ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > تەتقىقاتتىكى تۈرسىز تېمىلار > تولۇق مەزمۇنى

ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە

ۋاقىت : 2012-03-14 11:12 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : سەمەندەر38 | تەھرىر : بەشتاش | كۆرۇلىشى : قېتىم

ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە       

                ئابدۇرۇسۇل سەمەت

(پوسكام ناھىيە گۈلباغ ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق كىلاسسىك مۇزىكىسى «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ توپلىنىشى، رەتلىنىشى شۇنداقلا ھازىرغىچە 1- قېتىم تولۇقى بىلەن نەشىر قىلىنىشى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ساھەسىدە چوڭ بىر ئىش.

« ئون ئىككى مۇقام» ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ـــــ ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئەسىرلەر بويى ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە تۇرمۇش تەجىربىلىرىگە ئاساسەن ئىجاد قىلغان زور بايلىقى.

مۇقام شۈنچە مۇھىم بايلىقكى ئۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر مەزمۇنغا ئىگە ئۇيغۇر مىللى سەنئەت شەكىللىرىنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن مۇزىكا.

« ئون ئىككى مۇقام»ــــ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق تۇرمۇشلىىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ، يالقۇنلۇق كۆرەشلىرىنى ، ئۇلۇغ ئارزۇلىرىنى، مەردانە ھەم ئۈمىدۋار شوخ ھاياتىنى كۈيلەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن « ئون ئىككى مۇقام»نى ئۇيغۇر ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۆتمۈشتىكى تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىنىڭ بەدىئى يەكۈنى دىسەك خاتا بولماس. ئۇيغۇر مۇقامى توغىرسىدا سۆزلىگەندە تۆۋەندىكى ئىلمى يەكۈننى ھەممەيلەن ئويلىيالايمىز : ئۇيغۇر مۇقامى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەر بويى ئېلىپ بارغان ئىجتىمائىي كۆرەش ، پائالىيەتلىرىىنىڭ مەنىۋى مەھسۇلى .

بۇنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

«ئون ئىككى مۇقام »ــــ ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىكىنىڭ جەۋھىرى.

« ئون ئىككى مۇقام » -ئۇيغۇر ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ  مەنبەسى  .

« ئون ئىككى مۇقام » -جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ  مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك مىراس .

« ئون ئىككى مۇقام » نىڭ بىزگىچە يېتىپ كېلىشى  نۇرغۇن تارىخىي دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن .

مۇقامنىڭ قۇتقۇزۇپ قىلىنىشى ،يەكەن سەئىدىيە خانلىقى بىلەن ئىنتايىن  زىچ مۇناسىۋەتلىك . چۈنكى   بۇ  دەۋىردىكى  قىدىرخان يەركەندى ۋە مەلىكە ئاماننىساخانلار ... خەلىق ئىچىگە كەڭ تارالغان  ھەرخىل شەكىلدىكى مۇقاملارنى توپلاپ ،رەتلەپ ،ھازىرقى كۇندە بىزگىچە يىتىپ كەلگەن «ئون ئىككى مۇقام » نى تۈزۈپ چىققان . قىدىرخان ،ئاماننىساخانلار سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ پائال قوللىشى بىلەن ،بۇ كاتتا تۈھپە -« ئون ئىككى مۇقام »  نى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش ۋە ھازىرقى يىڭى مۇقام ئەۋلاد لىرىنىڭ ، مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى يۈكسەك راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان  زور  يادىكارلىق   سۈپىتىدە بىزگە تەقدىم ئەتكەن . بىز ئۇلارنىڭ بۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى مەڭگۈ ياد ئىتىشىمىز كېرەك .

يىڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كىيىن ئۇيغۇر مۇقامىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇتۇقلىرى ئىنتايىن چوڭ بولدى .بۇنى تۈۋەندىكى نوقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .

1- تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ساتار بىلەن ئيتىشى ئارقىلىق « ئون ئىككى مۇقام » لىنتىغا ئېلىندى . ئەگەر« ئون ئىككى مۇقام » نى تولۇق بىلىدىغان ۋە ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە ۋارىسلىق قىلىپ دەۋرىمىزگىچە ئىلىپ كەلگەن تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ئورۇندىشى بىلەن ۋاقتىدا لېنتىغا ئىلىنىپ ساقلاپ قىلىنمىغان بولسا، مۇقام ساھەسىدە تولدۇرغىلى بولمايدىغان زور يوقىتىش بولاتتى .

2-« ئون ئىككى مۇقام » نوتىغا ئىلىندى ۋە كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىندى .بۇ ئازاتلىقتىن بۇيان «ئون ئىككى مۇقام» غا ۋارىسلىق ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى يەنە بىر چوڭ ئۇتۇق .

3-«ئون ئىككى مۇقام» سەھنىگە چىقتى،ئۇبولسىمۇ  ئازاتلىقتىن بۇيان «ئون ئىككى مۇقام» ھەرخىل شەكىلدە سەھنىلەشتۈرۈلۈپ ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشتى .

4-«ئون ئىككى مۇقام» رەتلىنىپ لېنتىغا ئېلىندى . ئازاتلىقتىن كىيىن مۇقام تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ ، مۇقام تەتقىقاتى داۋاملاشتى .1989-يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلى «ئون ئىككى مۇقام» نى قېزىش ،توپلاش ،قايتىدىن تولۇق يۈرۇشى بويىچە رەتلەپ چىقىش ،لېنتىغا ئىلىش خىزمىتىنى ئاساسى جەھەتتىن تاماملىدى .2000-يىللارغا كەلگەندە «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ VCD پىلاستىنكىسى خەلق ئاممىسى بىلەن يۈز كۆرۈشتى .

مۇقامچىلىقنىڭ بۇندىن كىيىنكى ۋەزىپىلىرى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا ؛

1.مۇقامنىڭ مۇزىكا ئورۇنداش ئۇسۇللىرىنى سېستىمىلاشتۇرۇش ،كەم جايلىرىنى تولۇقلاش زۆرۈر .

2.مۇقام تېكىسىتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش كىرەك .چۈنكى،بىز شۇنى ئويلىشىمىز كىرەك ؛ مۇقام تېكىسىتلىرىنى ئۆزىمىزنىڭ تىلى بىلەن  تىخىمۇ چۈشىنىپ روھلۇق ئىيتساق ، خەلقمۇ مۇقامنى تولۇق چۈشىنىپ  ھوزۇرلانسا تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ ؟.

مەن يۇقىردا ئۇيغۇر «ئون ئىككى مۇقام» نىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى شۇنداقلا ۋارىسلىق قىلىش ، توپلاش ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ۋەزىپىلىرىمىز ئۈستىدە خىلىدىن بىرى ئويلىنىپ كەلگەن قاراشلىرىمنى بايان قىلدىم .

كەڭ ئاممىنىڭ ،مۇقامچىلىرىمىزنىڭ ،مۇقام تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ،ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت خادىملىرىنىڭ ئويلاپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .باشقا مۇزىكا ئوقوتۇشىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا گۈزەللىك تەربىيسى ۋە ئەخلاق تەربىيسىنى ئېلىپ بېرىشتىكى رولىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەممىمىزگە ئايان، ئومومەن قىلىپ ئېيتقاندا مۇزىكا مائارىپىنى ياخشى تۇتالمىغان مائارىپمۇ ياخشى ، مۇكەممەل مائارىپ بولالمايدۇ.

(تەھرىر : بەشتاش)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئون ئىككى مۇقام ھەققىدە»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئاپتورنىڭ ئارخىپى
سەمەندەر38 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-02-28 11:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-10-25 13:10
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ