ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تەتقىقاتتىكى تۈرسىز تېمىلار > تولۇق مەزمۇنى

سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟

ۋاقىت : 2013-07-10 01:02 | مەنبەسى : شىنجاڭ گېزىتى | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم


سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟

    غۇنچەم ئەخمەت

سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟

    كىچىكىمىزدە ھەممىمىز ‹‹كۈل قىز›› چۆچىكىنى ئاڭلىغان. ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن نېمىلەرنى ئۆگەنگەن؟ ھازىر بالىڭىزغا مۇشۇ چۆچەك ئارقىلىق نېمىلەرنى ئۆگىتىسىز؟ دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ سۆزلەيسىز؟ بىز ئەمدى ئوخشىمىغان ئىككى خىل ‹‹كۈل قىز›› دەرسىنى ئاڭلاپ باقايلى.

    ئامېرىكا دەرسخانىسى:

    قوڭغۇراق چېلىندى، بالىلار دەرسخانىغا يۈگۈردى، بۇ قېتىمقى دەرستە مۇئەللىم ‹‹كۈل قىز›› چۆچىكىنى سۆزلەيدۇ.

    مۇئەللىم ئاۋۋال بىر بالىنى بۇ چۆچەكنى سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بالا تېزلا سۆزلەپ بولدى. مۇئەللىم ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلاردىن سوئال سوراشقا باشلىدى.

    مۇئەللىم: سىلەر چۆچەكنىڭ قايسى قىسمىنى ياخشى كۆردۈڭلار؟

    ئوقۇغۇچىلار: كۈل قىزنى ياخشى كۆردۇق، يەنە شاھزادىمۇ بار، ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى ۋە ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئىككى قىزىنى ياخشى كۆرمىدۇق، كۈل قىز ئاق كۆڭۈل، ئوماق، چىرايلىق، ئۆگەي ئانىسى بىلەن ئىككى ئاچىسى كۈل قىزغا بەك ئۆچ.

    مۇئەللىم: ئەگەر تۈن نىسپى سائەت 12 بولغاندا، كۈل قىز كاۋا ھارۋىسىغا ئۈلگۈرەلمىگەن بولسا، ئاقىۋەت قانداق بولاتتى؟

    ئوقۇغۇچىلار: كۈل قىز ئەسلىدىكى كونا، يىرتىق كىيىم كىيگەن ھالىتىگە قايتىپ قالاتتى، ئۇ چاغدا بەك ئېچىنىشلىق بولاتتى.

    مۇئەللىم: شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر چوقۇم ۋاقىتقا رىئايە قىلىشىڭلار كېرەك، بولمىسا ئۆزۈڭلارغا ئاۋارىچىلىك كەلتۈرىسىلەر. ئۇنىڭدىن باشقا، سىلەر ئادەتتە شۇنداق پاكىز، چىرايلىق، رەتلىك كىيىنىپ يۈرىسىلەر، ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ ئالدىدا رەتسىز، قالايمىقان كىيىنگەن ھالەتتە پەيدا بولماڭلار، قىزلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشىڭلار كېرەك، سىلەر كەلگۈسىدە چوڭ بولۇپ، ئوغۇللار بىلەن كۆرۈشۈشكە چىققاندا، كىيىنىشكە دىققەت قىلمىساڭلار، دوستۇڭلارنى قورقۇتۇپ قويۇشۇڭلار مۇمكىن .

    مۇئەللىم: بولدى، ئەمدى كېيىنكى سوئال، ئەگەر سىز كۈل قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى بولسىڭىز، كۈل قىزنى شاھزادىنىڭ تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشىدىن توسامتىڭىز؟

    ئوقۇغۇچى: شۇنداق، ئەگەر مەن كۈل قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى بولغان بولسام، ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشىنى توسقان بولاتتىم.

    مۇئەللىم: نېمە ئۈچۈن؟

    ئوقۇغۇچى: چۈنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ قىزلىرىنى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۆزۈمنىڭ قىزلىرىنىڭ خانىش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

    مۇئەللىم: شۇنداق، بىز ئادەتتە ئۆگەي ئانىلارنى ئەسكى ئادەمدەك ئويلايمىز، ئۇلار پەقەت باشقىلارغا ئانچە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ بولالمايدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ. چۈشەندىڭلارمۇ؟ ئۇلار ئەسكى ئەمەس، پەقەت باشقا بالىلارنى ئۆز بالىلىرىنى ياخشى كۆرگەنگە ئوخشاش ياخشى كۆرۈپ بولالمايدۇ.

    مۇئەللىم: كېيىنكى سوئال، كۈل قىزنىڭ ئۆگەي ئانىسى ئۇنى تانسا كېچىلىكىگە بارغىلى قويمىغان، ھەتتا ئىشىكنى قۇلۇپلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ نېمىشقا يەنە بارالىدى ۋە تانسا كېچىلىكىدىكى ئەڭ گۈزەل قىز بولالىدى؟

    ئوقۇغۇچىلار: پەرىشتە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ، چىرايلىق كىيىملەرنى تىكىپ بەردى، كاۋىنى ئات ھارۋىسى، ئىت، چاشقانلارنى مۇلازىم قىلىپ بەردى.

    مۇئەللىم: توغرا، ناھايىتى توغرا جاۋاب بەردىڭلار، ئويلاپ بېقىڭلار، ئەگەر كۈل قىز پەرىشتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشمىگەن بولسا، تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنداقمۇ؟

    ئوقۇغۇچىلار: شۇنداق.

    مۇئەللىم: ئەگەر ئىت، چاشقانلار ياردەم بېرىشنى خالىمىغان بولسا، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى پەيتتە ئۆيىگە ئوڭۇشلۇق قايتىپ كېلەلەمتى؟

    ئوقۇغۇچىلار: ياق، ئۇنداقتا ئۇ شاھزادىنى قورقىتىۋەتكەن بولاتتى.

    مۇئەللىم: كۈل قىز گەرچە پەرىشتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق، يالغۇز پەرىشتىنىڭ ياردىمى بولسىلا كۇپايە قىلمايدۇ، شۇڭا، بالىلار، مەيلى نەگىلا بارماڭلار، بىز دوستلارغا موھتاج بولىمىز، بىزنىڭ دوستىمىز يالغۇز پەرىشتىلا بولۇشى ناتايىن، بىراق، بىز ئۇلارغا موھتاج، مەنمۇ سىلەرنىڭ نۇرغۇن دوستۇڭلار بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، سىلەر ئويلاپ بېقىڭلار، ئەگەر كۈل قىز ئۆگەي ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشتىن ۋاز كەچكەن بولسا، ئۇ شاھزادىنىڭ كېلىنچىكى بولالامتى؟

    ئوقۇغۇچىلار: ياق، ئۇنداقتا، ئۇ تانسا كېچىلىكىگە بارالمىغان بولاتتى، شاھزادىگە ئۇچرىمىغان، تونۇشمىغان ۋە ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى.

    مۇئەللىم: ئىنتايىن توغرا، ئەگەر كۈل قىز تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشنى خالىمىغان بولسا، ئۆگەي ئانىسى توسمىسىمۇ، ھەتتا ئۇنى قوللىغان بولسىمۇ، ھېچقانداق رولى بولمىغان بولاتتى، ئۇنىڭ شاھزادىنىڭ تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشىنى زادى كىم قارار قىلدى؟

    ئوقۇغۇچىلار: ئۇ ئۆزى.

    مۇئەللىم: شۇنىڭ ئۈچۈن، بالىلار، كۈل قىزنى ياخشى كۆرىدىغان ئانىسى يوق، ئۆگەي ئانىسى ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ، لېكىن بۇ سەۋەبلەر ئۇنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشىگە توسالغۇ بولالمايدۇ، ئۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەچكىلا، ئۆزى ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان نەرسىلەرنى ئىزدەيدۇ، ئەگەر ئاراڭلاردا مېنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم يوق دەپ ئويلايدىغانلار بولسا، ياكى كۈل قىزغا ئوخشاش ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئۆگەي ئانىسى بارلار بولسا، ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

    ئوقۇغۇچىلار: ئۆزىنى سۆيۈش كېرەك.

    مۇئەللىم: توغرا، ھېچكىممۇ ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرۈشنى توسىيالمايدۇ، ئەگەر سىز باشقىلار مېنى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىشىڭىز كېرەك. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرسىڭىز، ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى تاپالايسىز. ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم كۈل قىزنى شاھزادىنىڭ تانسا كېچىلىكىگە قاتنىشىشتىن، خانىش بولۇشتىن توسىۋالالمايدۇ.

    مۇئەللىم: ئەڭ ئاخىرقى بىر سوئال، بۇ چۆچەكنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان يېرى بارمۇ؟

    ئوقۇغۇچىلار: تۈن نىسپى سائەت 12 دىن كېيىن، بارلىق نەرسىلەر ئەسلىي ھالىتىگە قايتىدۇ، بىراق، كۈل قىزنىڭ خىرۇستال ئايىغى ئەسلىگە قايتمايدۇ.

    مۇئەللىم: ئاھ تەڭرىم، سىلەر نېمىدېگەن ئەقىللىق، قاراڭلار، ئاشۇنداق ئۇلۇغ يازغۇچىلارنىڭمۇ سەۋەنلىك ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتى بولىدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزۈش ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەس، مەن كاپالەت بېرىمەنكى، ئەگەر كەلگۈسىدە ئاراڭلاردا بىرەرسىڭلار يازغۇچى بولساڭلار، چوقۇم بۇ يازغۇچىدىن ئېشىپ كېتىسىلەر.

    بۇ ئامېرىكىدىكى بىر ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تىل – ئەدەبىيات دەرسى. بىز نەچچە ياشقا كىرگەندە ئاندىن بۇنداق تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان بولىمىز؟

    جۇڭگو دەرسخانىسى:

    قوڭغۇراق چېلىندى، ئوقۇغۇچى – ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىردى.

    مۇئەللىم: بىز بۈگۈن ‹‹كۈل قىز›› چۆچىكىنى سۆزلەيمىز، كۆپچىلىك ئالدىن تەييارلىق قىلدىڭلارمۇ؟ ‹‹كۈل قىز›› كىمنىڭ بالىلار چۆچىكى؟ ئۇنىڭ ئاپتورى كىم؟ قايسى يىلى تۇغۇلغان؟ ئاپتورنىڭ ئىش – ئىزلىرىنى سۆزلەپ بېرەلەمسىز؟ بۇ چۆچەكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى نېمە ؟

    مۇئەللىم: بولدى، ئەمدى دەرسنى باشلايمىز، كىم ئاۋۋال بۆلەك – ئابزاسلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ؟ مۇشۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈڭ.

    مۇئەللىم: دەرسنى باشلىدۇق، كۆپچىلىك ئەستايىدىل ئاڭلاڭلار. بۇيەرگە كەلگەندە، بۇ جۈملىگە دىققەت قىلىڭلار، بۇ ئوخشىتىش جۈملىسى ئېنىق ئوخشىتىشمۇ ياكى يوشۇرۇن ئوخشىتىشمۇ؟ ئاپتور نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق يازىدۇ؟

    بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاشقا باشلىدى.

    مۇئەللىم: كۆپچىلىك دىققەت قىلدىڭلارمۇ – يوق، ئەگەر بۇ ئابزاس بىلەن ئاۋۇ ئابزاسنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويساق بولامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

    يەنە بىرقىسىم ئوقۇغۇچىلار ئۇخلاشقا باشلىدى.

    مۇئەللىم: نېمىشقا بۇنچە كۆپ ئوقۇغۇچى ئۇخلاپ قالىدۇ؟ بىلىشىڭلار كېرەككى، ياخشى ئۆگەنمىسەڭلار ئىمتىھاندا ياخشى نەتىجە ئالالمايسىلەر، ياخشى نەتىجە ئالالمىساڭلار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمايسىلەر، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالمىساڭلار... سىلەر ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىسىنى بىلىشىڭلار كېرەك.

    باشلانغۇچتىكى بىلىم ئۆمۈر بويى ئەسقاتىدۇ. ئويلاپ باقسام، مەنمۇ مانا مۇشۇنداق ‹‹ئادەم بولۇشنىڭ قائىدىسى››نى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، شۇ قائىدە بويىچە دەرس ئۆگىنىپ چوڭ بولغان. تاكى باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە، بارلىق تىل – ئەدەبىيات دەرسىنى مانا مۇشۇنداق بۆلەك – ئابزاسقا بۆلۈپ، تىل تەسۋىرلەش ئالاھىدىلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالىنى يادلاپ، مەركىزىي ئىدىيەسىنى سۆزلەپ ئۆگەنگەن، دەرسلىك كىتابىمىزدا بالىلار چۆچىكى ئەمەس، خېلى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىمۇ بار ئىدى. لېكىن ھېچقايسىسىدىن بۇ ئاددىي بىر بالىلار چۆچىكىچىلىك چوڭقۇر مەنەلەرنى ئۆگەتكەن مۇئەللىم يوق.

    ئامېرىكىچە دەرس سۆزلەش شۇنچە تەسمۇ؟ مۇئەللىملەر ئۈچۈن دەرس تەييارلاش كەتمەيدىكەن، خاتىرە – كونسپىك يېزىش كەتمەيدىكەن، كەسپىي تەتقىقاتچىلاردەك يېزىلىش ئالاھىدىلىكىنى مۇلاھىزە قىلىش كەتمەيدىكەن، ئوقۇغۇچىلارمۇ باش چۆكۈرۈپ خاتىرە قالدۇرۇپ، يادلىمىسىمۇ بولىدىكەن.

    ئالدىنقىسىدىن، ھەر بىرىمىز ۋاقىتقا رىئايە قىلىشنى، دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىشنى، دوستلارنى قەدىرلەشنى، كىشىلەرگە ھەر خىل نۇقتىدا تۇرۇپ باھا بېرىشنى، رەتلىك، پاكىز يۈرۈشنى، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئۆزىمىزنى سۆيۈشنى، ئۆز ئىشىمىزغا ئۆزىمىز قارار چىقىرىپ، شۇ ئارزۇيىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن قورقماي، دادىل ئىلگىرىلەشنى، ئىشەنچنى، مېھىر – مۇھەببەتنى ئۆگەندۇق. مانا مۇشۇلار بىز ئۆگىنىشكە تېگىشلىك گۈزەل پەزىلەتلەر. كېيىنكىسىدىن يېزىلىش ئالاھىدىلىكى بىلەن ئاپتورىدىن باشقا سىز يەنە نېمىلەرنى دەپ بېرەلەيسىز؟

    ئامېرىكىچە دەرس سۆزلەش بىز ئەزەلدىن قىلىپ باقمىغان، بىزگە يات بولغان، قوبۇل قىلالمايدىغان ئىشمۇ ئەمەسكەن، ناھايىتى شۇ كىچىكىمىزدە مومىلىرىمىزنىڭ چۆچەك سۆزلەش ئۇسۇلىغا ئوخشايدىكەنغۇ. بۇرۇن ئائىلىدە مومىلىرىمىز چۆچەك ئېيتقاندا، ئۇنىڭدىكى مەنالارنى يېشىپ، قەھرىمانلىقنى، باتۇرلۇقنى، ئاجىزلارغا ياردەم بېرىش، ھەققانىيەتنى دادىللىق بىلەن قوغداش، گۈزەل پەزىلەتلىك بولۇش، ئەقىللىق، چېچەن بولۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى يېشىپ بېرەتتى، مەكتەپكە كىرىپلا، بۇ چۆچەك – ئەسەرلەرنى باشقىچە ئۇسلۇبتا كاللىمىزغا سىڭدۈرۈۋالدۇق. ئۆگەي ئانىلارغىمۇ توغرا باھا بەرگەنگە ئوخشاش، تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغىمۇ باشقا نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشتىن قورقماي، ئۇسۇلىمىزدا يېڭىلىق يارىتىپ باقساق تامامەن بولىدىغۇ؟ سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز؟

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(3)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ