ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالام سورىغان سۇئالل ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرىتى

ۋاقىت : 2015-05-16 17:19 | مەنبەسى : ئىزدىنىش | ئاپتۇر : ئابدۇۋەلى ئا | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرىتى
ئابدۇۋەلى ئايۇپ
مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرىتى

مەسئۇلىيەت دېگەن سۆزنىڭ يىلتىزىدا مەسئۇل دېگەن تومۇر ياتىدۇ. مەسئۇل دېگەنلىك ئىگە، رەھبەر خوجايىن دېگەنلىكتۇر. مەلۇمكى، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ تومۇرى خوجايىنلىق، ئىگىدارلىقتۇر. شۇڭا ئىنساندىكى ئۆزىگە، ئۆزگىلەرگە، يېرىگە ۋە تېنىگە مەسئۇل بولىدىغان روھنى مەسئۇلىيەتچانلىق دەيمىز. ئۆزىنىڭ دېگىنىگە، ئويلىغىنىغا ۋە قىلغانلىرىغا ئىگە بولىدىغان روھنى مەسئۇلىيەتچانلىق روھى دەيمىز. ئۆزىنىڭ نەپسىگە، مېلىغا، ۋە جىنىغا خوجايىن بولالايدىغان كىشىلەرنى مەسئۇلىيەتچانلاردىن سانايمىز. پەرزەنتلىرىمىزدە مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ شەكىللىنىشى ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت بوسۇغىسىغا ۋە بالاغەت دەرۋازىسىغا يىقىنلاشتۇرىدۇ. بەزى بالىلارنىڭ كۆزىمىزگە چوڭ ئادەمنى كىچىك قىلىپ قويغاندەك كۆرۈنىشى ئۇلاردا يېشىدىن ھالقىغان بالاغەتنىڭ، مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ بەكرەك ئۇلغايغانلىقىدىن بولغان. مەسىلەن، كۆزىمىزگە ئالتە-يەتتە ياشلىق بالىنىڭ ئاغرىق ئانىسىغا ھەمراھ بولۇشنى تاللاپ دوستلىرى بىلەن ئويناشتىن ۋاز كېچىشى ۋە ئانىسىغا ئوخشاش ئاغرىقچان ئانىلارنىڭ بىمارلىق ئازابىدىن خالاس بولۇشى ئۈچۈن تېبابەت ئۈگىنىپ دوختۇر بولماقچى بولۇشى دېگەندەك. ئادەتتە بالىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق روھى يىتىلىشى ئۈچۈن ئۇلار شۇنداق بىر ئېھتىياج ۋە قاچقۇسىز بىر ۋەزىپىگە دۇچ كېلىشى كېرەك. ئەگەر بالىلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىغا ئېھتىياج چۈشمىسە ئۇلاردا مەۋجۇدلۇقنىڭ بەلگىلىرى بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھى ۋە ئادىتى شەكىللەنمەيدۇ.
         ئانام باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئەقلىمنى بىلسەم مەكتەپتە يۈرگەن ئىكەنمەن. ئۇ چاغلاردا بىر سىنىپقا بىرلا ئوقۇتقۇچى توغرا كېلىدىغان بولۇپ ئەتىگەندىن كەچكىچە ھەممە دەرسلەرنى بىرلا ئوقۇتقۇچى ئۆتەتتى. مەكتەپتىن قايتقاندا ئانامنىڭ سومكىسىدىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بىر تالاي تاپشۇرۇق دەپتەرلىرى چىقاتتى. كەچلىرى ئانام ئۆيگە كېلىپ تاماق ئېتىپ بولغۇچە قېرىنداشلىرىم مۆلدۈرلەپ ئولتۇراتتىكەن، مەن كىچىك بولغاچ دائىم ئۇخلاپ قالاتتىكەنمەن. چوڭ ئاكام يەتتە ياشقا كىرگەندە ئۆزى تەلەپ قىلىپ تاماق ئېتىشنى ئۆگەنگەن. بەلكىم، ئانام مەكتەپتىن كەلگۈچە ئاچ ئولتۇرۇش ۋە ئۇكىلىرىنىڭ ھىلى نان، ھىلى چاي دەپ يىغلاشلىرى ئاكامغا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىشنىڭ ئېھتىياجىنى ھېس قىلدۇرغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا پەرزەنتلەردە مەسئۇلىيەتچانلىق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بالىلىرىمىز شۇنداق بىر ئېھتىياجنى تونۇپ يېتىشى كېرەك.
        ئۆيدە ياكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا ئەگىشىشىنى، بېقىنىشىنىلا بىلىپ بىرەر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالماسلىقى ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىسىز. دائىم ئەگىشىشكە كۆندۈرۈلگەن بالىلاردا مۇستەقىللىق تۇيغۇسى كۈچلۈك بولمايدۇ. تايىنىشقا ئادەتلەنگەن بالىلاردا ئىگىدارلىق، خوجايىنلىق روھى كەمچىل بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ سەل قارايدىغىنى «كىچىك بالىنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى، بۇلارغا دەپ ئېغىز ئۇپراتقاننىڭ ئەھمىيىتى يوق. »دېگەن خىيال بىلەن بالىغا ۋەزىپە يۈكلەشكە سەل قاراشتۇر. بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ دائىم قىلىدىغىنى بۇيرۇق شەكلىدە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش بولۇپ بۇ ھالدا بالىلار ئۆزىنى بويسۇنغۇچى دەپ قارايدۇ. ئەگەر ئىش ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغان ئاتا ياكى ئانا شۇ كۈنى قىلماقچى بولغان ئىشنى ئائىلە ئەزالىرىغا مەسلىھەت شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرسا، تەكلىپ تەلەپپۇزىدا تەقسىم قىلىپ بەرسە، ياكى ئۆيدىكى مەلۇم ئىشقا بالىنى مەسئۇل قىلىپ ھوقۇقنى پۈتۈنلەي ئۆتكۈزۈپ بەرسىچۇ؟ ئەلۋەتتە ئۈنۈم ئوخشىمايدۇ. بۇيرۇق چۈشۈرۈش شەكلىدە ئىش ئورۇنلاشتۇرغاندا بالىلار ئۆزىنى بويسۇنغۇچى، ئەگەشكۈچى دەپ قارايدۇ. ۋەزىپە يۈكلەش-ھوقۇق ئۆتۈنۈپ بېرىش شەكلىدە ئىش ئورۇنلاشتۇرغاندا بالىلار ئۆزىنى ۋەزىپىنىڭ مەسئۇلى، خوجايىنى دەپ قارايدۇ. بالىمىز ئۆزىنى مەسئۇل دەپ قارىغاندىلا ئاندىن مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ.
       مەسئۇلىيەتچانلىق بالىلارنىڭ قىلغان سۆزى، خۇي-پەيلى ۋە ئىش ھەرىكەتلىرىگە مۇستەقىل ئىگە بولۇش جەريانىدا يىتىلىدۇ. ھازىر مەكتەپ، يەسلى ھەتتا ئالي مەكتەپ ۋە ئىدارە ئورگانلارغىچە ئومۇملاشقان بىر يامان ئادەت شۇكى، شەخسنىڭ خاتالىقىغا ئائىلە ئەزالىرى مەسئۇل بولۇشتۇر. مەسىلەن، يەسلىلەردە بالىلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قىلىشلىرى جەريانىدا تاتىلىۋىلىش، سۈرۈلۈش ۋە كۆكۈرۈپ قىلىش كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ ھالدا يەسلى مەسئۇللىرى ئاتا-ئانىلارغا تېلىفون قىلىپ زەخمىلەنگۈچى تەرەپكە چۈشەندۈرگۈزىدۇ . مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىمەسلىكى، ئىنتىزامسىزلىق قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاتا-ئانىلارنى چاقىرتىش ئارقىلىق ھەل قىلىدۇ. ھەتتا ئالي مەكتەپ ۋە ئىدارە ئورگانلاردىمۇ بالىلارنىڭ مەسئۇلىيتى ئۈچۈن ئاتا-ئانىنى، ئەرنىڭ مەسئۇلىيتى ئۈچۈن ئايالىنى چاقىرتىدىغان ئەھۋاللار كۆپ ئۇچرايدۇ. بەلكىم بۇ جوڭگۇدا چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىن باشلانغان جەمەتىنى قوشۇپ جازالاش ئەنئەنىسىنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. شەخسنىڭ ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، باراۋەرلىكى، ئۆزلۈكى ئېتىراپ قىلىنمايدىغان جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئەمەس بېقىندىلىقىدىن ھېساب ئىلىنىدۇ. شۇڭا بۇنداق جەمئىيەتتە ھەممە ئادەم بېقىندىلىقنى قانداق قىلىپ ۋايىغا يەتكۈزۈشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. بالىلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا مەسئۇل بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بېقىندىسى دەپ قارىلىپ مۇستەقىل باراۋەر ۋە ھۆر بىر شەخس ئىكەنلىكىنىڭ ئېتىراپ قىلىنمىغانلىقىدىندۇر. ئەگەر پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆزىنىڭ خۇي-پەيلى ۋە سۆز ھەرىكىتى سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە ئۆزى جاۋابكار بولىدىغان پۇرسەت بېرىلمىسە ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق يىتىلمەيدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلار مەكتەپنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەش قىلمىشىغا تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ، بالىلارغا خاتالىقلىرىغا مۇستەقىل يۈزلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.  ئەگەر بالىلىرىمىز مەكتەپتە، مەھەللىدە ۋە ئائىلىدە خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولسا، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى، كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەتكە مۇستەقىل ھالدا مەسئۇل بولۇشى كېرەك. بۇ مەسئۇلىيەتچانلىقنىڭ بېشى ئەلۋەتتە.
بالىلىرىمىزدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق ئۇلارنىڭ قارارى، پىكرى ۋە سۆزىگە مەسئۇل بولۇش جەريانىدا يېتىلىدۇ ۋە مۇستەھكەملىنىدۇ. ئادەتتە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ زىيان ئۇرۇشلىرى، مالال قىلىشلىرى ۋە خەقلەرنى ئالدىغا يالۋۇرۇپ بارغۇزۇشلىرىغا چىدايدىكەن. لېكىن جاۋابلىشىشلىرى، تاكاللىشىشلىرى ۋە رەت قىلىشلىرىغا سۈكۈت قىلالمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارغا گەپ ياندۇرۇشلىرى بالىلاردىكى كۆز –قاراش ۋە ئوي-پىكىرلەرنىڭ شەكىللىنىپ مۇقۇملاشقانلىقىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ ھەقلىق قوغدىنىشتۇر.
       ئۆزىنىڭ قارارىغا ۋە ئوي-پىكىرلىرىگە سادىق بولۇپ مۇداپىئەلىنىشنى بىلگەن بالا مەسئۇلىيەتچانلىقنى يېتىلدۈرگەن بالىدۇر. شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئۆزىگە گەپ ياندۇرۇشقا جۈرئەت قىلغان بالىلىرىنىڭ جاسارىتىدىن سۆيۈنۈشى كېرەك. بالىمىزدا بىز بىلەن مۇنازىرىلىشىش ھەتتا بېزنىڭ تەكلىپ پىكىرلىرىمىزنى رەت قىلىش خاھىشىنىڭ شەكىللەنگەنلىكى ئۆزىدە مۇستەقىل ئىددىيە شەكىللەندۈرگەنلىكنىڭ ئىپادىسى. بالىلارنى ئۆزىنىڭ ئوي-خىيال ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە ئىگىدارلىق قىلىش قوغداش ۋە باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش پىكىرىنىڭ پەيدا بولىشى غورۇر شەكىللەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسىدۇر. بىزنىڭ بالىمىزدىن غورۇر ۋە ئىددىيەسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە پىكرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى، باشقۇرۇشىمىزغا بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلىشىمىز ئۇلارنىڭ ئۆزھاياتىغا مەسئۇل بولۇش ھوقۇقىنى تارتىۋالغانلىقىمىز بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.
مەندىن ئېنگىلىزچە ئۈگەنگەن بىر قىزنىڭ گېپى دائىم قۇلاقلىرىمدا ،‹‹كەسپىم بىلەن مەكتىپىم خىيالىمدىمۇ يوق، پەقەت تۆت يىلدىن كېيىن دادامغا دىپلومنى تاپشۇرساملا بولدى››دېگەن ئىدى راھىلە. مانا بۇ دادىسىنىڭ گېپىنى يىرالماي ئۆزى خالىغان مەكتەپكە بارالمىغان بىر قىزنىڭ ئوقۇشقا تۇتقان پوزىستىيەسى، ئەگەر ئۇ قىز ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ دادىسىنىڭ تەشەببۇسىنى رەت قىلغان بولسىچۇ؟! ئۆزىنىڭ تۇيغۇسى ئارمانلىرىغا ئىگە بولالمايۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزدىن باشقىلارغا جەمىيەتكە ئىگە بولۇشنى كۈتەلەيمىزمۇ؟ بالىمىزدا ئۆز غورۇرىغا مۇرەسسەسىز ئىگىدارلىق قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان روھ بولمىسا مەسئۇليەتچانلىق شەكىللەنمەيدۇ. باشقىلارنىڭ غورۇرىنى ، ئىددىيەسىنى ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، ھۆرمەت قىلمايدىغان بالىلار دەل ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشتىن مەھرۇم قالغان بالىلاردۇر. 
ئامېرىكىدا كىشىلەر قۇدرەت مەسئۇلىيەتتىن كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن. ئامېرىكا سىياسىيونلىرى دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنى مەسئۇلىيەتچان ھۆكۈمەت ۋە مەسئۇلىيەتسىز ھۆكۈمەت دەپ ئىككىگە ئايرىيدىكەن. ئامېرىكىلىقلار يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ بالىلاردا ئۆز مۈلكىگە مۇتلەق خوجايىنلىق قىلىدىغان، ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىگىسىدىن بىسوراق چىقىلىشلىرىغا يول قويمايدىغان ئادەت يېتىلدۈرىدىكەن. مەھەللىمىزدە قىزىم بىلەن تەڭ كېلىدىغان تەدىم ئىسىملىك بىر قىز بارئىدى. بىر كۈنى قىزىم بىلەن ھاشارات تۇتۇپ ئويناۋاتقان تەدىمنىڭ قىزىمغا نېمىلەرنىدۇ دەۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئاستا بېرىپ قۇلاق سالسام قىزىمغا چوڭلاردەك تەنبىھ بەرگىلى تۇرۇپتۇ. ئېنگىلىزچە بىلمەيدىغان قىزىم مەسۇم قارا كۆزلىرىنى تەدىمنىڭ زەڭگەر كۆزلىرىگە تىككىنىچە ھىچ نېمىنى ئاڭقىرالماي قاراپ تۇرۇپتۇ. ئەسلىدە قىزىم تەدىمنىڭ ھاشارەت سالىدىغان ساندۇقىغا ئۆزى تۇتقان ھاشارەتلەرنى سالغانىكەن. تەدىم ‹‹بۇ ساندۇق مېنىڭ، ئەگەر ئىشلەتمەكچى بولساڭ مەندىن سورىشىڭ كېرەك. مەندىن سورىماي ئىشلەتسەڭ بولمايدۇ.›› دېگەندەك گەپلەر بىلەن نەسىھەت قىلغىلى تۇرۇپتۇ. تەدىمنىڭ يېشىغا نامۇناسىپ سۆزلىرى ۋە پوزىستىيەسى ماڭا بۇلارنىڭ مەخسۇس ئۈگىتىلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. سۈرۈشتۈرسەم راستكەن ھەتتا يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئىشلەتمەكچى ۋە كۆرۈپ باقماقچى بولسا چوقۇم ئۇلاردىن ئىجازەت سورايدىكەن. دېمەك، تۈزۈم تەرەققىياتتا ئىلغار دۆلەتلەردە مەسئۇلىيەتچانلىق سەبىيلەرنىڭ يەسلىسىدىن تارتىپ چوڭلارنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگىچە تەكىتلىنىدىكەن ۋە مەقسەتلىك شەكىلەندۈرىلىدىكەن. ئۇلار بالىلاردىكى مەسئۇلىيەتچانلىقنى تەربىيلەشنى بالىلارنىڭ مۈلكى ، شەخسىيىتى ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشتىن باشلايدىكەن.

ھەربىر ئاتا-ئانا بولغۇچىدا بالىلىرىنى روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن قۇدرەتلىك ئادەم بولسىكەن دېگەن ئارمان بار. ھەممىمىزنىڭ بالىلىرىمىزنى غالىبلارنىڭ قاتارىدا كۆرۈش ئارزۇيىمىز بار. پەقەت بولمىغاندىمۇ ئۆز كۈنىنى ئۆزى ئېلىپ بىزگە تۇغقانلارغا ۋە جەمىيەتكە يۈك بولمايدىغان ئادەم بولسىكەن دەيمىز بالىلىرىمىزنى. مەنچە بۇ ئارزۇلىرىمىزنىڭ ئەمەلگە ئىشىش ئاشماسلىقى بالىمىزدا ئىنساندىكى مەۋجۇدلۇقنىڭ بەلگىسى سانىلىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنىڭ بولۇش بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆزىگە، مېلىغا ۋە جېنىغا مەسئۇل بولىدىغان بالىلار چوڭايغاندىمۇ ھەرقانداق شارائىتتا مېلىنى كۆپەيتىشنىڭ، جېنىنى ئاسراشنىڭ پېيىدا بولىدۇ، نەپسىگە ھاكىم بولۇپ تاماغا قۇل بولمايدۇ. ئەتراپىدىكى كىشىلەر ۋە مەسىلىلەرگە مەسئۇل بولىدىغان بالىلار ئېھتىياج ۋە چارىلەر ھەققىدە ئىزدىنىپ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەردە مۇتەخەسسىسلىك يولىنى تاللايدۇ. دۇنيا ۋە تەبىئەت قوينىدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرگە مەسئۇل بولىدىغان بالىلارنىڭ ھاياتى تەگسىز سۇئاللار، ساناقسىز تەجىرىبىلەر ۋە ھوزۇرلۇق كۆزىتىشلەر ئىچىدە ئۆتىدۇ. بالىلاردىكى مەسئۇل بولىدىغان دائىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئۇلار قازىنىدىغان ئۇتۇقنىڭ دائىرىسىنى بەلگىلەيدۇ. بالىلىرىمىز زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيەت قانچە زور بولسا ئۇلاردا شۇنچىلىك قۇدرەت ھازىرلىنىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى قانچە مەسئۇلىيەتچان ھېس قىلغانچە شۇنچىلىك قۇدرەتكە ھاجەتمەن بولىدۇ دە-ھەسسىلەپ تېرىشىدۇ. شۇڭا بالىلىرىمىزدىكى مۇۋاپىقىيەتلىك ھاياتنىڭ كاپالىتى مەسئۇلىيەتچان روھ ۋە ئادەتتۇر.
       بالىلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق روھى يېتىلدۈرۈش ۋە بۇ روھنى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا ئادەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاردا ئۆزىگە مەنسۇپ نەرسىلەرگە مەسئۇل بولىدىغان، باشقىلارنىڭ بىسوراق چېقىلىشلىرىغا سۈكۈت قىلمايدىغان جۈرئەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك. بالىلار مەسئۇل بولۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەر ئۇلارنىڭ بويۇملىرى، ھوقۇقى، ئارزۇسى، مەخپىيىتى ۋە كىشىلىك ئىززىتى قاتارلىق ماددى ۋە مەنىۋى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتچان روھ ۋە ئادەت يېتىلدۈرۈشتە ئاتا-ئانىلار ئۈلگە بولۇپ بالىلارغا ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بالىمىز ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى، رولىنى نامايان قىلىدىغان پۇرسەتلەر، زۆرۈرىيەتلەر ۋە ئېھتىياجلار ئىچىدە تۇرغاندا ئاندىن مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىدۇ. مەسئۇلىيەتنى دائىم ھىس قىلىپ تۇرغانىدىلا ئاندىن مەسئۇلىيەتچان بولالايدۇ.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار