ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالىلارنى ھەددىدىن ز گېرمانىيەلىكلەرنىڭ "لايھىلەنگەن بوۋاق" مۇستەقىل پىكىر قىلال

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > باشقىلاردا نېمە گەپ > تولۇق مەزمۇنى

روس ۋە جۇڭگوئالىملرى:مومىسى باققا

ۋاقىت : 2011-04-09 21:00 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : يارپ | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

روس ۋە جۇڭگوئالىملرى:مومىسى باققان بالاھەققىدە

 

يېقىندا رۇسىيىلىك بىر مۇتەخەسسىس ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،مومىسى باققان بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى 40پىرسەنت يۇقىرى بولىدىكەن. جۇڭگونىڭ 80-يىلدىن كېيىنكى ئائىلەباشلىقلىرى بۇنىڭغا ئىشىنەمسىلەر؟ كۆپ ساندىكى ياش ئاتا-ئانىلار مومىلاربالىنى زىيادە ئەركىلىتىپ،يامان ئۆگىتىپ قويىدۇ، مومىسى باققان بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى ناچار بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى:مومىسى بالىنى دائىم ماختايدۇ

مۇتەخىسسلەرنىڭ موسكۋا شەھەرئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، مومىسىنىڭ تەسىرىدە بالىنىڭ تۇغما تالانتى تېخىمۇ تەرەققى قىلىدىكەن.رۇسىيە مۇتەخەسسىسى تاتىيانا.ژىخومىلۇۋا «ھەرقانداق بىر ئاتا-ئانا :مومىسى بالىنى زىيادە ئەتىۋارلاپ، يامان ئۆگىتىپ قويىدۇ ،دەپ قارايدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇخىل قاراش خاتا»دەيدۇ،تاتىيانا موسكۋا شەھەرلىك بىر شەخسى مەكتەپكە بېرىپ ،بىرىنچى يىللىق ۋە ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن 30نەپەرنى تەتقىقات ئوبيېكتى قىلىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان.ئۇلار نىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە ئەقلى ئىقتىدارىنى سىناش تەجىربىسدىن ئېرىشكەن نەتىجە ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇرىدۇ.ئومۇمەن مومىسى باققان بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى 40پىرسەنت يۇقىرى چىققان ،بۇ ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئالاھىدە ئۆزگىچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ناھايىتى ئاسانلا يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلى ۋە يېڭىچە تەدبىرلىرىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى تالانىتلىقلاردا بولىدىغان ئالاھىدىلىكلەر ئىكەن.
بىراق يوشۇرۇن كۈچ دېگەن يوشۇرۇن كۈچ، مومىسى باققان بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىمۇ ئۇنچىلىك يۇقىرى ئەمەس،ئاتا-ئانىسى باققان بالىلارغا سېلىشتۇرغاندا 10پىرسەنت تۆۋەن بولىدۇ،بۇ مومىسى باققان بالىلار دۆت بولىدۇ دېگەنلىك ئەمەس ئەلۋەتتە،پەقەت ئۇلار ئۆگىنىشتە بىرئاز قىينىلىدۇ،مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملەرگە تېزلا ماسلىشىپ كېتەلمەيدۇ، خالاس.بۇ ئىككى خىل نەتىجە يەنىلا ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەشكەمۇھتاج.كىرىمى ئانچە يۇقىرى بولمىغان ئادەتتىكى ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ئەھۋالىدا قانداق پەرقلەر بار؟ قايىل قىلارلىق نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن،تاتىيانا ژىخومىلۇۋا شەھەر سىرتىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.بۇ قېتىمقى تەجرىبىگە 3-يىللىق، 4 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن180 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋەئۇلارنىڭ مومىلىرى بىلەن ئاتا-ئانىلىرىمۇ قاتناشقان،نەتىجىسى زادى قانداق بولدى؟ مومىسى باققان بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يەنە بىر قېتىم ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا 28پىرسەنت يۇقىرى چىقتى.بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇ دەم ئېلىشقا چىققان مويسىپىتلار زادى قانداق قىلىپ نەۋرىلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئاچالىغان؟
رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى بۇنى تەربىيىلەش ئۇسۇلىدىكى مەسىلە دەپ قارايدۇ.مومىلار ئاتا-ئانىلارغا قارىغاندا دائىم بالىلارنى ماختايدۇ،ئۇلارغا تولۇق تاللاش پۇرسىتى ۋە ئۆزىنى نامايان قىلىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىدۇ.ئۇلارنىڭ ھەرقانداق تەلىپىنى ئورۇندايدۇ،نېمىلا ئىش قىلمىسۇن نەۋىرلىرىنىڭ كۆڭلىگە قارايدۇ.دەل مۇشۇنداق ‹يول قۇيۇش›بالىلارنىڭ ئىجادكارلىقىنى تەرەققى قىلدۇرغان.ئەكسىچە،ئاتا-ئانىلار قاتتىق تەلەپ قويۇش،ھە دېسىلا جازالاشتەك كەسكىن تەربىيە ئۇسۇلى بالىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تۇنجۇقتۇرىۋىتىدۇ.

80-يىللاردىن كېيىنكى ئاتا-ئانىلار:بالىنى مومىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئەنسىرەيمەن

‹تەتىل مەزگىلى يېتىپ كەلدى،بالا مومىسى بىلەن بىللە تۇرىدىغان بولدى،مەن ھەقىقەتەن خاتىرجەم بولالمايمەن›.مانا بۇ كۆپ قىسىم بوۋا-مومىلىرىنىڭ بالىلىرىنى بېقىشىدىن ئەنسىرەيدىغان جۇڭگولۇق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەندىشىسى.ئۇلار تەتىل مەزگىلدە بوۋا-مومىلىرىنىڭ يېنىدا يېرىم ئاي تۇرغان بالىلىرىدا بىراقلا نۇرغۇن يامان ئادەتلەر يېتىلىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ: ‹پارچە-پۇرات يېمەكلىكنى كۆرسىلا،يىغلاپ ئېلىپ بەرمىگىچە بولدى قىلمايۋاتقان؛تاماق ئۈستىلىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن قورىمىلارغا باشقىلارنىڭ چوكىسىنى ئۇزىتىشىغا يول قويمايۋاتقان؛ئايىغىنىڭ يىپى يېشىلىپ كەتسە،بوۋا-مومىسى پۇتىنى ئۇزىتىۋاتقان،بوۋا-مومىسى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ چىگىپ قويۇۋاتقان…….. بوۋا-مومىسىنىڭ بالىسىنى بۇنداق زىيادە ئەركىلىتىشى ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.›لېكىن كېلىننىڭ نەزىرىدە ،بىرئوقۇمۇشلۇق قىيىن ئانىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.‹مەن بىر ئاقكۆڭۈل قىيىن ئانامنىڭ بولغىنىدىن بەك رازىمەن.ئۇ بالامغا تاڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى،رەسىم سىزىشنى ئۆگىتىدۇ.بالام بىلەن بىللە ئويناپلا قالماي،بالامنى ناھايىتى پاكىز باقىدۇ.زىيادە ئەركىلىتىشتىن ساقلىنىش تەس.مېنىڭ خىزمىتىم ئالدىراش ،بالىنى ئۆزەم بىلەن بىللە بىردە ئاچ بىردە توق قويغاندىن كۆرە مومىسىنڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بەرگىنىم ياخشى،مۇشۇنداق بولغاندا مەنمۇخاتىرجەم بولىمەن.

 
جۇڭگو مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بايانى: بالىنى چوڭلارغا تاشلاپ قويۇش ياخشى ئەمەس

رۇسىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ يەكۈنى جۇڭگوغا ماس كېلەمدۇ-يوق؟مۇخبىر بىر جۇڭگو مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلغاندا،مۇنداق دېگەن:‹مەن بۇ جەھەتتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىدىم،رۇسىيە مۇتەخىسىسلىرىنىڭ بۇ تەتقىقات يەكۈنىگە باھا بېرەلمەيمەن.بىراق، بالىنى دائىم چوڭلارغا تاشلاپ قويۇش ياخشى ئەمەس ، ياش ئاتا-ئانىلارنى بالىلىرى بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىنى باشقۇرۇشى،قاتتىق تەلەپ قويۇشى ۋەنازارەت قىلىشى بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدار تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن بولىشى ئىرسىيەت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ئانچە يۇقىرى بولمىسا، ئۇنى تەرەققى قىلدۇرسا بولىدۇ.بۇنىڭدىكى ھالقىلىق مەسىلە بالىغا بىر ئېنىق يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىشتە.
يەنە بىر مۇتەخەسسىس مۇخبىرغامۇنداق دىدى: رۇسىيە مۇتەخەسىسلىرىنىڭ بۇ «مومىسى باققان بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى يۇقىرى بولىدۇ»دىگەن تەجرىبىسى زور تەسىرگە ئېگە،لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭ نەتىجىسىگە سەل قاراۋاتىدۇ.موسكۋا شەھەر سىرتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئېلىپ بارغان تەجىربىدە مومىسى باققان بالىلارمۇ، ئاتا-ئانىسى باققان بالىلارمۇ ئوخشاشلا خېلى ياخشى ئەقلى ئېقىتدار سەۋىيىسىنى نامايان قىلغان.مەيلى قانداقلا بولسۇن، تەجرىبە چوڭلارنىڭ ‹كۆڭلى يۇمشاق›لىقىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدە ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىدى.شۇڭا ،بالىنى خاتىرجەم ھالدا چوڭلارنىڭ ئەتىۋارلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەندە ،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بالىنىڭ روھى جەھەتتىكى تەڭپۇڭلىقىنى تېپىۋېلىشىغا ياردىمى بولىدۇ.ئەگەر ئۆيدە بوۋا-مومىلىرى بولمىسىچۇ؟ ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بوۋا-مومىسىنىڭ ئورنىدا «يۇمشاق كۆڭۈللۈك »ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ.

مەنبە:ۋەتەن تور خاتىرسى

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار