ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! بۈگۈن: مىلادىيە

يېڭى قىزىق نۇقتا : ئانىلارنىڭ كۆيۈمى مە بالىلار ئەخلاق تەربى بالىڭىزنى چۈشىنەمسى بالام سورىغان سۇئالل

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > قوزام > ئالىم بالام > ئىللىق ئائىلە > كۆيۇمچان ئانا > تولۇق مەزمۇنى

بالىلار ئەخلاق تەربىيەسىگە تولىمۇ موھتاج

ۋاقىت : 2015-08-19 13:23 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئويچان | تەھرىر : ئويچان | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
بالىلار ئەخلاق تەربىيەسىگە تولىمۇ موھتاج

گۈلپىيە ئابلىز
بالىلار ئەخلاق تەربىيەسىگە تولىمۇ موھتاج

    يېقىندا بىر خىزمەتدىشىم بىلەن بالىسى توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ھەر قېتىملىق ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا بارغاندا سىنىپ مۇدىرى ئۇنىڭغا بالىسىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى توغرىسىدا قاقشايدىكەن، ئۇنىڭ بۇ ئىشتا بېشى بەك قېتىپتۇ، ئۇ بالىنى ئەخلاقلىق، ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشنىڭ تەسلىكىنى دەپ دەردىنى تۆكۈپ كەتتى.

    مەكتەپلەردىمۇ ئوقۇتقۇچىلار دائىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئەھۋاللىرىدىن قاقشايدۇ. ئەمما ئۇنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئوقۇتقۇچىلارمۇ، ئاتا – ئانىلارمۇ ئىزدەنمەيدۇ. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە بولدۇم.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3 – يىللىقىدا قىزى ئوقۇيدىغان ئايگۈزەل مۇنداق دېدى: مەن ھەر قېتىم ئاتا – ئانىلار يىغىنىغا بارسام، قىزىمنىڭ سىنىپىدىمۇ دەرس ئىنتىزامىنى بۇزىدىغان، مەكتەپ تۈزۈمىگە رىئايە قىلمايدىغان، ساۋاقداشلىرىنى دائىم ئۇرۇپ ئارام بەرمەيدىغان بالىلارنىڭ بارلىقىنى ئاڭلايمەن، مېنىڭچە بۇنداق بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى بالىلىرىغا بولغان تەربىيەنى كۈچەيتىشى، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى دائىم ئەسكەرتىپ، بالىسىغا ھەر تەرەپتىن مەسئۇل بولۇشى كېرەك، بولمىسا ئۇلارنىڭ ناچار ئادەتلىرى سىنىپتىكى باشقا بالىلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق 3 – يىللىقىدا ئوغلى ئوقۇيدىغان ئابلەت ئەپەندىم مۇنداق دېدى: ئوغلۇم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يېرىم يىل قالغان ۋاقىتتا جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ قېلىپ، مەكتەپتىن قاچىدىغان، دەرس ۋاقتىدا ئۇخلايدىغان، مۇئەللىمىنىڭ تەربىيەسىنى ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، بالامدىكى ئۆزگىرىشنى بايقىغاندىن كېيىن مۇئەللىم بىلەن كۆپ قېتىم پىكىرلەشتىم، بۇرۇنقىدەك ئادەتتە بالىنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزسە ئاندىن ۋارقىراپ تىللايدىغان خاتا تەربىيە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆپ تەكىتلەپ، دائىم ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇنى يامان بالىلار بىلەن ئارىلىشىشتىن توستۇم، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئوغلۇمنىڭ نەتىجىسىدىن بەكلا ئەنسىرىگەنىدىم، ئىمتىھان نەتىجىسى چىققاندا ھەممىمىز خۇشاللىقىمىزدىن كۆزىمىزگە ياش ئالدۇق، ئوغلۇمنىڭ نەتىجىسى تولۇق كۇرس 1 – تۈركۈمنىڭ نومۇر چېكىگە يېتىپتۇ. دېمەكچىمەنكى، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە دائىم دىققەت قىلىپ، مەسىلە بايقالغان ھامان توغرا ئۇسۇلدا تەربىيە بېرىپ، ئۇلارنى يامان يولغا مېڭىپ قېلىشتىن توسۇشى كېرەك.

    ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى گۈلزىيە مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ ئەخلاق جەھەتتە خاتالىق سادىر قىلىشى ئاساسلىقى ئائىلە تەربىيەسى ۋە مەكتەپ تەلىم – تەربىيەسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن بولۇۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل ئىچكى – تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرى ھەم بەزىبىر يامان نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەخلاق جەھەتتە خاتالىق سادىر قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەخلاقسىزلىق ئادەتلىرى ۋاقتىدا تۈزىتىلمىسە ھەم ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنمىسا، ئوقۇغۇچىلار يۇقىرى يىللىقلارغا چىققانسېرى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يولىغا مېڭىپ قېلىشى ياكى ئۆزىنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزى نابۇت قىلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا – ئانىلار ۋاقىت چىقىرىپ بالىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بالىلارنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە ياردەم بېرىشى، قىسقىسى بالىلارغا كىچىكىدىن تارتىپلا ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.
ئوت چىقىۋاتقان ئويۇنلار