يېڭى قىزىق نۇقتا :
بالىلار ئەخلاق تەربى
بالىڭىزنى چۈشىنەمسى
بالام سورىغان سۇئالل
ئانا قەلبى مېھىر-مۇھ
نۇربىيە ھاشىم
داڭلىق شائىر فىلىپ لاجىڭ مۇنداق دېگەن: ‹‹ئاتا – ئاناڭ ساڭا زىيانكەشلىك قىلدى، گەرچە ئۇلار قەستەن قىلمىغان بولسىمۇ بىراق ئۇلار ھەقىقەتەن ساڭا زىيانكەشلىك قىلدى››. نۇرغۇن مۇلاھىزىلەردىن كېيىن شائىرنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ‹‹ئاتا – ئانامنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنى مەن ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ بالىسى››. بۇ بىر جۈملە سۆز نۇرغۇن تورداشنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. مەن يەنە بىر تورداشنىڭ مۇنداق دەپ يازغىنىنى كۆرگەن: ‹‹تولۇقسىز 2 – يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا مەكتەپتە ئىش چىقىرىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن، ئاپام خاپا بولۇپ، ماڭا بىر ئايغىچە گەپ قىلمىغان››. يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋال بالىدا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر يەتكۈزىدۇ.
نۇرغۇن ئاتا – ئانا بالىلىرىنىڭ پۈتۈن ئۆمرىنى لايىھەلەپ بېرىشكە، باسىدىغان يولىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئامراق، بالا بۇنىڭغا قارشى چىققان ھامان ‹‹سەن بىزنىڭ توغرا قىلغانلىقىمىزنى كېيىن چوقۇم بىلىپ قالىسەن›› دېيىش ئارقىلىق بالىنىڭ ئاغزىنى ئېتىدۇ.
ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ كەلگۈسى يولىنى ئۆز قولى بىلەن لايىھەلەپ بېرىش، ھەددىدىن زىيادە ئارىلىشىۋېلىش ۋە كونترول قىلىۋېلىش سەۋەبلىك بىلىپ – بىلمەي بالىلارنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى توسالغۇغا ئايلىنىپ قېلىپ، بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقىنى تارايتىپ، بالىلارنىڭ يوشۇرۇن قابىلىيتىىنى جارى قىلدۇرۇشىغا، ئۆزلۈكىدىن ئىزدىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ قويىدۇ. تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بالىلارنىڭ نىشانىنى باشقىلار ئەمەس ئۆزى بېكىتكەندە، بالىلار نىشانى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىكەن. ئاتا – ئانا بولغۇچى شۇنى چوقۇم بىلىشى كېرەككى، بالىلار ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزى مېڭىشى، ئۆزى تاللىشى كېرەك. بۇ، بالىلار يۈزلىنىشكە تېگىشلىك مەسىلە، باشقىلار ئۇنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
بالىلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى كۆزىتىش ئارىلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ تۇرۇشى لازىم. ئاتا – ئانىلار بالىنى نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە كۆپرەك باشقۇرسا بولىدۇ؛ بالا باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ، ئاتا – ئانا باشقۇرۇشنىڭ كۆپ قىسمىنى ھەمراھ بولۇشقا قارىتىشى، ‹‹كونترول قىلىش ھوقوقى››نى ئاستا – ئاستا بالىنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك؛ بالىلار ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندا، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى يىراقتىن ‹‹باشقۇرۇشى›› كېرەك. بىز ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان كونترول قىلىشتىن ساقلىنىشىنى، ‹‹بالام ھەممە ئىشتا مېنىڭكىنى ئاڭلىشى كېرەك›› دېگەن قارىشىنى ئۆزگەرتىشىنى، بالىلارغا يېتەرلىك ئۆسۈپ يېتىلىش بوشلۇقى بېرىشىنى، كۆپرەك ھەمراھ بولۇشىنى، ئىجادىيەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.