ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تەتقىقاتتىكى تۈرسىز تېمىلار > تولۇق مەزمۇنى

مىللەتلەر ئىتپاقلىغى تەربىيەسى دەرىسلىگىدىكى مۇھ

ۋاقىت : 2013-02-18 17:40 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئالدىراش911 | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
مىللەتلەر ئىتپاقلىغى تەربىيەسى دەرىسلىگىدىكى مۇھىم نۇقتىلار
20-سائەتلىك
(1)ماركىىسزىملىق مىللەت قارىشى دىگەن نىمە؟
ماركىسىزىملىق مىللەتقارىشى-ماركىسىزىمنىڭ مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئومۇمى قارىشى ۋە ئاساسى نۇختىنەزىرى،پرۇلتارىيات ۋە ئۇنىڭ پارتىيىسى تۈزگەن مىللەتلەر پىروگىراممىسى بىلەن مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ يىتەكچى ئىدىيىسىنى كۆرسىتىدۇ.
(2)مىللەتلەر باراۋەرلىگى دىگەن نىمە؟
مىللەتلەر باراۋەرلىگى-مىللەتلەرنىڭ نۇپۇسىنىڭ ئاز-كۆپ بولىشى،ئىختىسادى ئىجتىمائى تەرەققىياتىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋەن بولىشى،ئۆرىپ-ئادەت ۋە دىنى ئىتىقادىنىڭ ھەرخىل بولىشىغا قارىماي،ھەممىسىنىڭ بىردەك باراۋەر بولىدىغانلىغى،باراۋەر ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىگى،دۆلەتنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە قانۇن بويىچە ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمان بولىدىغانلىغى،ئوخشاش مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدىغانلىغى،ھەرقانداق شەكىلدىكى مىللى كەمسىتىشكە ۋە مىللى ئىكىسپۇلاتاتسىيەگە قارشى تۇرۇدىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ.
(3)پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىگى سىياسىتنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى نىمە؟
①مىللەتلەر چوڭ كىچىك بولىشىغا قارىماي بىردەك باراۋەر②مىللەتلەر مۇناسىپ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ
(4)ئېلىمىزدىكى مىللەتلەر باراۋەرلىگىنىڭ ئالاھىدىلىگى نىمە؟
ھوقۇق كەڭ بولۇش،ھەقىقى بولۇش،تولۇق بولۇش،مۇكەممەل بولۇش،ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت بىردەك بولۇشتىن ئىبارەت
(5)نىمە ئۈچۈن مىللەتلەر باراۋەرلىگى ئېلىمىزنىڭ ئىناق جەمىيەت بەرپاقىلىش،مىللەتلەرنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى دەيمىز؟
ئىناق جەمىيەت بەرپاقىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم قۇرۇلىشىنىڭ مۇھىم نىشانى.ئېلىمىزدەك بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتتە مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋەت ھالىتى ئىناق جەمىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى،يەنە كېلىپ مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىگى ئىناق بولغان مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى.چۈنكى ئېلىمىز ئېلىپ بېرىۋاتقان سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش مەيلى خەلق تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش،خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە بولسۇن،مەيلى تەرەققى تاپقان دۆلەتلەر قاتارىدىن بالدۇرراق ئورۇن ئېلىش نىشانىغا يىتىش جەھەتتە بولسۇن،پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئىناق تەرەققى قىلىشىغا،خەلقنىڭ ئىجىل-ئىناق ئۆتىشىگە مۇھتاج.بۇخىل ئىناقلىق مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىگى،ئىتپاقلىغى،ھەمكارلىغى ۋە ئىناقلىغىدىن ئايرىلالمايدۇ.
(6)دۆلەت نىمە ئۈچۈن تەرەققى تاپقان جايلارنىڭ ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلەيدۇ؟بۇپارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىگى سىياسىتىنىڭ قايسى تەرىپىنى نامايەن قىلغان؟
تارىخى ۋە جۇغراپىيەلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئازسانىلىق مىللەت رايۇنلىرى بىلەن دېڭىىز بويىدىكى رايۇنلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىسات،پەن-تېخنىكا،مائارىپ ۋە خەلق تۇرمۇشى سەۋىيىسى جەھەتتە زور پەرىقلەر ماۋجۇت،دۆلەتنىڭ تەرەققى تاپقان جايلارنىڭ ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىشى ئورتاق بېيىش پىرىنىسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ،مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرىقىنى كىچىكلىتىپ،سوتسىيالىزىمنىڭ ئەۋزەللىگىنى نامايەن قىلىش،مىللەتلەر ئىتپاقلىغىنى كۈچەيتىش،چىگرارايۇننى مۇستەھكەملەش،زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. دۆلەتنىڭ تەرەققى تاپقان جايلارنىڭ ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەكىتلىشى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىگى سىياسىتىنىڭ ھەقىقى بولۇش،تولۇق بولۇش،مۇكەممەل بولۇش ئالاھىدىلىگىنى گەۋدىلەندۈرگەن.
21-سائەتلىك
 (7)مىللەتلەر ئىتپاقلىغى دىگەن نىمە؟
مىللەتلەر ئىتپاقلىغى مىللەتلەر نىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋە مۇناسىۋەت جەريانىدا ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش،باراۋەر بولۇش،دوستانە ھەمكارلىشىشنى كۆرسىتىدۇ.
(8)پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللەتلەر ئىتپاقلىغى سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى قايسى؟
①مىللى زۇلۇم ۋە مىللى كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش②مىللەتلەر ئارىسىدىكى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىتپاقلىقنى كۈچەيتىش③ھەرمىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ،دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش④مىللى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ،ۋەتەننىڭ بىرلىگىنى قوغداش.
(9)نىمە ئۈچۈن«ۋەتەننىڭ بىرلىگى،مىللەتلەر ئىتپاقلىغى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ بەخىت سائادىتى؛ۋەتەننى پارچىلاش،مىللى مالىمانچىلىق ھەرمىللەت خەلقى ئۈچۈن ئاپەت»دەيمىز؟
مىللەتلەر ئىتپاقلىغى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم،ئۇ دۆلەتنىڭ بىرلىگى ۋە مىللەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بېرىپ تاقىلىدۇ،دۆلىتىمىزدە مىللەتلەر ئارىسىدا ئىتپاقلىق ۋە ھەمكارلىق بولمىسا سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىشتىن ئېغىز ئېچىش مۈمكىن بولمايلا قالماستىن ھەتتا ۋەتەننىڭ بىرلىگىگە كاپالەتلىك قىلىشمۇ تەسكە توختايدۇ، مىللەتلەر ئىتپاقلىغى ئېلىمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى،شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىشىنىڭ ئاساسى.
(10)يىڭى ئەسىر،يىڭى باسقۇچتىكى مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسى تېمىسى نىمە؟
مىللەتلەر ئورتاق ئىتپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ،ئورتاق گۈللەپ تەرەققى قىلىش
(11)مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى قايسى؟
مىللەتلەر ئىتپاقلىغى،ھەمكارلىغى ئۆزمىللىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرىتكە بولۇپلا قالماي،بەلكى يەنە پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ تۈرىتكە بولىدۇ.
 
 
22-سائەتلىك
 (12)مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيە دىگەن نىمە؟
مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيە دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىگىدە،ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيە يولغا قۇيۇلىدىغان،ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىس قىلىنىدىغان،ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزىلىدىغان ئاپتونومىيە. مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيە-دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىتەرەپ قىلىدىغان تۈپ سىياسىتى.دۆلىتىمىزنىڭ بىرتۈرلۈك تۈپ سىياسى تۈزۈمى.
(13)ئېلىمىزدىكى مىللەتلەرنىڭ جايلىشىش ئالاھىدىلىگى قانداق؟
كەڭ دائىرىدە تارقاق ئولتۇراقلىشىش،كىچىك دائىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش،ئارىلاش ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە
(14) مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەلىك جايلار نەچچە دەرىجىگە ئايرىلغان؟ مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قايسى؟
ئاپتونوم رايۇن،ئاپتونوم ئوبلاسىت ۋە ئاپتونوم ناھىدىن ئىبارەت3دەرىجىگە ئايرىلغان.دۆلىتىمىزدە5 ئاپتونوم رايۇن،30 ئاپتونوم ئوبلاسىت،120ئاپتونوم ناھىيە بار.مىللى ئاپتونومىيەلىك جايلاردىكى ئاپتونوم رايۇن،ئاپتونوم ئوبلاسىت ۋە ئاپتونوم ناھىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتىتى مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدۇر
(15) مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ يولغا قۇيۇلىشى قايسى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەن؟دۆلىتىمىزىكى تۇنجى ئاپتونومىيەلىك جاي قايسى؟قاچان قۇرۇلغان؟
①ئەمەلگە ئاشۇرۇش باسقۇچى②يولغا قۇيۇش باسقۇچى③تەرەققى قىلدۇرۇش،مۇكەممەللەشتۈرۈش باسقۇچى، دۆلىتىمىزىكى تۇنجى ئاپتونومىيەلىك جاي-ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم ھۆكۈمىتى،1947-يىلى5-ئاينىڭ1-كۈنى قۇرۇلغان
(16) دۆلىتىمىزىكى مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئەۋزەللىگى قايسى؟
①دۆلەتنىڭ مەركەزلىك بىرلىكىگە ۋە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزمىللىتى،ئۆز رايۇنىدىكى ئىچكى ئىشلارنى ئۆزىنىڭ باشقۇرىشىغا پايدىلىق②دۆلەتنىڭ فاڭجىن سىياسەتلىرىنى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ كونكىرىتنى ئالاھىدىلىگى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق③دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشىنى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق④ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ۋەتەننى سۈيۈش ھىسياتىنى ئۆزمىللىتىنى قىزغىن سۈيۈش ھىسياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق.
(17) دۆلىتىمىزىكى مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قايسى؟
①مىللى ئاپتونوم جايلارنى قۇرۇش②ئاپتونومىيە ئورگىنى تەسىس قىلىش③ئاپتونومىيە ئورگىنىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى
(18) ئاپتونومىيە ئورگىنىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقلىرى قايسى؟
①سىياسى جەھەتتىكى ھوقۇقى-ئاساسلىغى ئاپتونومىيە نىزامى ۋە يەككە نىزام تۈزۈش②ئىختىسادى قۇرۇلۇش جەھەتتىكى ھوقۇقى-ئاساسلىغى يەرلىك خارەكتىردىكى ئىختىسادى قۇرۇلۇشنى ئۆز ئالدىغا ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ③مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتىكى ھوقۇقى-ئاساسلىغى مىللى تىل-يېزىقنى قوللىنىدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ④باشقا ئىشلارنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ھوقۇقى-ئاساسلىغى مىللى ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ ئىختىسادى تەرەققىياتى،خەلق تۇرمۇشى ۋە ساغلاملىغى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە چارىلەرنى تۈزىدۇ.
23-سائەتلىك
 (19)دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە ئائىت كونكىرىتنى سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى نىمە؟
①ئاپتونومىيە ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىگىنى ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ پۇقراسى ئۆتەش②ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك ۋە كۆپلەپ تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش
(20) ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ مۇھىملىغى نىمە؟
①مىللى رايۇنلارنىڭ ئىختىسادىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى②مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەتۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىگى ۋە ئىتپاقلىغىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى③ئىتتىپاق مۇقىم سىياسى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى
(21)پارتىيىمىزنىڭ يىڭى دەۋىردىكى ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ فاڭجىنى نىمە؟
تۆتلەشتۈرۈش فاڭجىنى يەنى ئىنقىلابىلاشتۇرۇش،ياشلاشتۇرۇش،بىلىم ئەھلىگە،كەسىپ ئەھلىگە ئايلاندۇرۇش
(22)نىمە ئۈچۈن قابىل ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش كېرەك؟
ئازسانلىق مىللەت كادىرلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئازسانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاستە ھىساپلىنىدۇ،مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش،مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىغى،تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان مۇھىم رولغا ئىگە.
(23)پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دائىر فاڭجىن،سىياسەتلەر قايسى؟
①ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش بىلەن دۆلەتنىڭ ياردىمىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش②تەرەققى تاپقان رايۇنلارنى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ،توغرا لىنىيىلىك ئىختىسادى ئالاقىنى كۈچەيتىش فاڭجىنى③ھەر جاينىڭ شارائىتىغا يارىشا ئىش كۆرۈش ۋە ئالدىن ئېتىبار بېرىش سىياسىتى
(24) ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ قانداق مۇھىم ئەھمىيىتى بار؟
①ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پۈتكۈل زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشى نىشانىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك②ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش-مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى تۈگۈتۈپ،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققى قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ يول③ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش- ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ تەبىئى بايلىقلىرىنى تۇلۇق ئېچىش ۋە ئۇلاردىن تۇلۇق پايدىلىنىشقا پايدىلىق④ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش-چىگرا رايۇننى گۈللەندۈرۈش،دۆلەت مۇداپىيەسىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۈپ يول⑤ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش-دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە گەۋدىلىنىشى،شۇنداقلا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ تۈپ چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى.شۇڭا ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئىختىسادى مەسىلە بولۇپلا قالماستىن،بەلكى يەنە سىياسى مەسىلە ھىساپلىنىدۇ.
(25) ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ مەزمۇنى قايسى؟
①ئازسانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى نۇختىلىق تەربىيەلەش ۋە يىتىشتۈرۈش②ئادەتتىكى ئالى مەكتەپلەرگە ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرىنى پىلانلىق قۇبۇل قىلىش ياكى ئازسانلىق مىللەتلەر سىنىپلىرىنى ئېچىش③ئازسانلىق مىللەتلەر ئالى مەكتەپلىرىدە قىس كەسىپلەرنى كۆپەيتىپ ئېچىپ،كەسىپ،تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈش،شۇنداقلا ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ،ھازىرقى ئازسانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە ئۇلارنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش④ئىختىساسلىقلار ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ،ئەنئەنىۋى كەسىپلەر ۋە مەھسۇلاتلارنى ئۆزگەرتىپ،ئىختىسادى ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرىش⑤يېزا-قىشلاقلاردا پەن-تېخنىكىنى كېڭەيتىش سېستىمىسىنى بەرپا قىلىش⑥پەن-تېخنىكا خادىملىرىنى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئىلھام بېرىش⑦تەرەققى تاپقان رايۇنلارنىڭ ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىش
(26)ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ مەزمۇنى قايسى؟
①مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،مەكتەپ باشقۇرۇشنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇش ②ئىككى ئاساسەن قەدىمىنى تىزلىتىپ،ھەردەرىجىلىك مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تىزلىتىش③مىللى مائارىپقا ياريۆلەك بولۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش④مىللى مائارىپ سېلىمىسىنى ئاشۇرۇش⑤مىللى مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋە ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش⑥ئازسانلىق مىللەت ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ قوشتىل ئوقۇتۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش⑦مىللى مائارىپ ۋاستىللىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش سۈرئىتىنى تىزلىتىش⑧مىللەتلەر ئىتپاقلىغى تەربىيەسى ۋە ئەخلاقى تەربىيە خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن تىزلىتىش
(27)ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ مەزمۇنى قايسى؟
①پۇرسەتنى تۇتۇپ ئوتتۇرا غەربى رايۇنلاردىكى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنى تىزلىتىش ②تەدبىر قوللىنىپ ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش③نۇختىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلىشىنى ئوبدان قىلىپ، ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك تەرەققى قىلدۇرۇش④ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ،ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش⑤ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن يىتىشتۈرۈپ، ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ مەدەنىيەت قۇشۇنى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش⑥ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋەر مەدەنىيىتىگە يار-يۆلەك بولۇش
(28)ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ داۋالاش،سەھىيە ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دائىر سىياسەت تەدبىرلەرنىڭ مەزمۇنى قايسى؟
①ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ سەھىيە قۇشۇنى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش ②ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ،كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش،كىسەللىكنى داۋالاش ۋە ئانا-بالىلار سەھىيە خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى ئىشلەش③ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ شەھەر-يېزا ئاساسى قاتلام ساقلىقنى ساقلاش تەشكىلاتلىرى قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىش④ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ دورىگەرلىك ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرىشىغا يار-يۆلەك بولۇش⑤ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ،يەرلىكتىكى سەھىيە تېخنىكىلىرىنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرۈشكە ياردەم بېرىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش⑥ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ سەھىيە خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور ماددى شارائىتقا ئىگە قىلىش
(29)دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەت تىل-يېزىقى ھەققىدىكى سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى نىمە؟
ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆز تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە؛مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان رايۇنلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ھۆكۈمەت ئىشىنى بىجىرگەندە شۇجايدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىرنەچچە خىل مىللەت تىل-يېزىقىنى قوللانسا بولىدۇ؛تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ تىل-يېزىقى ئاساس قىلىنىدۇ؛ھەرقايسى مىللەت خەلقى ئۆز مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى قوللىنىپ،ئەرىز شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزمىللى تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىدىغان مەدەنىيەت مائارىپ ئىشلىرىغا يادەم بېرىلىدۇ.ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىللىرىنى قوبۇل قىلىدىغان مەكتەپ قۇرۇپ،شارائىتى ياربەرگەن جايلاردا ئازسانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدا تۈزۈلگەن دەرىسلىك ئىشلىتىلىدۇ،ئەمەلى ئەھۋالغا ئاساسەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن يىللىقى ياكى يۇقۇرى يىللىقىدىن باشلاپ،خەنزۇتىلى دەرىسى ئۆتىلىدۇ؛ھەرقايسى مىللەتلەر بىر-بىرىنىڭ تىل-يېزىقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ،ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىدا خىزمەت قىلىدىغان خەنزۇ كادىرلارغا شۇئازسانلىق مىللەتنىڭ تىلىنى ئۈگۈنۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆمىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنى ئۈگۈنۈش ۋە ئىشلىتىش بىلەن بىرگە مەملىكەت دائىرىسىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان پۇتۇڭخۇا ۋە ئۆلچەملىك خەنزۇ يېزىقىنى ئۈگۈنۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ؛ تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەنى يولغا قويغان جايلاردا خىزمەت قىلىدىغان كادىرلار شۇجايدا قوللىنىلىدىغان ئىككىدىن ئارتۇق تىل-يېزىق بىلسە مۇكاپاتلىنىدۇ،ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش،ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيىسى بارغانسىرى ئۆستىرىلىدۇ.
24-سائەتلىك
 (30)ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ئىشلىتىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسىدا دۆلەت قانداق تەدبىرلەرنى قوللاندى؟
①بىر يۈرۈش قانۇن نىزاملارنى تۈزۈپ چىقتى②مەخسۇس ئورگانلارنى تەسىس قىلدى③ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزتىل-يېزىقىنى ئىشلىتىشكە شارائىت يارىتىپ بەردى
(31)نىمە ئۈچۈن دۆلەت ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىقىنى ھۆرمەتلەش بىلەن بىللە پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ؟بۇئۆز-ئارا زىديەتلىكمۇ؟ 
بۈگۈنكى دۇنيادا پەن-تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ،تىلنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى رولى ۋە ئورنى بارغانسىرى مۇھىم بولماقتا.شۇڭا دۆلەت خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرۇپلا قالماي،بەلكى ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىدىمۇ پۇتۇڭخۇانى ئومۇملاشتۇرىدۇ.بۇ زىديەتلىك ئەمەس.
(32)مىللى ئۆرىپ-ئادەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىگى قايسى؟
①ئاممىۋىلىق②مىللىلىق③رايۇن خاراكتىرى
(33)دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدىكى سىياسىتىنىڭ مەزمۇنى قايسى؟
ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللى ئۆرىپ-ئادىتىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاھ قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە،بۇ دۆلەتنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشتىكى باش پىرىنسىپ.
(34) ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
مىللى ئۆرىپ-ئادەتلەر مىللى خاراكتىرگە ۋە ئاممىۋىلىققا ئىگە بولغاچقا،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرىپ-ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلغاندىلا،مىللەتلەر باراۋەرلىگى روھىنى گەۋدىلەندۈگىلى،مىللەتلەر ئىتپاقلىغىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىگىلى،ھەرقايسى مىللەتلەرنى يەنىمۇ ئىتپاقلاشتۇرۇپ،سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشقا پايدىلىق ئىش قىلغىلى بولىدۇ.
25-سائەتلىك
 (35)دىننىڭ مەنىسى ۋە ئالاھىدىلىگى قايسى؟
دىن-كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان تاشقى كۈچلەرنىڭ كىشىلەر كاللىسىدىكى خىيالى ئىنكاسىدىن ئىبارەت.دىن-ئۇزاق مۇددەتلىك،ئاممىۋىلىق،مىللىلىق،مۇرەككەپلىك،ۋە خەلقئارالىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە
(36)دۆلىتىمىزنىڭ دىن سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى قايسى؟
①دىنى ئىتىقات ئەركىنلىگى-پۇقرالار دىنى ئىتىقات ئەركىنلىكىگە ئىگە،ھەربىر پۇقرانىڭ دىنغا ئىتىقات قىلىش ئەركىنلىگىمۇ،ئىتىقات قىلماسلىق ئەركىنلىگىمۇ بولىدۇ،بۇدىنغا ئىتىقات قىلىش ئەركىنلىگىمۇ،ئۇدىنغا ئىتىقات قىلىش ئەركىنگىمۇ بولىدۇ،ئوخشاش بىر دىن ئىچىدە بۇ مەزھەپكە ئىتىقات قىلىش ئەركىنلىگىمۇ،ئۇ مەزھەپكە ئىتىقات قىلىش ئەركىنلىگىمۇ بولىدۇ،بۇرۇن دىنغا ئىتىقات قىلماي،ھازىر ئىتىقات قىلىشمۇ ئەركىنلىك،بۇرۇن دىنغا ئىتىقات قىلىپ،ھازىر دىنغا ئىتىقات قىلماسلىقمۇ ئەركىنلىك②دۆلىتىمىز دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ-دۆلەت نورمال دىنى پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ،ھەرقانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان،پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان،دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەركەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قۇيۇلمايدۇ.③دىننى مۇستەقىل،ئۆزئالدىغا باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش-دۆلىتىمىزدە دىنى تەشكىلاتلار ۋە دىنى ئىشلار چەتئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ④دىننى سوتسىيالىستىك جەمىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا پائال يىتەكلەش⑤دۆلىتىمىز ھاكىمىيەت بىلەن دىننى ئايرىش پىرىنسىپىنى يولغا قۇيىدۇ.
(37)ئوقۇغۇچىلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىن سىياسىتىنى ئۈگەنگەندە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك؟
①توغرا دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ،دىننى توغرا تۇنۇش كېرەك②چىگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر ۋە مىللى بۆلگۈنچىلىك كۈچلىرىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ ئاممىنى قۇترىتىپ،مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقنى سەگەكلىك بىلەن تۇنۇپ يىتىپ،دىندىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلغان قانۇنسىز ھەركەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرۇشى كېرەك③ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۈتۈن زىھنى بىلەن پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۈگۈنىشى كېرەك.
26-سائەتلىك
 (38)پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ سىياسىتى،تۈپ قانۇنى قايسى؟
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ سىياسىتى-مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ قانۇنى- مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيەقانۇنى
(39) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى قايسى؟
پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللى مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى-مىللەتلەر باراۋەرلىگى،مىللەتلەر ئىتپاقلىغى،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش پىرىنسىپىدىن ئىبارەت
(40) پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مىللى سىياسەتلىرى قايسى؟
①مىللەتلەر باراۋەرلىگى سىياسىتى②مىللەتلەر ئىتپاقلىغى سىياسىتى③مىللى تىروتىرىيەلىك ئاپتونومىيە سىياسىتى④ئازسانلىق مىللەتلەر كادىرلىرى سىياسىتى⑤ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرىنىڭ ئىختىسادى،ئىجتىمائى تەرەققىياتىغا دائىر سىياسەتلەر⑥مىللى تىل-يېزىق سىياسىتى⑦مىللى ئۆرىپ-ئادەتلەرگە دائىر سىياسەتلەر⑧دىنى ئىتىقات ئەركىنلىگى سىياسىتى
(41)مىللەت دىگەن نىمە؟ئالاھىدىلىگى قايسى؟
مىللەت دىگىنىمىز-ئىنسانلارنىڭ تىل،تىروتىرىيە،ئىختىسادى تۇرمۇش ئومۇملىغى ۋە مەدەنىيەت ئومۇملىغى بولغان تۇراقلىق بىرلىكى. ئالاھىدىلىگى-تىل،تىروتىرىيە،ئىختىسادى تۇرمۇش ئومۇملىغى، مەدەنىيەت ئومۇملىغى
(42)نىمە ئۈچۈن ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنى ئورتاق قۇرۇپ چىققان دەيمىز؟
①ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىنى ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق تاماملىدى②ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زىمىنى ۋە كۆپ خىل ئىگىلىگىنى ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق ئاچقان ۋە تەرەققى قىلدۇرغان③ۋەتىنىمىزنىڭ شانلىق مەدەنىيىتىنى ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق ياراتقان④ۋەتىنىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىگىنى ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق قوغداپ كەلدى⑤جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ھەرمىللەت خەلقى ئورتاق قۇرغان
27-سائەتلىك
 (43)نىمە ئۈچۈن شىنجاڭنى ئەزەلدىن ۋەتىنىمىز زىمىنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى دەيمىز؟
شىنجاڭ قەدىمدە«غەربى يۇرىت»دەپ ئاتالغان،مىلادىدىن بۇرۇنقى101-يىلى غەربى خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى غەربى يۇرۇتقا يەرلىك ئەمەلدارلارنى قۇيۇپ،ھەربىلەر بوز يەر ئىگەللەپ،تېرىقچىلىق قىلىش ئىشلىرىنى باشقۇردى.مىلادىدىن بۇرۇنقى60-يىلى غەربى خەن سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يەنە غەربى يۇرىت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرۇپ،پۈتكۈل غەربى يۇرىتنىڭ ھەربى،مەمۇرى ئىشلىرىنى بىرتۇتاش باشقۇرغان.بۇ ئاشۇ دەۋىردىن باشلاپلا شىنجاڭ رايۇنىنىڭ رەسمى تۈردە ۆكپ مىللەتلىك بىرلىككە كەلگەن دۆلىتىمىز زىمىنىنىڭ ئايرىلماس بىرقىسمىغا ئايلانغانلىغىدىن دىرەك بېرىدۇ
(44)جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟
جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئۇزاقتىن بىرى داۋاملىشىپ كەلگەن،مەزمۇنى مول،چوڭقۇر ھەم ئىسىل مەدەنىيەت
(45)شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىگى قايسى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ؟
①شەكلى كۆپ خىل ئەدەبىيات سەنئەت②جۇشقۇن رەڭدار مۇزىكا ۋە ناخشا ئۇسۇل③خەلق ئارىسىغا تارقالغان ئۆزگىچە ھۈنەر سەنئەت
(46)شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى دىگەننى قانداق چۈشۈنىش كېرەك؟
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقى«جۇڭخۇاغا رىشتە باغلىغان،ھەرقايسى مىللەتلەر ئىناق ئۆتكەن،بىربىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان،ھەم ئۆزگىچىلىكنى نامايەن قىلغان»شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى،گۈللىنىشى ھەرمىللەت خەلقنىنڭ بىرنىيەت،بىرمەخسەتتە كۆپنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچ قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرۇپ،قول تۇتۇشۇپ،مۆرىنى مۆرىگە تىرەپ،ئىتپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا باغلىق.
(47)شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئىشىغا ئۆزى خوجا بولغانلىغى قايسى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ؟
ھەرمىللەت پۇقرالىرى ئاساسى قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن پۇقرالارنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى،دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان تۈرلۈك باراۋەرلىك ھوقۇقلىرىدىن كەڭ تۈردە بەھرىمان بولدى.ھەرنۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا شىنجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەتلەردىن مۇۋاپىق ساندا ۋەكىل قاتناشتى.
28-سائەتلىك
 (48)ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بىرى شىنجاڭدا قانداق مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى؟
①ئىختىسادى قۇرۇلۇش كۈندىن-كۈنگە يۈكسەلدى②پەن-تېخنىكا،مەدەنىيەت،مائارىپ،سەھىيە ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى③خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرىنەرلىك ئۆستى
(49)قوشتىل ئوقۇتۇشنى يولغا قۇيۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟
قوشتىل مائارىپىنى يولغا قۇيۇش-مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش،باراۋەر،ئىتتىپاق،ئۆز-ئارا ياردەم بېرىدىغان ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،مىللەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە
(50) شىنجاڭدا قانداق مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نىمە؟
شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئىتپاقلىشىپ،جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشى ھەم پارتىيە ۋەدۆلەتنىڭ سەمىمى غەمخورلىغى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە مۇشۇنداق زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى
(51) پارتىيە ۋەدۆلەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان سەمىمى غەمخورلىغى ۋە قوللىشى قايسى جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ؟
①سىياسەت جەھەتتىن قوللىدى②مالىيە جەھەتتىن قوللىدى③نۇقتىلىق تۈرلەر جەھەتتە قوللىدى④ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بەردى ۋە تەربىيەلەپ بەردى
(52)قېرىنداش ئۆلكە شەھەرلەر شىنجاڭغا كۈچلۈك ياردەم بېرىشتە قايسى تەدبىرلەرنى قوللاندى؟
كۆپ مىقداردىكى مەبلەغ،تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلار ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى،ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشى،ئىنىرگىيە مەنبەسىنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتتە ياردەم بەردى
(53)«4نى تۇنۇش»مەزمۇنى قايسى؟
ۋەتەننى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى،جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى،جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم يولىنى تۇنۇشتىن ئىبارەت
29-سائەتلىك
 (54)نىمە ئۈچۈن ئىتپاقلىق،مۇقىملىق شىنجاڭ جەمىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى دەيمىز؟
①ئىتپاقلىق،مۇقىملىق- شىنجاڭ جەمىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشى،گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ۋە كاپالىتى②ئىتپاقلىق،مۇقىملىق- شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ غەلبىلىك بولىشىنىڭ ئاساسى كاپالىتى③ئىتپاقلىق،مۇقىملىق- شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققى قىلىشىنىڭ مۇھىم شەرتى④مۇقىملىق ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈش،ئىتپاقلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش،تەرەققىياتقا ئىنتىلىش-ھەرمىللەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئارزۇسى
(55)شىنجاڭنىڭ ئىتپاقلىغى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسى خەۋپ نىمە؟
«ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭنىڭ ئىتپاقلىغى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسى خەۋپ، ئۈچ خىل كۈچ-چىگرا سىرتىدىكى مىللى بۆلگۈنچى كۈچلەر،دىنى ئەسەبى كۈچلەر،زوراۋان تىرورچى كۈچلەر
(56)مىللەتلەر ئىتپاقلىغىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىغى قايسى؟
مىللەتلەتلەرنىڭ ئىتپاقلىغى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئاجىز بولىشى،كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،ئۇ بىر دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆلچەش بەلگىللىرىنىڭ بىرى.مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتپاقلىغى دۆلىتىمىزنىڭ بىرلىككە كېلىشى،گۈللىنىش،روناق تېپىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى.مىللەتلەر ئىتپاقلىغى بولمىسا دۆلەتنىڭ ئامان-ئىسەنلىگى بولمايدۇ،كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئېلىپ بارغىلى بولمايدۇ،مىللەتلەرمۇ تايانىچتىن مەھرۇم قالىدۇ ۋە تەرەققى قىلالمايدۇ.ۋەتەننىڭ بىرلىگى ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىغىنى قوغداش مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەڭ ئالى مەنپەئەتى،مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ پىرىنسىپى
(57)«3ئايرىلالماسلىق»ئىدىيىسىنىڭ مەزمۇنى نىمە؟
خەنزۇلار ئازسانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالماسلىق،ئازسانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالماسلىق،ئازسانلىق مىللەتلەر ئۆز-ئارا ئايرىلالماسلىق
(58)نىمە ئۈچۈن ياش-ئۆسمۈرلەر دىنغا ئىتىقات قىلماسلىغى،دىنى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىغى كېرەك؟
①بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن②بۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك مائارىپىنىڭ خاراكتىرى ۋە مەخسىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن③بۇ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشىنى قانۇن بويىچە قوغداشقا قۇيۇلغان تەلەپ
(57) ياش-ئۆسمۈرلەر ئاتىزىمدا چىڭ تۇرۇپ،ئىلمى دۇنياقاراش تۇرغۇزۇشتا قايسى نۇقتىلارنى ئىشقا ئاشۇرىشى كېرەك؟
①ماركىسىزىمنى ئۈگۈنۈپ،تەبىيەت ۋە ئىنسانلار جەمىيىتىنى توغرا تۇنۇشى كېرەك②ئۆزىنى زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قۇراللاندۇرىشى كېرەك③فىئودال خۇراپى ھەركەتلەرگە قەتئى قارشى تۇرىشى كېرەك
30-سائەتلىك
 (59)توغرا دۆلەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشتىكى تەلەپ قايسى؟
توغرا دۆلەت قارىشى پۇقرالاردىن مىللەت ئېڭىغا توغرا مۇئامىلە قىلىشنى،دۆلەت ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئېڭىغا ئىگە بولۇشنى،ئۆزدۆلىتىنى قىزغىن سۈيۈشنى،ئۆزىنىڭ ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەتنىڭ بىرئەزاسى ئىكەنلىگىنى ئىتىراپ قىلىشنى، ئۆزى تەۋە بولغان دۆلەت توغرىسىدا سەمىمى تۇنۇش شەكىللەندۈرۈشنى،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋەتىنىگە سەمىمىلىك بىلدۈرۈپ ۋە سادىق بولۇپ،دۆلەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ،دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ
(60)دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا دىگەننى قانداق تۇنۇش كېرەك؟
①دۆلەت مەنپەئەتى ئومۇمىلىق،ئۇزاق مەزگىللىك ۋە نىگىزلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە②دۆلەت مەنپەئەتى يەككە مىللەتنىڭ بىلەن ماھىيەت جەھەتتە بىردەك بولىدۇ
(61)ياشلار-ئۆسمۈرلەر مىللەتلەر ئىتپاقلىغىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىنى قانداق ئادا قىلىشى كېرەك؟
①ۋەتەننىڭ بىرلىگى،مىللەتلەر ئىتپاقلىغىنى قوغداش ھەربىر پۇقرانىڭ مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىگىنى ئىسىدە مەھكەم ساقلاش②«جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ھەممىدىن ئەلا»«3ئايرىلالماسلىق»ئىدىيىسىنى مەھكەم تۇرغۇزىشى③مىللەتلەرنىڭ دىنى ئىتىقادى،ئۆرىپ-ئادىتى،تىل-يېزىقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك④مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزھەركەتلەرنى قىلىشى كېرەك⑤ۋەتەننىڭ بىرلىگى،مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا زىيانلىق ئىشلار بىلەن قەتئى قارشى كۈرەش قىلىشى كېرەك،ئەمەلى ھەركىتى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىگى،مىللەتلەر ئىتپاقلىقىنى قوغدىشى كېرەك⑥مىللەتلەر ئىتپاقلىغى تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(6)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئالدىراش911 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-08-31 22:08 ئاخىرقى كەلگىنى:2014-09-04 11:09
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ