ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالام سورىغان سۇئالل ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى

ۋاقىت : 2010-03-11 21:25 | مەنبەسى : بەشتاش مۇنبىرى | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم
ياخشى ئانىنىڭ ئۆلچىمى


 

ئامىرىكىدا نەشىر قىلىنغان « ئاياللار تۇرمۇشى » ژورنۇلى ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناش پائالىيىتى ئىلىپ بېرىپ ،ئۇلاردىن ئانىلارنىڭ  ئۆزىلىرىنى قانداق تەربىيلىگەنلىكى، قانداق قىلغاندا ياخشى ئانا بولغىلى بولىدىغانلىقى ؟ توغرىسىدا پىكىر ئالغان.
تۆۋەندە ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى سىناشتىن كەلگەن بىرقىسىم خەتلەرنى دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچىمەن:
1.كىتاپ ئۇقۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇش.
بىر ئۇقۇرمەن مۇنداق دەيدۇ--- بالىلىق چاغلىرىمدا ئانام ھەر كۈنى ماڭا كىتاپ ئوقۇپ بېرەتتى،ھەم مىنىڭ قانداق كىتاپلارغا قىزىقىدىغانلىقىمنى بىلىش ئۈچۈن كۈتۈپخانىغا ئاپىراتتى شۇنداقلا ياخشى كۆرگەن كىتاپىمنى نەق مەيداندىلا ئەپ بېرەتتى.مەن تۇنجى قىتىم ئانامغا كىتاپ ئۇقۇپ بەرگەندە،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۈكۈلگەنلىكى ھىلىمىۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. مىنىڭمۇ قىزىم بولغاندىن كىيىن مەنمۇ  ئۇنىڭغا ئىزچىل تۈردە كىتاپ ئۇقۇپ بەردىم. ئۇ بىر جايدا جىم تۇرالمايدىغان شوخ قىز ئىدى، ئۇ ئىككى ياشقا كىرگەندە، ھەر كۈنى كەچتە  نۇرغۇن كىتاپلارنى يىنىغا قۇيۇپ ئۇخلايدىغان بولدى.مەن ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن «  قۇڭۇر ئېيىق »ھىكايىسىنى ئۇ ماڭا سۆزلەپ  بەرگەندە،مىنىڭمۇ كۆزلۈرۈمدىن ياشلار تاراملاپ تۈكۈلدى.
2.باشقىلارنىڭ ئالدىدا تەنبىھ بەرمەسلىك.
بىر ئۇقۇرمەن خىتىدە مۇنداق دىگەن----مەن مەيلى قانداق خاتالىق ئۆتكۈزۈشۈمدىن قەتئىنەزەر،ئانام مىنى مەيلى ناتۇنۇش كىشى ئالدىدا بولسۇن ياكى ئۆيدىكىلەر ئالدىدا بولسۇن ۋە ياكى دوستلۇرۇم ئالدىدا بولسۇن خىجىل قىلمايتتى.ئۇ ھەمىشە ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا ئاساسەن ئۆيگە قايتقاندا ياكى خالى جايغا ئاپىرىپ تەنبىھ  بېرەتتى.
3.تەربىيە بىرلىكىنى ساقلاش.
بىر ئۇقۇرمەن خىتىدە مۇنداق دىگەن----بالىلىق چاغلىرىمدا ئاتا-ئانامنىڭ بىر-بىرىنىڭ پىكرىگە  قارشى چىققانلىغىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىدىم.ئۇلار بىر-بىرىنىڭ ئىشىنى ئۆز-ئارا قوللايتتى،كۆز قاراش جەھەتتە بىردەكلىككە ئىگە ئىدى .ئۇلار ماڭا كۆز قاراشلىرىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇر ئاساسى بارلىقىنى  ھىس قىلدۇرغان ئىدى.
4.قانائەتچان بۇلۇش.
بىر ئۇقۇرمەن خىتىدە مۇنداق دىگەن -----ئانام دائىم ماڭا « بالام جاھاندا سەندىن كۈچلۈك ئادەممۇ ،سەندىن ئاجىز ئادەممۇ بار .سەن ئۈزۈڭ ئىگە بولغان ھەممە نەرسەڭدىن خۇرسەن بول »دەپ تەربىيە بېرەتتى.مەن ھازىر مەلۇمبىر دوختۇرخانىنىڭ ئالاھىدە  پەرۋىش بۈلۈمىدە خىزمەت قىلىمەن ،مەن ئېغىر كىسەل بولغان بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۈستۈمگە ئالغان بولغاچقا  ،تۆت ئوغلۇمنىڭ ساغلام چوڭ بولۇۋاتقانلىغىدىن خۇرسەن بولىمەن.بۇ خىل قاراش كىشىنى تۇلىمۇ قانائەتچان قىلىدىكەن.
5.ياخشى مۇئامىلىدە بۇلۇڭ.
بىر ئۇقۇرمەن مۇنداق دەيدۇ-----ئانام دائىم مەن بىلەن پاراڭلاشقاندا ياكى مەندىن سۇئال سورىغاندا ھەمىشە بىلىكىمنى ياكى  قۇلۇمنى ۋە ياكى مۈرەمنى ،ھىچ بولمىغاندا بىشىمنى سىيلايتتى.بۇ خىل يىقىملىق مۇئامىلە  مەندە بىر ىىل ئىللىق تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى.
6.ئالدىراپ نارازى بولمالسلىق.
بىر ئۇقۇرمەن مۇنداق دەيدۇ------ئاتا-ئانامنىڭ بىز تۆت بالىنى بىقىش ۋە  ئالى مەكتەپتە ئۇقۇتۇش ئۈچۈن  قانچىلىك بەدەل تۆلىگەنلىكى ماڭا ئايان.مەن ئەزەلدىن ئۇلارنىڭ تارتقان جاپا -مۇشەققەتلىرىگە  ۋايسىغانلىغىنى ،كەلگۈسىدە جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز  ھەققىدە ھىچقانداق گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلاپ باقمىدىم.ئانامنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولمىسىمۇ ،كىسىلىنىڭ ناچارلىشىپ كىتىشىنى ئەزەلدىن باشقىلاردىن كۆرۈپ باقمىغان.
7.تىلىۋۇزۇرنى دائىم كۆرمەسلىك.
بىر ئۇقۇرمەن مۇنداق دەيدۇ-----ئانام تىلىۋۇزۇر كۆرۈش ۋاختىم ۋە تىلىۋۇزۇر پۇرۇگراممىلىرىغا چەكلىمە قۇياتتى ،ئۇ ھەمىشە بالىلىق چاغنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك ۋە گۈزەل ئىكەنلىكىنى ،ۋاقىتنى تىلىۋۇزۇر كۆرۈش بىلەن ئىسراپ قىلماسلىقىمنى تاپىلايتتى.شۇڭا،مىنىڭ بالىلىق چاغلىرىم تۇلىمۇ مەنىلىك ئۆتكەن.
مەنبە«رادىئو-تىلىۋىزىيە گىزىتى»دىن.
ئالدىنقىسى: تۈگەپ قاپتۇ | كېيىنكىسى:زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇ
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار