ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تەتقىقاتتىكى تۈرسىز تېمىلار > تولۇق مەزمۇنى

‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا

ۋاقىت : 2013-05-26 01:03 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
 

‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا

بېلىقىز سەمەت

   ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى يولغا قويۇش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، شۇنداقلا پەن – تېخنىكا ئىگىلەپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ دەرسخانىدىكى ئاساسلىق ئىجراچىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار مەكتەپ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىگە بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تەشكىللىگۈچىلەر ھېسابلىنىدۇ. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش – بولماسلىقىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ ھەمدە ئوقۇتۇشنىڭ تەشكىللىك ۋە سىستېمىلىق بولۇش ياكى بولماسلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، پىداگوگىكا ۋە پىسخولوگىيەلىك ئوقۇتۇش ماھارەتلىرى بويىچە ئۆزىدە ئىلغار ئوقۇتۇش مېتودى ۋە يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى بويىچە يېتەرلىك بىلىم ساپاسىنى ھازىرلىشى كېرەك:

   1. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قىلىشى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنى قىزغىن سۆيۈپ، پىداگوگىكىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئىلغار كەسپىي ئەخلاق ئېڭىغا ئىگە، ئۇنىۋېرسال قابىلىيەتلىك يېتەكلىگۈچىلەردىن بولۇشى كېرەك.

   2. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل – چارىلىرىنى تېپىپ چىقىشتىن باشقا، يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ۋە كۆرسەتمىلىك ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن جانلىق پايدىلىنىشنى بىلىشى، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى بىلەن ئانا تىل ئوقۇتۇشنىڭ مۇكەممەل باغلىنىشى ۋە ئىچكى مۇناسىۋەتلىرىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئەمەلىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. ھەرقانداق ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى چوقۇم ئانا تىلىغا پىششىق بولغاندىن باشقا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەۋھەرلىرىدىن پايدىلىنىشى، تارىخنى پىششىق بىلىشى ۋە خەنزۇ تىلىنى يۈزەكى ئەمەس، ماھىيەتلىك خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق ئەتراپلىق بىلىشى، ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىدە باشقىلارغا ئۈلگە كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹قوش تىل››لىق بولۇشنىڭ قىيىن ئەمەسلىكىنى ئوقۇغۇچىلارغا ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك.

   3. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇتۇش جەريانىدا ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ھازىرلىشى، ئوقۇتۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ھەرقايسى تىللار ئارىسىدىكى ئوخشاشلىق بىلەن پەرقنى تېپىپ چىقالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

   4. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىك ھالىتى ۋە سەزگۈ ئىدراكلىرىنى ماھىرلىق بىلەن كۆزىتىپ، ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىشكە بولغان تونۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئۆگىنىشكە بولغان قىزغىنلىقىنى ھەرۋاقىت ئۇرغۇتۇشى، ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىشى، ئارقىدا قالغانلارنى يېتەكلىشى ۋە ئۇلارغا سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم بېرىشى كېرەك.

   5. ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇتۇش جەھەتتە يۇقىرى ماھارەتلىرى بىلەن مۇكەممەل ۋە ئۈنۈملۈك ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش ئۇسۇلى جەھەتتە پائال ئىزدىنىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

(ئاپتور: مارالبېشى ناھىيەسى سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىپىدىن)

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ