تەنتەربىيە دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بە
تەنتەربىيە دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بەدەنگە ئىگە قىلىش كېرەك

تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇغۇچىلارنى جىسمانىي جەھەتتە ساغلاملاشتۇرۇپ، بەدەن ساپاسىنى ياخشىلايدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى بەدەن ساپاسىدا روشەن ئۆزگىرىش بولىدىغان مەزگىل بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەدەن تۈزۈلۈشى، جىسمانىي كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى، قىسمەن ئوقۇغۇچىلاردا تەنتەربىيە دەرسىگە قىزىقمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەنتەربىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، پىسخىك روھى ھالىتى قاتارلىقلارنى نەزەردە ئېلىپ، ئۇلارنى مۇۋاپىق مەشىققە قاتناشتۇرۇش كېرەك. تەنتەربىيەگە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلار باشقا دەرستە تىرىشچان، ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولسىمۇ، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان چۈشەنچىسى يېتەرسىز بولغاچقا، تەنتەربىيە دەرسىگە قاتنىشىش ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇپ، سالامەتلىكنى ياخشىلاشقا، بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە سەل قارايدۇ. مېنىڭچە، تەنتەربىيە دەرسى ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ساغلام بەدەنگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك:
بىرىنچى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ساغلاملىق، تەن ساپاسىنى ياخشىلاشتىكى رولىنى ئىلمىي نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈپ، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئۇلارنى قايىل قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، ئوقۇغۇچىلارغا تەنتەربىيە دەرسى ئۆتۈلۈۋاتقاندا، مەدەت بېرىپ ۋە تەنتەربىيە دەرستىن ئىمتىھان ئېلىپ، لاياقەتلىك بولغانلىرىنى مۇكاپاتلاش ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، تەنتەربىيە دەرسكە تولۇق قاتنىشىدىغان، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىمۇ چېنىقىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەن ساپاسى، جىسمانىي قۇۋۋىتىنىڭ پايدىسىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارغا يەڭگىل، قىزىقارلىق مەشىقلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ، چېنىقىشنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرىدىغان، تەنتەربىيە دەرسىنى ياخشى كۆرىدىغان كەيپىياتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى تەنتەربىيە دەرسىگە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا ئوخشاش بولمىغان تەربىيە شەكىللىرى ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە دەرسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا تەنتەربىيە دەرسىگە قىزىقىدىغان، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرى قىزىقىدىغان تەنتەربىيە تۈرلىرى بويىچە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«تەنتەربىيە دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ساغلام بە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: خىمىيە دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن....
- ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش
- گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئويلىغ
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانى
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- 中学信息技术教学优点
- يىڭى ئەسىر ۋە يىڭى دەرىسلىك موھىتى ئوقۇ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن دەرسىنىڭ رولىغا سە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەند
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا دىققەت
- ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش
- گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئويلىغانلىر
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- 中学信息技术教学优点
- يىڭى ئەسىر ۋە يىڭى دەرىسلىك موھىتى ئوقۇتقۇچى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى ئىلىكتىرونلۇق نوسخى
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- مىللەتلەر ئىتپاقلىغى تەربىيەسى دەرىسلىگىدىك
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئويلىغانلىر
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- نىشانلىق ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش ماھار