ۋاقىت : 2012-02-17 11:06 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : تۇغلۇق | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئوتتۇرا مەكتەپ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرىسىدىكى چۈشەندۈرۈش ۋە ئۈلگە كۆرسۈتۈش ئۇسۇلى توغىرسىدا
جەمىيەتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىشى ۋە كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ مەدەنيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىققا بولغان تونۇشى كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيەنىڭ ئوموملىشىشى كۈنسايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.
بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەكتەپ تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئوقۇتىشى پەقەت يۈزەكى ھالدىكى ھەركەت ماھارەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت قىسمى ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىشتىن،ھازىرقى ئومومىيۈزلۈك ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلىنىپ، 《ساغلاملىق بىرنچى》دېگەن مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەتكە قاتنىشىش قىزغىنلىقى، جىسمانى ساغلاملىقى، روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقى، مەلۇم دەرىجىدىكى ھەركەت ماھارەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇش ۋە ئىجتىمائى مۇھىتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئونۋىرساللىققا ئىگە ئالاھىدە، چوقۇم ئۆتۈلىدىغان زۆرۈر ئوقۇشلۇققا ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن《تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق》دەرىسى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپى ساپاسى ۋە ئونۋىرسال بىلىمىنىڭ كەڭ دائىرلىك بولىشىنى تەلەپ قىلدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.
يىڭى دەرسلىك ئىسلاھاتى ۋە ساپا مائارىپىنىڭ تەلپىگە ئاساسەن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرىدا ھەركەت ماھارەت تىخنىكىسىنى كۆرسۈتۈشتە مۇكەممەل بولغاندىن باشقا ھەركەتنىڭ ئىلمى قائىدىسى، مۇھىم ۋە قىيىن نوقتىسى، ئەمىلى قوللىنىلشى، بەدەنگە بولغان تەسىرى، ھەركەتنى ئورۇنلاش جەريانىدا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك گىگىنىلىق تەلەپلەرنى ئوقۇغۇچىلارغا ئىخچام ۋە چۈشۈنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلماقتا.
بۇنىڭ بىلەن بەزى ئوقۇتقۇچىلاردىكى نوقۇل ھالدىكى بەدەن مەشىقىگە ئىسىلىۋىلىش، ھەركەتنى تەپسىلى چۈشەندۈرمەسلىك ياكى چۈشەندۈرۈش بەك تەپسىلى، ھەركەت ماھارەت ئۈلگىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت ۋاقتى بەك ئاز بولۇپ قىلىشتەك بىر تەرەپلىمە ئەھۋاللار شەكىللىنىپ قالماقتا. شۇڭلاشقا تەنتەربيە ئوقۇتقۇچىلىرى كەسىپى ئاتالغۇلارغا پىششىق بولغاندىن سىرىت تۈرلۈك ھەركەتلەرنى نەزىريەلەشتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش ماھارتىنى ۋە ئەمىلى تىخنىكا سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىشى، قىسقىسى ئۆز بىلىمىنى ئۆزلۈكسىز يىڭىلاپ تۇرىشى كىرەك.
چۈشەندۈرۈش بىلەن ئۈلگە كۆرسۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم بولغان ئۇسۇل.
چۈشەندۈرۈش- چۈشەندۈرۈشنىڭ توغرا، چۈشۈنىشلىك، ئىخچام ۋە دەل ۋاقتىدا بولۇشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت تىخنكىسىغا بولغان تونۇشى، قىززىقىشى ۋە تەنتەربىيە چىنىقىشىنىڭ 《ساغلاملىق》قا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ھىس قىلىشىغا ياردەم بىرىدۇ.
1. چۈشەندۈرۈش مەقسىتى ئىنىق بولۇش يەنى《نىشانلىق ئوق ئىتىش》كىرەك. نىمىنى چۈشەندۈرۈش، قانداق چۈشەندۈرۈش، چۈشەندۈرۈشتە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى، مەزمۇنى، تەلىپى ۋە ئوقۇتۇش جەريانىدىكى كونكىرىت ئەھۋالغا قاراش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىددىيىسىدە، ھەركەت تىخنىكىسىدا ۋە ئىختىيارى بەدەن چىنىقتۇرۇش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرگە زىچ بىرلەشتۈرۈش لازىم.
2. تىلى ئاممىباپ، ئىخچام، چۈشۈنۈشلۈك بولۇش لازىم. بۇ تەنتەربيە ئوقۇتقۇچىسىدىن كەسىپكە پىششىق بولغاندىن باشقا تىل سەنئىتىگە باي بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئوقۇتقۇچى ھەركەت ئۈلگىسىنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈشتە تىلى ئىنىق، توغرا، جانلىق، سۈرئىتى مۇۋاپىق، ھەركىتى بىلەن چۈشەندۈرىشى ئۆز-ئارا ماسلاشقان بولۇشى، پەقەت ھەركەتلا بولۇپ چۈشەندۈرۈش بولماسلىق ياكى چۈشەندۈرۈشلا بولۇپ ھەركەت بولماسلىقتەك《قارىغۇلارچە》ئوقۇتۇش ئىلىپ بىرشتىن ساقلىنىش كىرەك.
3. چۈشەندۈرۈش مەزمۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىشى،جىنسى، بەدەن ئالاھىدىلىكىگە ماس كىلىشى، چۈشەندۈرۈش دەل ۋاقتىدا بولغان بولۇشى، ھەقىقەتنى ئەمىليەتتىن ئىزدىگەن بولۇشى، چۈشەندۈرۈش دائىرسىنى بەك كىڭەيتىۋىتىپ ۋاقىتنى ئىسىراپ قىلۋىتىشتىن ۋە بەك ئىچكىرلەپ كىتىپ ئاخىرىنى چىقىرالماي قىلىشتىن ساقلىنىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ئاساسەن تەتىرجى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم.
ئۈلگە كۆرسۈتۈش- ئۈلگە كۆرسۈتۈش تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان تەرەپلەرنىڭ بىرى. تەنتەربىيە دەرىسىنىڭ ئەمىليەتچانلىقى نىسبەتەن كۈچلۈك. شۇڭا ھەركەتنىڭ ئۈلگىسىنى توغرا، جانلىق، چىرايلىق، ئىنىق كۆرسۈتۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەركەت تىخنىكىسىنى ھىس قىلىشى ۋە ھەركەتكە بولغان قىززىقىشىنى قوزغاشتىكى مۇھىم ۋاستە.
1. ئۈلگە كۆرسۈتۈشتە مەقسەت ئىنىق بولۇش، قايسى ھەركەت تىخنىكىسىنى ئۈلگە كۆرسۈتۈش، قايسى ئورۇندىن كۆرسۈتۈش، قايسى ۋاقىتتا كۆرسۈتۈش قاتارلىقلارنى شۇ سائەتلىك ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومومى ئەھۋالىغا قاراپ بەلگىلەش. ھەر بىر يىڭى ھەركەتنى ئۈلگە كۆرسۈتۈشتە ئاۋال بىر پۈتۈن ھەركەت تىخنىكىسىنى كۆرسۈتۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىززىقىشىنى قوزغاش ۋە دەسلەپكى قەدەمدىكى ھىسسى بىلىشىنى قوزغاش، كىيىن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىگە ئاساسەن مۇۋاپپىق تەڭشەش لازىم.
2. ھەركەت ئۈلگىسى توغرا، جانلىق، چىرايلىق بولۇش. بۇنىڭ ئۈچۈن تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ھەركەت تىخنىكىسىنى تولۇق ئىگەللىشى لازىم.
ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بەدەن تەرەققىياتى تىز، ھەركەتنى دوراش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغاچقا توغرا ھەركەتنىمۇ خاتا ھەركەتنىمۇ تىزلا ئىگەللىۋالالايدۇ. شۇڭا ھەركەت ئۈلگىسىنى كۆرسىتىشتە توغرا بولۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىش، ھەرگىزمۇ رەسىم سىزىپ ئۆچۈرۈپ ئۈستىگە قايتا يەنە رەسىم سىزىپ سۈپەتكە دەخلى يەتكۈزۈپ قىلشتىن ساقلىنىش كىرەك.
ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا چوقۇم ئاساندىن قىيىنغا، ھەركەت دائىرسى ۋە زىچلىقى كىچىكتىن چوڭغا قاراپ ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم.
مەسىلەن: ئاۋال مىڭىش، ئاندىن يۈگۈرۈش. ئاۋال يىراققا سەكىرەش، ئاندىن ئىگىزگە سەكىرەش. ئاۋال ئاتلاش شەكىلدىكى ئىگىزگە سەكىرەش، كىيىن قايچىلاش شەكىلدىكى ئىگىزگە سەكىرەش..................دىگەندەك.
ئۈلگە كۆرسۈتۈشتە شۇ سائەتلىك دەرىستە ئۈلگە كۆرسەتمەكچى بولغان ھەركەت بىلەن ھەركەت تىخنىكىسى ئوخشاش بولغان ھەركەتلەرنىڭ ئوخشاشلىق تەرەپلىرى ۋە پەرىقىنى سۆزلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق پەرىقى ۋە ئوخشاشلىقىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش كىرەك.
3. ئۈلگە كۆرسۈتۈش ئورنى، يۆلىنىشى ۋە ۋاقتىغا دىققەت قىلىش كىرەك. ئوقۇتقۇچى ئۈلگە كۆرسۈتۈشتە ھەممە ئوقۇغۇچىلار ئىنىق كۆرەلەيدىغان ئورۇن ۋە يۆلۈنۈشنى تاللىشى، ئۈلگە كۆرسۈتۈش ئورننى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەپ شەكلى، ھەركەتنىڭ خاراكتىرى، بىخەتەرلىك تەلىپى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بىكىتىش. ئۈلگە كۆرسۈتۈشتە بىر پۈتۈن ھەركەت تىخنىكىسىنى ئۇدۇلدىن، ياندىن ۋە ئارقا تەرەپتىن ئايرىم-ئايرىم كۆرسۈتۈش كىرەك. بەزى ھەركەتلەردە ھەركەتنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ھىس قىلدۇرۇش دائىرسىگە ئاساسەن مۇھاپپىق تەڭشىسە بولىدۇ. مەسىلەن: يۈگۈرۈش ھەركىتىدىكى پۇتنىڭ ئالدى ۋە ئارقىغا ئۇچۇرلىشى ۋە قولنىڭ سىلىنىشىنى ياندىن ئۈلگە كۆرسەتسىلا بولىدۇ. ئارقىدىن ۋە ئۇدۇلدىن ئۈلگە كۆرسۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
قىسقىسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەركەت ئۈلگىسىنى ئوچۇق كۈزىتەلەيدىغان ئورۇن ۋە يۆلۈنۈش تاللاش كىرەك. ئۈلگە كۆرسۈتۈشتە ئوقۇغۇچىلارنى شامال يۆلۈنۈشىگە ياكى كۈنگەي تەرەپكە قارتىپ تۇرغۇزماسلىق لازىم.
ئۈلگە كۆرسۈتۈش ۋاقتىنى تاللاشتا بىرىنچى قىتىم ئۈلگە كۆرسۈتۈپ، ئوقۇغۇچىلار دەسلەپكى ھەركەت تىخنىكىسىنى ئىگەللىگەن ئەمما قىسمەن خاتالىقلار كۆرۈلگەن ۋاقىتتا يەنە بىر قىتىم ئۈلگە كۆرسۈتۈش، ھەركەت تىخنىكىسى ياخشى ۋە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئەۋرىشكە ئىلىپ ئۈلگە كۆرسۈتۈش، بەزى ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ئۈلگە كۆرسۈتۈش ۋە يىتەكلەش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇش كىرەك. ئەمما ئوقۇغۇچىلارنى مازاق قىلماسلىق، كەمسىتىپ دورىماسلىق لازىم. خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بىرىش بىلەن بىللە قاراتمىلىق مەخسۇس مەشىقلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ھەركەت تىخنىكىسىنى ياخشىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىش لازىم.
4. زامانىۋى ئوقۇتۇش ۋاستىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كىرەك. ھازىرقى زامان كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ۋاستىلىرى ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئەۋزەللىكلەرنى ئىلىپ كەلدى.
بۇ خىل ئوقۇتۇش ۋاستىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىسكە بولغان قىززىقىشىنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن بەلكى مەلۇم دەرىجىدىكى ھەركەت ۋە تىخنىكا سەۋىيىسىنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. لىكىن بۇ خىل ئۇسۇل مەلۇم ساندىكى ھەركەت ماھارەت سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇخىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ئوقۇتۇش ئىلىپ بارغاندا بىر پۈتۈن ئوقۇتۇش جەريانىدىكى ئوقۇتۇش سالمىقىنى تەڭشەشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. مەكتەپنىڭ ھەر قايسى كاماندىلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ماھارەت خاراكتىرلىك ۋە تىخنىكىلىق تەرەپلەرنى چۈشەندۈرۈشتە بۇخىل ئۇسۇلدىن جانلىق پايدىلىنىش كىرەك.
دىمەك بىر پۈتۈن《تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق》ئوقۇتىشىدا چۈشەندۈرۈش ۋە ئۈلگە كۆرسۈتۈش بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بىرسى كەم بولسا بولمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە.
شۇڭا مۇكەممەل بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى سۆز سەنئىتىگە باي، ئۆلچەملىك بولغان بەدەن شەكلى، ھەركەت ماھارەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولىشى، ھەرقايسى ھەركەتلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ۋە جەريانىنى تولۇق بىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا مۇكەممەل يەتكۈزۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاندىن باشقا مەلۇم دەرىجىدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىگە ئىگە بولىشىتىن ئىبارەت ساپانى ھازىرلىشى كىرەك
(تەھرىر : admin)