ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : پەرزەنت تەربىيەسىدە ئانىلارنىڭ كۆيۈمى مە بالىلار ئەخلاق تەربى بالىڭىزنى چۈشىنەمسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

پەرزەنت تەربىيەسىدە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزگىللەر

ۋاقىت : 2015-09-10 00:46 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
پەرزەنت تەربىيەسىدە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزگىللەر
پەرزەنت تەربىيەسىدە چىڭ تۇتۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزگىللەر

 

بالىلار مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەشەببۇسلىرىدىن قارىغاندا، پەرزەنت تەربىيەسىنى نۆل ياشتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتى، پىسخىكىسىنى توغرا ئىگىلىشىمىز، شۇنىڭغا قاراپ ھەر بىر ياش باسقۇچىدىكى مۇھىم مەزگىللەرنى چىڭ ئىگىللەپ، ئۈنۈملۈك، بالىلارغا ماس كېلىدىغان ۋە ئۇلار ياخشى كۆرىدىغان تەربىيە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشىمىز كېرەك. بالا تەربىيەلەشتە تۆۋەندىكى بىر نەچچە مۇھىم مەزگىلنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.
1. نۆل ياشتىن بىر ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئىپادىسى: ئاڭلاش ئىقتىدارى تېز يېتىلىدۇ، دىققىتىنى يىغالمايدۇ، جىم تۇرمايدۇ، ئۆزلۈك ئېڭى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا بۇ ياشتىكى بالىلارغا يېقىملىق، يېنىك مۇزىكىلارنى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى ئېچىش، كەيپىياتنى تەڭشەش، دىققىتىنى جەلپ قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشتىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلى.
2. ئىككى ياشتىن تۆت ياشقىچە بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ئىپادىسى: بىر نەرسىلەرگە بەك قىزىقىدۇ، يېتىرقايدۇ، تولا گەپ قىلىدۇ. بەڭۋاش، ياخشى - ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنرەك بولىدۇ. شۇڭا بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىش، مۇستەقىل ئىش قىلىش، مۇستەقىل ئۆگىنىش قىلىدىغان ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ھەق - ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئاساس سېلىش كېرەك. ئاتا - ئانىلار شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، بالىلارنىڭ ئۈچ - تۆت ياشلىق مەزگىلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مۇھىم مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئائىلە ئەخلاقى، كىشىلىك تۇرمۇش ئەخلاقى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپرەك نەرسىلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ بالىلىرىمىزنى تولىمۇ ئەركىلىتىپ، ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىدىغان خاھىشلارنى يۇقتۇرىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.
3. بەش ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ئىپادىسى: بۇ ياشتىكى بالىلار كۆپ ھاللاردا ئىشلارنى ئۆزى قىلىشقا ئامراق، لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ ئۆزىنى كونترول قىلالايدۇ. ئارزۇسى كۈچلۈك، تەسەۋۋۇرغا باي، ئۆزىگە ئىشىنىش روھى ئۈستۈن بولىدۇ. ھەتتا بەزىدە يالغان گەپ قىلىپمۇ قويىدۇ، خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنىمۇ قىلىپ باقىدۇ. ئويۇنغا ئامراق، دىققىتىنى يىغالمايدۇ. ئاسانلا سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلار بىلەن بەسلىشىدۇ. شۇڭا بۇ ياشتىكى بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى تەدبىرلەرنى ياش ئالاھىدىلىكىگە قاراپ توغرا تاللاپ، بالىلارنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش ۋە يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇلارغا مۇستەقىل ئۆگىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىش كېرەك. لېكىن، ئاتا - ئانىلار شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشى كېرەككى، بۇ ياشتىكى بالىلار ئويۇنغا ئامراق بولغاچقا، ئازراقلا بوش قويۇۋېتىلسە، مەركىزىي نۇقتىدىن قېچىپ، بىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان يامان ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۇۋېلىشى مۇمكىن.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەربىيەچى قانداق بولسا، پەرزەنتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. پەرزەنتىنى سۆيمەيدىغان، پەرزەنت ئۈچۈن كۆيمەيدىغان ئاتا - ئانا يوق. لېكىن پەرزەنت تەربىيەسى بىر مەزگىللىك ئىش ئەمەس، بەلكى ھەم جاپالىق ھەم شەرەپلىك بۈيۈك خىزمەت. شۇڭا بۇنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بولىدۇ. نۆۋەتتە شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە بولغان نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ئۈنۈملۈك پەيتنى قولدىن بېرىپ قويغاندا پۇشايمانغا قېلىپ، چوڭ بەدەللەرنى تۆلەشكە قالىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.
ئالدىنقىسى:ئانىلارنىڭ كۆيۈمى مەڭگۈلۈكتۇر | كېيىنكىسى: تۈگەپ قاپتۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار