ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : بالام سورىغان سۇئالل ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ مەسئۇلىيەتنىڭ قۇدرى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

ئۇيغۇر ئانىلىرىدا ھامىلە ۋە بوۋاق

ۋاقىت : 2011-07-28 20:10 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : بەشتاش | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ ھامىلە ۋە بوۋاق تەربىيلەشتىكى

 

ئادەتلىرى توغرىسىدا

 

(گۇما رايونىدىكى ھامىلە – بۇۋاق تەربىيىسىدىكى ئادەتلەر توغرىسىدا تەكشۈرۈش)

 

نۇرمۇھەممەت ئىسمائىل

 

 

پەرزەنىت ئاتا–ئانىلارنىڭ ئىز باسارى، ئەجدادلار ھاياتىنىڭ داۋامى.ئەجدادلار يېتەلمىگەن مەنزىلگە تۇغ–ئەلەم قادايدىغان ئۈمىد چىرىغى. پەرزەنتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئائىلىدە بىر ۋارىسنىڭ پەيدا بولۇشى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە مىللەت ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ داۋاملىشىشىدۇر. شۇ ۋەجىدىن ھەر بىر قۇرامىغا يەتكەن كىشى نىكاھ–ئائىلىدىن ئىبارەت تۇرمۇش شەكلى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەۋلادىنى قالدۇرىدۇ ھەم بۇنى شەرەپ دەپ بىلىدۇ.شۇنداقلا پەرزەنىتلىرىنىڭ ئەخلاقلىق، قابىليەتلىك، ئەقىللىق، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.

پەرزەنىت تەربىيسى ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ھەر بىر ئاتا–ئانا پەرزەنىت ئانا قورسىقىغا ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپلا پەرزەنىت ئۈچۈن ياشاشقا باشلايدۇ. ئۆز پەرزەنتىنىڭ ۋەتەن، خەلققە ياراملىق، ئەل ئۈچۈن جان پىدا قىلالايدىغان، ئەقلىي قابىليىتى ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنىدۇ، تىرىشىدۇ.ئىنسانلار ئۆز تارىخىدا ئوخشىمىغان ئىرق، ئوخشىمىغان مىللەت، ئوخشىمىغان دىنىي ئېتقاد ئاساسىدا رەڭگارەڭ پەرزەنىت تەربىيىسى مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇيغۇرلامۇ دۇنيادىكى مەدەنىيەتلىك قەدىمىي مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن مىللىي خاسلىققا ئىگە ئىلغار پەرزەنىت تەربىيىسى ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەن.

تارىختىن بۇيان، ئاتا–ئانىلىرىمىز يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پەرزەنىت تەربىيىسىدىكى ئىلغار تەجىرىبىلىرىگە تايىنىپ دۇنياغا ئۇلۇغ شەخىسلەرنى يېتىشتۈرۈپ، ۋەتەنگە، مىللەتكە شان – شەرەپلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئۇلار يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ئۇلۇغ ئالىملارنى تەڭداشسىز سەركەردىلەرنى، تونۇلغان سىياسىئونلارنى، مەشھۇر دۆلەت ئەربابلىرىنى تەربىيلەپ، لاياقەتلىك ئاتا–ئانا بولۇش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ نام – شەرىپىنى، ئۇيغۇر ئاتا-ئانلىرىنىڭ ئۇلۇغلىقىنى نامايان قىلدى. بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ پەرزەنىت تەربىيسى بۇلىقىدىن سۇ ئىچىپ بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق.

دەۋر ۋە شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلاردىكى پەرزەنىت تەربىيىسىمۇ دەۋر، شارائىتقا ماس ھالدا ئۆزگىرىپ، راۋاجلىنىپ كەلدى.پەن–تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، بىلىم ۋە ئۇچۇر ئاساسىغا قورۇلغان بىلىم ئىگىلىكى دەۋرنىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت ئىگىلىكى دەۋرنىڭ ئورنىنى ئېلىشى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنلىكتىن، مىللىتىمىز كەسكىن رىقابەت ۋە ھايات–ماماتلىق سىنىقىغا دۈچ كەلدى. مانا مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ئەجدادلار ئىزىنىڭ ۋارىسى بولغان پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك رىقابەت ئالدىدا تەمتىرەپ قالماي، مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا بېسىشى، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىش ياكى قالالماسلىقى ئۇلارنىڭ دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس تەربىيلىنىشىگە باغلىق. شۇڭا پەرزەنىت تەربىيسى مەدەنىيىتىمىزدىكى ئىلمىي، ئىلغار بولغان ئەنئەنىلەرنى ساقلاپ قېلىپ داۋاملاشتۇرۇش، ئىلمىي بولمىغان، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەيدىغان، خۇراپىي، فېئودال قاراش ئەكىس ئەتكەن پەرزەنىت تەربىيىسى ئۇسۇلىنى تېزدىن ئىسلاھ قىلىپ، دەۋر تەرەققىياتىغا ماس كېلىدىغان، ئىلغار، مۇكەممەل پەرزەنىت تەربىيىسى سىستېمىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈش-شۈبھىسىزكى دەۋرنىڭ تەقەززاسىغا ئايلاندى.

پەرزەنىت تەربىيىسى سەنئىتىدىكى ئىلغار ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىلمىي بولمىغان، پەرزەنىتلەرنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىشىگە، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا يامان تەسىر بېرىدىغان پەرزەنىت تەربىيلەش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىلمىي، مۇكەممەل پەرزەنىت تەربىيىسى سەنئىتى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، خەلق ئارىسىدىكى پەرزەنىت تەربىيىسىگە ئائىت ئەنئەنىۋى ئادەتلەر، ئۇدۇم ۋە ئرملەر ھەمدە قائىدە – مۇراسىملارنى، ئادەتلەرنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىشقا، رەتلەشكە، بۇلار ئۈستىدە ئىلمىي ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە «مېغىزىنى تاللاپ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىش» پرىنسىپى بويىچە، ھەم ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىلغار بولغان پەرزەنىت تەربىيلەش سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىشىمىز ھەم ھازىرقى زامان ئىلىم–پەننىڭ پەرزەنىت تەربىيىسى جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرىنى ئىجادىي ئاساستا قوبۇل قىلىشىمىز لازىم. شۇ ئاساستا ھەم مىللىي خاسلىققا ئىگە ھەم دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە پەرەزەنىت تەربىيىسى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

تۆۋەندە مەن ئۇيغۇرلاردىكى پەرزەنىتلەرنى ھامىلە دەۋرى ۋە بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى تەربىيلەش ئادەتلىرىنىڭ خوتەن ۋىلايىتى گۇما رايونىدىكى ئالاھىدىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

گۇما ناھىيىسىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىي قىسمىغا، يەنى تەكلىماكان چۆلىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە، قارا قۇرۇم تاغلىرىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە جايلىشىشىتەك ئۆزگىچە جۇغراپىيىلىك شارائىتى بۇ رايوندىكى خەلقلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشىدا بەزى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرگەن. گۇما خەلقى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر شېخى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئومۇمىي ئۇيغۇر خەلقىگە خاس بولغان پەرزەنىت تەربىيىسى ئەنئەنىلىرىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بەزى ئۆزىگە خاس ئادەت ۋە ئۇدۇم قائىدىلەرنىمۇ ساقلاپ كەلگەن.

 

بىرىنچى، ھامىلە تىلەش ئادىتى

 

گۇما رايونىدا تۇغماس ئاياللار ياكى توي قىلىپ بىر قانچە يىلغىچە ھامىلدار بولالمىغان ئاياللار پەرزەنىتلىك بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ ھامىلە تەلەپ قىلىدىغان تۆۋەندىكىدەك ئادەتلەر بار:

1. بېلىنى تېڭىپ ھامىلە تىلەش:

خەلق ئارىسىدا ھامىلە تىلىگۈچىلەرنىڭ بېلىنى تاڭىدىغان بۈۋملەر بولۇپ، ئۇلار پەرزەنىت تىلىگۈچى ئايالنىڭ گەۋدىسىنىڭ بەل قىسمىنى ئايلاندۇرۇپ، تۇخۇم، ئوديان، ئۆرۈك دەرىخىنىڭ يىلىمى قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان دورىنى سۇۋاپ ئۈستىدىن داكا بىلەن چىڭ يۆگەپ تېڭىپ قويىدۇ.بۇ تېڭىق 3كۈندىن كېيىن ئېلىۋېتىلىدۇ.بۇ ئۇسۇل ئاياللارنىڭ ئاسان ھامىلە بولالماسلىقىنى ئۇيغۇر تېبابىتى بويىچە يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىر تەرەپتىن ئىسسىقلىق دورىلىرى بولغان تۇخۇم، ئوديان،ئۆرۈك يىلىمى قاتارلىقلار ئارقىلىق بالىياتقۇدىكى سۇغۇقلۇقنى ھەيدەپ، بالىياتقۇ ئىقتىدارى كۈچەيتىلسە، يەنە بىر تەرەپتىن كېڭىيىپ كەتكەن بالىياتقۇنى قورۇپ نورمال ھالىتىگە قايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھامىلدار بولۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

بۇ ئۇسۇل خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخي دەۋرلەردە تېبابەت ئىلمىدە ھەر جەھەتتىن ئىزدەنگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى.

2. ئاپەت سۈيى ئىچىپ ھامىلە تىلەش؛

گۇما رايونىدا تۇغماس ئاياللار ياكى نىكاھلىنىپ پەرزەنىت يۈزى كۆرەلمىگەن ئاياللار موللىلار ياكى بۈۋىلەرگە ئالما، لىگەن يۈزىگە ھامىلە تەلەپ قىلىشقا موناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى يازدۇرۇپ، ئۇلارنى يامغۇر ياكى قار سۈيىدە چايقاپ ئىچىش ئارقىلىق خۇدادىن پەرزەنىت تىلەيدۇ.ئالمىغا ئايەت يېزىشتا سىياھسىز قەلەمنىڭ ئۇچى بىلەن ئالما يۈزىگە ئويۇپ يېزىلىدۇ.لىگەنگە يېزىشتا يامغۇر ياكى قار سۈيىدە ئېرىتىلگەن زەپەردە قومۇش قەلەم ئارقىلىق يېزىلىدۇ.

بۇ خىل ئۇسۇلدا ھامىلە تىلەش ئادىتى قويۇق دىنىي تۈس ئالغان بولۇپ، بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ بارلىق مەۋجۇداتلارنى ئاللاھ ياراتقان، پەرزەنىت ئاتا قىلىش ئاللاھنىڭ ئىلىكىدىكى ئىش دەپ ئىشىنىدىغانلىقى؛ يەنە بىر تەرەپتىن يامغۇر بىلەن قارنىڭ زېمىنغا يېغىپ زېمىننى سۇغۇرۇپ، زېمىندا جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدىغان، شۇنىڭدەك ھاياتلىقنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغان سۇنىڭ يامغۇر ۋە قاردىن كېلىدىغانلىقنى تونۇپ يەتكەنلىكى ھەم بۇنىڭغا زېمىنغا يېغىپ زېمىننى سۇغۇرۇپ، زېمىندا جانلىقلارنىڭ ياشىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ھاياتلىقنىڭ مۇھىم كاپالىتى بولغان سۇنىڭ يامغۇر ۋە قاردىن كېلىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ھەم بۇنىڭغا ئىشەنگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇشى مۇمكىن.

3. ئۇلۇغلار مازىرىنى زىيارەت قىلىپ بۇلاققا ئۈزۈك تاشلاش ئارقىلىق ھامىلە تىلەش:

ئۆتمۈشتە پەرزەنىت تىلەيدىغان ئاياللار گۇما ناھىيىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان باشلەڭگەر يېزىسىنىڭ يۇلچۇڭ دېگەن يېرىدىكى سۇلتانى ۋەيىس مازىرىنى تاۋاپ قىلىپ، بۇ مازاردىكى چوڭ سۆگەتنىڭ غولىدىكى تۆشۈكتىن ئېقىپ چىققان ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقتىن ھاسىل بولغان بولاققا ئۈزۈك تاشلاپ، ھامىلدارلىقنى تىلەش ئادىتى بولغان. سۇلتانى ۋەيىس مازىرى بىر شەيىخنىڭ مازىرى بولۇپ، مازاردا بىر تۈپ يانتۇ ئۆسكەن سۆگەت بولۇپ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ سۆگەتتىن ئۆسۈپ چىققان شاخلار يەر ئاستىغا ئۇزىراپ كىرىپ ئۇنىڭدىن يەنە يېڭى سۆگەتلەر ئۆسۈپ چىققان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن  سۆگەتلەر كۆپىيىپ، 2 ، 3 مو يەرنى ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر توپ سۆگەتنىڭ ئادەم بويى كېلىدىغان جايىدىن ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق ئېقىپ چىقىپ سۆگەت تۈۋىگە يىغىلپ بىر بۇلاقنى ھاسىل قىلغان بولۇپ، بىر خىل سۈرلۈك مەنزىرە شەكىللەنگەن. يەرلىك كىشىلەر بۇنى «سۈت بۇلاق» دەپ ئاتايدۇ. ھەم ئۇنىڭدىن ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇقنى كېسەلگە شىپا دەپ قارايدۇ.

بۇ خىل ئادەت ئەجداتلىرىمىزنىڭ دەرەخلەرگە، روھلارغا چوقۇنۇشتەك ئىپتىدائىي ئادەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

 

ئىككىنچى، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئادەتلەر

 

ئانىنىڭ ھامىلدار بولۇشى پۈتۈن ئائىلىنىڭ شادلىقى بولۇپ، خەلق ئارىسىدا ئەزەلدىن خەيرلىك ئىش سۈپىتىدە تەنتەنە قىلىنىپ كەلگەن.ئەجداتلىرىمىز ھامىلىنىڭ ساغلام، پۈتۈنسۈرك يېتىلىپ، ساق–سالامەت تۇغۇلۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، ھامىلدار بولغان ئانىنىڭ تىنىچ – ئامانلىقىنى ئىستەپ، ھامىلدارلىق مەزگىلىگە دائىر بىر يۈرۈش ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. قەدىمدە كىشىلەر ھامىلدار ئانىنىڭ تېنىدىكى بىر قاتار فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنى ھازىرقى زامان ئىلىم – پەن چۈشەنچىلىرى نۇقتىسىدىن چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئادەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1. ئېتقاد ئادەتلىرى:

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئانا بولغۇچى ئايەت يېزىلغان ئالمىنى يېسە، بالىسى چىرايلىق تۇغۇلىدۇ. چۇلاڭ (كۆزىنىڭ ئۈستىدە قاشسىمان پەيلىرى بار، قارا رەڭلىك كىچىك قۇش) گۆشى يېسە بالىسى چۇلاڭدەك قاشلىق بولىدۇ. كۈندە بىر دانە ياڭاققا قۇرۇق ئۈزۈمنى قوشۇپ يېسە بالىسى ئەقىللىق بولىدۇ. ياڭاق بىردىن ئارتۇق بولسا كۆكىرىپ قالغاندەك تۇغۇلىدۇ.قوناق تامىقىنى كۆپ يېسە بالىسى چاچلىق بولىدۇ. ھامىلە تەۋرىگەندە ئانىنىڭ قورسىقىغا تەپكەندە يەرگە قارىسا بالىسى يەردەك پاك، زېمىندەك ئۇلۇغ بولىدۇ. سۇغا قارىسا ئېقىن سۇدەك چاققان بولىدۇ. ئەينەككە قارىسا ئۆزىگە ئوخشاش بولىدۇ. قايناق سۇنى كۆپ ئىچسە بالىسى سۈزۈك تۇغۇلىدۇ. مۆتىدىل نەرسىلەرنى يېسە بالىنىڭ مىجەزى مۆتىدىل بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

2. پەرھىز قىلىدىغان ئادەتلەر:

گۇما رايونىدا كىشىلەر ئارىسىدا ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك كېرەك، ئەگەر يەپ قالسا بالىسى ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، يىغلاڭغۇ بولۇپ قالىدۇ. توشقان گۆشى يېمەسلىك كېرەك، ئەگەر يەپ قالسا بالىسى توشقان كالپۇك بولۇپ قالىدۇ.تۆگە گۆشى يېمەسلىك كېرەك، ئەگەر يەپ قالسا قورساق كۆتۈرۈش ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىدۇ.قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەسلىك كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن بالىسى قارا تۇغۇلۇپ قالىدۇ.ھامىلدار ئايال ئۆپكىگە قارىماسلىق كېرەك، قاراپ قالسا بالىسى ئاسان قىزىرىدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ. ھامىلدار ئايال بىر يەرگە بارسا چوقۇم بارغان يولى بىلەن قايتىپ كېلىشى كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ھامىلىنىڭ كىندىكى ھامىلە بوينىغا يۆگىشىپ قېلىپ خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ. ھامىلدار ئايال مىس چۆگۈندە سۇ ئىچمەسلىك كېرەك، ئەگەر ئىچىپ قالسا ھامىلىنى مىسىلمىيان ئالۋاستى يەپ كېتىدۇ.كۈل، ئەخلەت تۆككەن جايلارغا تەرەت قىلماسلىق كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا جىن–شاياتونلار ھامىلىگە زىيان سالىدۇ. تۇغۇت ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى باشقىلاردىن مەخپى تۇتۇش كېرەك، كۆپ ئادەم ئاڭلاپ قالسا، بۇۋاق شۇنچە ئادەمنىڭ كۈچى بىلەن تۇغۇلىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش قاراشلار بار.

3. ھامىلدار ئايالنىڭ ئىش–ھەرىكەتلىرىگە قويۇلىدىغان تەلەپ ئادەتلىرى:

پەرزەنتىنىڭ ياخشى مىجەزلىك، خۇشچىراي ئادەم بولۇشى ئۈچۈن، ھامىلدار ئانا ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشى، ئاچچىقلانماسلىقى، ھاۋاسى ساپ، مەنزىرىلىك جايلاردا تۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ھامىلىنىڭ ياخشى يېتىلىپ، ئامان –ئېسەن تۇغۇلۇشى ئۈچۈن ھامىلدار ئانا باش ۋە قورساق قىسمىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىشىدىن ساقلىنىشى، ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرمەسلىكى، ئولتۇرۇپ قوپۇش، يول يۈرۈشتە سىلىق–سىپايە بولۇش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىش تەكىتلىنىدۇ. يۇقىرىقلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئەجدادلىرىمىز ئىستىمال قىلغان يېمەك –ئىچمەكلەرنىڭ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ –يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ناھايىتى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن.شۇنداقلا ھامىلدار ئايال ئىستىمال قىلغان يېمەك–ئىچمەك پەرزەنىتلەر مىجەزى، چىرايى، خۇي–پەيلىنى بەلگىلەيدىغان قاراشقا ئىشىنىپ، ئىپتىدائىي ئېتقاد ۋە دىنىي تەسىردىن پەرزەنىتلەرنىڭ مىجەز خۇلقى ۋە چىراي قىياپىتىنىڭ ئاتا–ئانىسىدىكى ئىرسىي ئامىل تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئۆزلىرى يەكۈنلەپ چىققان «نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن»، «ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق»دېگەندەك ماقال –تەمسىللەردە ئىپادىلەنگەن ئىرسىيەت قانۇنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىمىغان. شۇڭا بۇ ئادەتلەر ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلگەن.

 

ئۈچىنچى، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئادەتلەر

 

ئەجدادلىرىمىز يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقنىڭ ساغلام، ئەقىللىق، قابىلىيەتلىك، ئەخلاقلىق بولۇپ يېتىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ، بوۋاق تەربىيىسىگە دائىر بىر يۈرۈش ئادەتلەرنى شەكىللەندۈرگەن. گۇما رايونىدا بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئادەت، قائىدە – مۇراسىملارنى تۆۋەندىكىدەك تۈرلەرگە بۆلۈش مۇمكىن.

1. بوۋاقنى پەرۋىش قىلىشتىكى ئادەتلەر

1) بوۋاقنىڭ كىندىكىنى قومۇشتا كېسىش

خەلق ئارىسىدا بوۋاقنىڭ كىندىكىنى قومۇشتا كەسمەي، تىغدا كەسسە، بوۋاق ئېنى يامان ئادەم بولۇپ قالىدۇ، دەيدىغان قاراش بولغاچقا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇغۇت ئانىسى ياپىلاق قىلىپ تەييارلانغان قومۇش غولى بىلەن بوۋاقنىڭ كىندىكىنى ئۇزۇنراق قىلىپ كېسىدۇ، ئىككى، ئۈچ كۈندىن كېيىن بوۋاقنىڭ كىندىكىنى ئۆرۈك مېغىزىنى چالا كۆيدۈرۈپ تەييارلانغان ماي ياكى قوينىڭ قۇيرۇق مېيى بىلەن ياغلاپ قويىدۇ.

2) تۇنجى ئېمىتىشتىن بۇرۇن بوۋاققا مەسكە يېغى يېگۈزۈش

بوۋاق تۇغۇلۇپ كىندىكى كېسىلىپ بولغاندىن كېيىن پاختىنى نەمدەپ بوۋاقنىڭ بەدىنى تازىلىندۇ ۋە بىرەر سائەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن بالىغا ئازراق مەسكە يېغى (قوي سۈتىنىڭ قايمىقىدىن ئايرىۋېلىنغان ياغ) يىگۈزۈلۈپ، ئاندىن ئېمىتىلىدۇ.

3) بوۋاقنىڭ بېشىنى تېڭىش

بالىنىڭ بېشىنىڭ يۇمىلاق بولۇشى ھەم باش سۆڭەكلىرىنىڭ ياخشى تۇتۇشى، زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، بوۋاق تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ قىرقى توشقۇچە بوۋاقنىڭ بېشى قېتىغا قارا قوينىڭ يۇڭى ياكى پاختا ئېلىنغان داكا بىلەن تېڭىلىدۇ. تېڭىش ئۇسۇلى مۇنداق:داكىنىڭ قېتىغا قارا قوينىڭ يۇڭى ياكى پاختا سېلىپ بوۋاق بېشىنىڭ ئۈستى قىسمىغا ئوچۇق قالدۇرۇلۇپ باشنىڭ ئەتراپىنى قۇلاق بىلەن قوشۇپ مۇۋاپىق چىڭلىقتا تېڭىلىدۇ. بۇ چاغدا قۇلاقنىڭ باشقا بەك يېقىن بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قۇلاقنىڭ كەينىگە پاختا قىستۇرۇلىدۇ. تېڭىق ئارىسىغا قارا قوي يۇڭى ئېلىشتا بالىنىڭ مىجەزىنىڭ ئىسسىق مىجەز بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، پاختا ئېلىشتا سۇغۇق مىجەز بولۇشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

4) بوۋاقنى سېرىق قۇمدا زاكىلاش

گۇما رايونىدا بوۋاقنى بۆشۈككە بۆلەش ئومۇملاشقان. بوۋاق تۇغۇلۇپ ئالتە ئايلىق بولغۇچە بوۋاقنىڭ زاكىسىغا سېرىق قۇم سېلىپ زاكىلاش گۇما رايونىدا ئومۇمىيۈزلۈك ئادەتكە ئايلانغان. بۇ خىلدىكى زاكىلاش ئۇسۇلى مۇنداق: كۈن نۇرى كۆپ چۈشىدىغان جايدىن ئېلىپ كېلىنگەن سېرىق قۇمنى تۆمۈر قاچىغا قۇيۇپ، ئوچاققا ياكى مەشكە قويۇپ قىزدۇرۇپ ئاندىن بۇنى تاسقىۋەتكەندىن كېيىن بوۋاقنىڭ كۆرپىسىگە تۆكىمىز. قۇم سوۋۇپ مۇۋاپىق ھارارەتكە كەلگەندە بالىنىڭ مەقىتىگە پاختا قىستۇرۇپ ساغرىسىنى قۇمغا توغرىلاپ ياتقۇزۇپ كۆرپىنى ئورىغاندىن كېيىن، قۇر (زاكا بېغى)بىلەن بوۋاقنىڭ مۆرە قىسمىدىن باشلاپ پاقالچىگىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىگىچە مۇۋاپىق چىڭلىقتا تاڭىمىز. بوۋاقنى زاكىلاشتا بەزى چاغلاردا كۈن نۇرى تولۇق چۈشىدىغان جاينىڭ توپىسىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

بوۋاقنى قۇمدا زاكىلاشنىڭ پايدىسى شۇكى، قۇم ئىسسىتىلغانلىقى ئۈچۈن بوۋاق راھەت ھېس قىلىپ ئاسان ئۇخلايدۇ. بوۋاقنىڭ چوڭ–كىچىك تەرىتى قۇمغا سىڭىپ بالىنىڭ بەدىنى ھۆل بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ تېقىم، يىرىقلىرىنىڭ نەملىكتىن ياللۇغلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.شۇنىڭدەك قۇم بىلەن زاكىلىغاندا بالىنىڭ زاكىسىنى ھېلىدىن–ھېلىغا يەڭگۈشلەشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت قۇمنى پات–پات ئالماشتۇرۇپ تۇرساقلا بولىدۇ.بۇنىڭ بىلەن دائىم داكا يۇيۇش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.سېرىق قۇمنىڭ يەنە قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش رولى بولغاچقا، بوۋاقنىڭ تىمەن، ساغلام ئۆسۈپ–يېتىلىشىگە پايدىلىق.

ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى بۇرۇنلا قۇم بىلەن بوۋاق زاكىلاشنىڭ پايدىلىق تەرىپىنى بىلگەن. ھەم بۇنى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. بوۋاقنى زاكىلاشتىن بۇرۇن قۇم قىزدۇرۇلىدىغان بولغاچقا، قۇم تەركىبىدىكى مىكرو ئورگانىزىملار ئۆلۈپ، بوۋاققا زىيىنى بولمايدۇ.ھازىر يېزا –قىشلاقلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادى تازا تەرەققىي قىلىپ كېتەلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا بۇ خىل زاكىلاش ئۇسۇلىنىڭ يەنىلا قوللىنىش قىممىتى بار.

2. بوۋاق تەربىيىسىدىكى جىسمانىي گۈزەلللىك پەرۋىشى ئادەتلىرى

گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبئىي خۇسۇسىيىتى. ئەجدادلىرىمىز پەرزەنىتلىىرنى مۇئەييەن جىسمانى گۈزەللىك تەلىپى بويىچە تەربىيلەش ئادەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بۇلارنىڭ ئاساسلىقى تۆۋەندىكىچە:

1) بوۋاقنىڭ بېشىنى تېڭىش ئارقىلىق دوقا ماڭلاي، سوقا باش، دەلدەڭ قۇلاق بولۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغان.

2) بالىنىڭ قول–پۇت سۆڭىكىنىڭ تۈز ئۆسۈشى ئۈچۈن، بالىنى زاكىلىغاندا بالىنىڭ قول–پۇتلىرىنى تۈز، رەتلىك قىلىپ چىڭراق زاكىلايدۇ.

3) پۇت سۆڭىكى ۋە بۇيۇن سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكىنىڭ تۈز يېتىلىشى ئۈچۈن ھەر قېتىم بوۋاقنىڭ زاكىسىنى يەشكەندە بوۋاقنىڭ قولتۇقىدىن تۇتۇپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ يەرگە دەسسىتىدۇ.

4)بالىنىڭ قاڭشارلىق بولۇشى ئۈچۈن قاڭشىرىنى يېنىك چىمدىپ بېرىدۇ، بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ چوڭ، ياپىلاق بولۇپ قالماسىلىقى، بۇرۇننىڭ ئىنچىكە بولۇشى ئۈچۈن بۇغداينى چايناپ مەلھەم قىلىپ بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ ئىككى يېنىغا قويۇپ بېرىدۇ.

5)بوۋاقنىڭ قېشىنىڭ قارا ھەم قويۇق ئۆسۈشى ئۈچۈن، شاپتۇل مېغىزىنى چالا كۆيدۈرۈپ مېيىنى چىقىرىپ بوۋاقنىڭ قېشىغا سۈرىدۇ.

6) بوۋاق يىقىلىپ چۈشكەندە باش سۆڭىكى شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۇخۇمنىڭ ئېقى بىلەن سوقۇلغان ئوديان سۇۋالغان خوتەن قەغىزى بىلەن بوۋاقنىڭ بېشىنى چىڭ ئوراپ تاڭىدۇ.

 

                               داۋامى بار

 

 

 

مەنبە: ‹‹بۇلاق ›› 2006–يىللىق 2–سانىدىن.

ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار