ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالام سورىغان سۇئالل ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

ئانىلارنىڭ جاپاسى ۋە ساپاسى

ۋاقىت : 2010-03-11 21:32 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئانىلارنىڭ جاپاسى ۋە ساپاسى

 

پەرزەرنىتلەرنىڭ ساپاسى ئانىلارنىڭ ساپاسىغا، تەربىيىسىگە باغلىق. شۇڭا ساپالىق ئانا بولۇش نۆۋەتتىكى تەخىرسىز مۇھىم مەسىلە. چۈنكى ئانىلارمۇ ئىجتىمائىي بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.
    ئۆي ئىشى، ئائىلە غېمى، ئانىلارنىڭ ئاساسلىق مەشغۇلاتى. ئانا بىر ئائىلىنىڭ ئاساسلىق غەمگۈزارى، تەربىيىچىسى. ئانىلار ئادەتتە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بىلەن بىرگە قولۇم–قوشنىلار، ئۇرۇق–تۇغقانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. دېمەك، ئانىلارنىڭ ھەر بىركۈنى ھەر مىنۇت ۋاقتى تىنىمسىزلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ. شۇڭا دانالىرىمىز‹‹ئانىلار بىر قولىدا بۆشۈكنى يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ››،‹‹جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا››دېگەندەك تەرىپلەر بىلەن ئانىلارنى ئۇلۇغلىغان. ئائىلە تەربىيىسىدە ئانىلارنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ. بىر مىللەت ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ ساپاسىغا باغلىق. جەمئىيەتنىڭ ئانىلارغا قويغان تەلىپى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتىدۇ. ئانىلىق سالاھىيىتىدىكى ئاياللار ئۆزىنىڭ ساپاسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ تۇرمىسا جەمئىيەتنىڭ، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالمايدۇ.
    ھازىرقى دەۋر ئانىلاردىن ئانىلىق سالاھىيىتىگە چۇشلۇق ساپا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئانىلار سۆلەتكە ئەمەس، ساپاغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. سۆلەتلىك ئانا بولغاندىن كۆرە ساپالىق ئانا بولغان ئاقىلانىلىك. سۆلەت كىيىم–كېچەك، گىرىم ھېچنېمىنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە بالىلاردا ناچار خاھىش –يۈزلىنىشلەرگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىن. ئانىلار ساپالىق بولغاندىلا پەرزەنىتلەر ساپالىق، ياراملىق بولىدۇ. كەلگۈسى ئىجتىمائىي ئەخلاق، ئائىلە ئەخلاقى، مەدەنىيەت ساپاسى جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن ئانىلارنى كۈتىدۇ.

شىنجاڭ ياشلىرى ژۇرنىلىدىن ئېلىندى
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار