) بولغان دەرسلىك كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپتىن ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىدىكەن.
ئەسلىدە گېرمانىيە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆتىلىدىغىنى ئاساسىي بىلىملەر بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىتقىچە دەرسلىك مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولمايدىكەن، شۇڭا دەرسلىكلەرنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ئىكەن.
گېرمانىيە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ 1- يىللىقىدىن 2- يىللىقىچە رەسىم سىزىش، قەغەز ئويمىچىلىقى، ماتېماتىكا، گېرمان تىلى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتىلىدۇ، 2- يىللىقتىن 3- يىللىققىچە يەنە تەبىئەتتىن ساۋات، تەنتەربىيە، مۇزىكا دەرسلىرى قوشۇپ ئۆتىلىدۇ. 3- يىللىقتىن 4 – يىللىققىچە سۇ ئۈزۈش ( ئۈچ مېتىر ئارىلىققا ئۈزەلىسە لاياقەتلىك بولىدۇ)، قاتناش قائىدىسى دەرسى، ۋېلىسىپىت مىنىش، دىن دەرسى ( نومۇر ھېسابلانمايدۇ) ۋە ئىنگىلىزتىلى قاتارلىق دەرسلەر ئۆتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار 4 - يىللىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەيدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىرىگە يەنە قاراتمىلىقى بار پاكىتلار ئارقىلىق مۇنازىرىلىشىشنى ئاساس قىلغان مۇلاھىزە دەرسى قوشۇلۇپ، مۇلاھىزە ماتېرىيالى تارقىتىلىپ بېرىلىدۇ، ئەمما نومۇر ھېسابلانمايدۇ، بۇ ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئېغىزچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتىدۇ.
5 – يىللىقتىن باشلاپ بىيولوگىيە، تارىخ، سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق دەرسلەر قوشۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېگىنا، ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرلەر جۇغراپىيەسىدىن ساۋات ( ئوقۇغۇچىلار مۇزېي، ئىچىملىك زاۋۇتى ۋە ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى قاتارلىقلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللىنىدۇ) دەرسلەرمۇ تەسىس قىلىنىدۇ ۋە يەنە بىر خىل چەت ئەل تىلى ( فىرانسۇز، رۇس، لاتىنتىلى) نى تاللاپ ئۆگەنسە بولىدۇ. 7- يىللىقلارغا فىزىكا، سۇ ئۈزۈش دەرسى ( بەش مېتىر چوڭقۇرلۇققا چۆكەلىسە بولىدۇ) لىرى ئۆتۈلىدۇ. 8 – يىللىقتىن باشلاپ فىزىكا دەرسى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ ئورنىغا خىمىيە دەرسى قوشۇلىدۇ.
گېرمانىيە ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ھەر مەۋسۇم ئۆتىدىغان دەرسى ئون پەندىن ئېشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ئۆەىنىش بېسمى يوقنىڭ ئورنىدا. باشلانغۇچ  مەكتەپلەردە ئادەتتە يېرىم كۈن دەرس ئوقۇلىدۇ. چۈشتىن كېيىن بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى مۇزىكا، ئۇسسۇل، بوكس، قىلىچۋازلىق، تىكتاك توپ قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشكە ئېلىپ بارىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرى ئىشقا كېتىپ ۋاقتىدا كېلەلمىسە، ئوقۇغۇچىلار ئاتا – ئانىسى قايتىپ كەلگۈچە مەخسۇس قوغداش سىنىپلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، بۇنداق ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ھەقسىز چۈشلۈك تاماق بىلەن تەمىنلەپ، قارايدىغانغا ئادەم ئاجرىتىدۇ.
ئادەتتە ئىككى نەۋرەممۇ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تاپشۇرۇق ئىشلەيدۇ. بەزىدە گېرمان تىلى تولۇقلىما دەرسىگە ياكى پىيانىنو، ئىسكىرىپكا ئۆگىنىشكە، تىكتاك توپ ئويناشقا بارىدۇ. ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەنزۇتىلى مەكتىپىگە بېرىپ خەنزۇتىلى ئۆگىنىدۇ (دەرسلىك ماتېرىياللارنى جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ) ھەر بىر ئوقۇش مەۋسۇمى ئاخىرلىشىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلار بارلىق دەرسلىك كىتابلىرىنى مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا تاپشۇرۇپ بىر  كۈن ئۆتكەندىن كېيىن كېلەر مەۋسۇملۇق كىتابلارنى يەنە مەكتەپ قىرائەتخانىسىدىن ئېلىۋالىدىغان بولۇپ، گېرمانىيەدە بۇ بىر ئەنئەنىگە ئايلانغان. دەرسلىك كىتابنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسلىك كىتابنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە ئۆزىنىڭ ئىمزاسى ۋە كىتاب تاپشۇرۇۋالغان چېسلانى ئېنىق يېزىشى، كىتابلار ئۈستىدىن مۇقاۋىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىككى نەۋرەممۇ ئوقۇيدىغان بارلىق دەرسلىك كىتابلىرىنى يىرتىۋەتمەي، پاكىز ھالەتتە ئاسراپ ئىشلىتىپ كەپتۇ. بەزىدە دەرسلىك كىتابلار يېتىشمىگىنى ئۈچۈن كىتابلارغا تۆت – بەش ئادەم ئىمزا قويىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. كىتابلارنى قايتۇرغاندا جىجىلانغان، كىتابنىڭ بۇلۇڭلىرى قىرچىلىپ كەتكەن... دېگەندەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە قىرائەتخانا خادىملىرى بۇ كىتابنى ئۆتكۈزۈۋالماستىن، سېتىۋېلىپ يېڭىدىن ئەكېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
گېرمانىيەدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسلىك كىتابلارنى مەكتەپتىن ئارىيەت ئالىدۇ. ئەمما دۆلىتىمىزنىڭ بەزى رايونلىرىدا باشلانغۇچ ، مەكتەپتىن تا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە بولغان جەرياندا، دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقسىز تارقىتىپ بېرىدۇ، يەنە بىر قىسىم جايلاردا كىتاب پۇلىنى ئاتا – ئانىلار ئۆزلىرى تاپشۇرىدىغان بولۇپ، ھەر مەۋسۇملۇق يېڭى دەرسلىك كىتابلار ئۈچۈن دۆلەت ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ قانچىلىك مالىيە كۈچى ئاجرىتىدىغانلىقى كىشىنى ئويغا سالىدىغان بىر مەسىلىدۇر. مېنىڭچە، گېرمانىيەنىڭ «دەرسلىك كىتاب ئارىيەت ئېلىش ئەندىزىسى» نى بىزمۇ تەدبىقلىشىمىز زۆرۈر. ئۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئەركىن، ھەددىدىن زىيادە ئۆگىنىش بېسمىدىن خالىي بولۇپ، بۇمۇ جۇڭگو مائارىپىدا ئۈزۈل – كېسىل ھەل قىلمىسا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىلىدۇر.

مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2014 - يىللىق 4- سانىدىن ئېلىندى
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار