ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : پەرزەنت تەربىيەسىدە ئانىلارنىڭ كۆيۈمى مە بالىلار ئەخلاق تەربى بالىڭىزنى چۈشىنەمسى

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

ئانىلارنىڭ كۆيۈمى مەڭگۈلۈكتۇر

ۋاقىت : 2015-08-25 16:21 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم

 
ئانىلارنىڭ كۆيۈمى مەڭگۈلۈكتۇر

ئەكبەر ۋەلى
ئانىلارنىڭ كۆيۈمى مەڭگۈلۈكتۇر

 

   ئانىلار تۆۋەندىكىلەرنى زېرىكمەي، تېرىكمەي ھەر دائىم تاپىلاپ تۇرىدۇ: تاماقنى ئىسسىقىدا يېگىن، كۆپ يېگىن بولمىسا بويۇڭ ئۆسمەيدۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلە، تىللىما، ئەدەپلىك بول، يالغان سۆزلىمە، چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلا، يولدىن ئۆتكەندە دىققەت قىل، بۈگۈن ھاۋا سوغۇق، چاپىنىڭنى كىيىۋال، ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپىنى ئاڭلا، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ئىشلە دېگەندەك. بۇنداق گەپنى ئاڭلاۋېرىپ زېرىككەن بەزى بالىلار: ‹‹بىر قېتىم دېگەندىكىن بولدى ئەمەسمۇ، توختىماي دەۋېرەمسەن››دەپ قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ، ئانىلار يەنىلا ئۈزلۈكسىز تاپىلايدۇ، چۈنكى ئۇلار مۇشۇنداق تاپىلاش ئارقىلىق بالىلارنىڭ سوغۇق بولغاندا قېلىن كىيىنىدىغان، يولدىن ئۆتكەندە دىققەت قىلىدىغان، ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئۆزلىرى سېتىۋالىدىغان، ئۆزىنى – ئۆزى باشقۇرىدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ، تازىلىققا دىققەت قىلىدىغان، راست سۆزلەيدىغان، سەمىمىي بولىدىغان ئادەتلەرنى تەدرىجىي يېتىلدۈرەلەيدىغانلىقى، تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بىر كىشىنىڭ ياخشى ئەخلاقىي پەزىلىتىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. دېمەك، ئۇلار ئۈزلۈكسىز تاپىلاش ئارقىلىق پەرزەنتلەرنى، ھەتتا بىر مىللەتنى كاپالەت تاپقۇزۇشقا تىرىشىدۇ.

   بىز ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ئانىلىرىمىزنىڭمۇ ئاق كۆڭۈللۈكى، جاپا – مۇشەققەتكە چىداملىقلىقى،مىننەتسىزلىكى، ئاددىي – ساددىلىقى، قەيسەرلىكى، چەكسىز مۇھەببىتى، كۈچلۈك نەپرىتىنىڭ ھاياتىمىزغا نەقەدەر زور تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز، دېمەك، تاپىلاش ئارقىلىق ئانىلارنىڭ خاراكتېرى، ئەخلاق – پەزىلىتى قاتارلىقلار كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆزلىشىدۇ.

   ھەقىقەتەن ئانىلارنىڭ كۆڭۈل كۆكسى ناھايىتى كەڭ، ئۇلار ئالدى بىلەن پەرزەنتنىڭ غېمىنى يەيدۇ،دېگەن گېپىگە ئەمەل قىلىدۇ. ئۇلار تولىمۇ ئەپۇچان، پەرزەنتلىرى قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ، گېپىنى ئاڭلىمىسىمۇ، ھەتتا خاتالىقلارنى ئۆتكۈزسىمۇ، يەنىلا ئەپۇ قىلىپ، زور ئۈمىد باغلاپ،ياخشى بولۇشقا يېتەكلەيدۇ، يەنە بىرتەرەپتىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ غەمخورلۇق قىلىدۇ، ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ھەتتا بالىلىرى ئۆي – ئوچاقلىق بولۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ، يەنە ئۇلارنىڭ غېمىنى قىلىپ، بەزى ئىشلارنى تاپىلاپ تۇرىدۇ.

   دېمەك، ئانىلار تارىختىن بۇيان ھاياتقا ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىللە، ئىشچان قولى، ساپ كۆڭلى ۋە چەكسىز مۇھەببىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت دۇنياسىنى ياراتقان. شۇڭا تەتقىقاتچىلار: ئىنسانىيەتنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى قەيسەر ئانىلارنىڭ تولغاق ئازابى، جۈملىدىن تەبىئەت ۋە جەمئىيەتتىكى بوران – چاپقۇنلارنىڭ ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارايدۇ.

 
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار