ۋاقىت : 2012-03-13 14:11 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشنىڭ رولى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەسىلىلەر
پەن-تېخنىكا ئۆزلىكسىز يېڭىلىنىۋاتقان، مائارىپ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلىشىۋاتقان ۋە مائارىپ ئىدىيىسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپ مېدىئالىق ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا ناھايىتى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىپ، ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىغا رىقابەت ئېلان قىلدى. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇشنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاپ، زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى نامايەن قىلىپ ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىشىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش جەريانىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قېيىن نۇقتىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق ئوقۇتۇش قورۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتىدا ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
تۆۋەندە مەن كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ دەرسخانا ئوقۇتۇشىدىكى رولىنى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن .
1. دەرسخانىدىكى ئوقۇتۇش ۋاقتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. كۆپ مېدىئالىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مېقداردىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكىتىپچانلىقى ۋە پائالىيەتچانلىقىنى قوزغاپ، بىلىم مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ، بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.
2. كۆرسەتمىلىك تەھلىلچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق. كۆپ ۋاستە ئۈسكىنىلىرىنى ئىشلەتكەندە، چوڭنى كىچىكلەتكىلى، كىچىكنى چوڭايتقىلى، كۆرۈنۈشنى تىزلەتكىلى ۋە ئاستىلاتقىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى ھەركەتچان ھالەتنى تېنچ ھالەتكە، تېنچ ھالەتنى ھەركەتچان ھالەتكە ئايلاندۇرغىلى بولۇپ، دەرسلىكتىكى ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ھادىسىلەرنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش تەلىپىگە ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشىگە پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3. دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، خۇشال-خۇرام، ئازادە ئۆگىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرىنىڭ قوللىنىلىشى جانلىق ئوبراز، مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، دەرسخانا ئوقۇتۇش مۇھىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئەركىن-ئازادە، خۇشال-خوراملىق ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىمىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
4. كومپيۇتېرنى ئاساس قىلغان كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. چۈنكى ئۇنىڭدا مول كۆپ ۋاستىلىق كۆرۈنۈش، ئاۋاز قاتارلىق ھېسى ئۈنۈملەر بار. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۆگىنىش مەزمۇنىنى تېخىمۇ جانلىق، ئوبرازلىق، كۆرسەتمىلىك ئىپادىلەپلا قالماستىن، بەلكى رەڭگارەڭ، مول مەزمۇنلۇق قىلىپ ئىپادىلەيدۇ، ھەرخىل كۆرۈنۈشلۈك، ئاۋازلىق دەرسلىك دېتاللىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشچانلىقىنى قوزغاپ، بورۇنقى «ماڭا ئۆگىتىدۇ» دىگەن ئىدىيەنى «مەن ئۆگىنىمەن»گە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش بولسا، دەل بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش نەزىرىيىمىزدۇر.
5. كۆپ ۋاستىلىق لايىھىلەش ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزىتىش ئېقتىدارى ۋە ئابستراكىت تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. بورۇن ئۆتكەن ئىشلار، نەزەرىيىۋى نەرسىلەرنى ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشى قېيىن، ئوقۇغۇچىلارمۇ تەستە چۈشىنەلەيدۇ. يەنە كېلىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش قابىلىيىتى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ئۆگىنىش ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. لېكىن كومپيۇتېرنىڭ ياردىمىدە كۆپ ۋاستىلىق ھەركەت، تېلېۋىزىيىلىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىگەندە، ھەر خىل شەيئىلەرنى سەزگۈ جەھەتتىن تونۇپ يېتەلەيدۇ. شۇنداقلا، ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشنى لايىھىلىگەندە، زامانىۋى مائارىپ تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇتۇشنى لايىھىلەشتىكى نەزىرىيىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشىنىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى لايىھىلەپ، ئۆگىنىش پائالىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئابىستراكىت تەپەككۇر قىلىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.
6. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئوقۇغۇچىلارنى بىۋاستە كۆزىتىش مۇھىتىغا باشلاپ كىرىدۇ. كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش دېتاللىرى ئارقىلىق ھەرخىل ھادىسە ۋە ھالەتلەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش، تەبىئەت ھادىسىلىرى ياكى تەجىرىبە ھادىسىلىرىنى كۆزىتىش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلىرىگە ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشتىن ئىلىم-پەنگە قاراپ يۈزلىندۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا كۆرگەن، بىلىدىغانلىرى چەكلىك، تەبىئەت دۇنياسى، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش جەريانىدىكى ھادىسىلەرگە نىسبەتەن تونۇشى يۈزەكى بولىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۈرلۈك ھادىسىلەرنى ئەسلى ھالىتى بۇيىچە دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىپ ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ. بىراق، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپ، جانلىق، مول مەزمۇنلۇق قىلىپ ھادىسە ۋە ھەر خىل ھالەتلەرنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدا قىزىقارلىق، ئىلمىي مەسىلىلەرنى بايقىشىدا پايدىسى بار.
يېغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، كۆپ ۋاستىلىق ئېلېكتىرلەشكەن ئوقۇتۇشنىڭ دەرسخانىدا قوللىنىلىشى ئەنئەنىۋى مائارىپتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، ئەنئەنىۋى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ھەل قىلىش قېيىن بولغان ياكى ھەل بولمىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
كومپيۇتېر ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇشتىكى ئەڭ مۇھىم پەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تونۇشى، قابىلىيىتى ئۆستۈرۈش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، كومپيۇتېر ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى ھېسابلىندۇ.
ئۇنداقتا، كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇشتا قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك؟
1. ئوقۇتۇشتىكى نىشان، ۋەزىپىلەرنى ئېنىق بېكىتىش كېرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇش نىشانى ئەمەلىيەتچانلىق، ئاكىتىپچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئېنىق بېكىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن، PowerPoint كۆرسەتمە ئورگىنالىنى ئىشلىتىپ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتكەندە، ئۇلار PowerPoint كۆرسەتمە ئورگىنالى ئارقىلىق ئىشلەنگەن دەرسلىك دېتالىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرىدۇ. ئاددىسى خەتلەرنىڭ ئۇچۇپ كىرىشىدىن رەسىملەرنىڭ ھەركەتچان لايىھىلىنىشىگىچە بولغان مۇرەككەپ ئۈنۈملەرنى كۆرۈپ، «بىزمۇ مۇشۇنداق ياساپ چىقالارمىزمۇ؟» دىگەن ئويغا كېلىدۇ-دە، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئاشىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
2. مېغىزلىق سۆزلەپ، كۆپ مەشىقلەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئېقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئوقۇغۇچىلاردا يېڭىلىق يارىتىش تونۇشى ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش روھىنى يېتىلدۈرۈپ، ئاكىتىپ تەپەككۇر قىلىدىغان، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش لازىم. ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش، چۈشەنچىلىرىنى يېغىنچاقلاپ بېرىش، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىشى لازىم. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كەڭرى تەپەككۇر قىلىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىشى، ئوقۇغۇچىلار قىلىدىغان ئىشلارنىمۇ ئۆزى قولىغا ئېلىۋالماسلىقى لازىم. كۆپ قىسىم ۋاقىتنى ئوقۇغۇچىلارغا بېرىپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەندىكى خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئېقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
3. ئوقۇغۇچىلارنى قاتلامغا ئايرىپ، ئۇلارنى خاسلىقى بۇيىچە تەرەققى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش بولسا، يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئېقتىدارىنىڭ نۇقتىلىق ئىپادىلىنىشى ھېسابلىندۇ. ئەمما، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىلىرىنىڭ مەشغۇلات ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارى ھالدا كىچىك گورۇپپىلارغا تەشكىللەنسىمۇ، ياكى ئۆزى يالغۇز ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلسىمۇ بولىدۇ. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار سورىغان ھەرخىل سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش ھەم قاتلاملارغا ئايرىپ يېتەكلەش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوخشىمىغان تەلەپلىرىنى قاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى خاسلىقى بۇيىچە تەرەققى قىلدۇرۇش مەقسىدىگە يەتكىلى بۇلىدۇ. مەشغۇلات جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ھەمكارلىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش، ئۆزىنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئىگىلىتىپ، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەش نىشانىغا يېتىش كېرەك.
4. دەرسخانا ئوقۇتۇشىغا باھا بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېقتىدارىغا ئوبيېكتىپ باھا بېرىشكە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشى كېرەك. دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆرسىتىپلا قالماي، كەمچىللىكلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىش لازىم. ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىللىكلەرنى تۈگىتىپ، تۇختىماي ئالغا ئىلگىرلەشكە يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتى ۋە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئېقتىدارىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
(تەھرىر : admin)