يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئو
يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنى
ئابدۇغېنى ئىسھاق
باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارنى سوئال سوراپ ئۆگىنىشكە ئادەتلەندۈرۈش ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغاپ، ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ساپاسىنى ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
سوئال ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دەرسخانا كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئوقۇغۇچىنىڭ سوئال سورىشى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تەپەككۇرىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىقى، مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش، ئۆگىنىش، بىلىم ئېلىش ئىستىكىنىڭ قوزغىلىۋاتقانلىقى ۋە كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلغانلىقى ئۇلارنىڭ ئىزدىنىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى.
مېنىڭچە، باشلانغۇچ مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىنىڭ سوئال سوراپ ئۆگىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
.1 ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، سۇبيېكتىپ تىرىشچانلىقىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سوئال سورىسىلا شۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆزلىرى بىرلىكتە تالاش – تارتىش قىلىپ، توغرا جاۋابقا ئېرىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىشتىكى خوجايىنلىق ئورنىنى تولۇق ھېس قىلىپ، ئۆگىنىشتىكى تەشەببۇسكارلىقى قوزغىلىدۇ.
. 2 ئوقۇغۇچىلاردا چوڭقۇرلاپ ئويلىنىش، ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىنىڭ سوئال سورىشى ئۆگىنىش جەريانى بولۇپ، مۇبادا بىر مەسىلە ياكى سوئالنىڭ سالمىقى ئېغىرراق بولسا، ئۇ ھالدا بۇ مەسىلە ياكى سوئال دەرسنىڭ قىيىن نۇقتىسى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار ئۆگىنىش جەريانىدا ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشقا ئېتىبار بېرىدۇ. مەسىلەن: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4 – يىللىق تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ‹‹ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ <ئەتەبەتۇل ھەقايىق>تىن پارچىلار›› دەرسلىكىنىڭ قىيىن نۇقتىسى ھەم بۇ دەرسنى ئۆگىنىشتىكى مەقسەت قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىۋېلىش. ئوقۇغۇچى مۇبادا بۇ مەزمۇنلارنى يۈزەكى ھالدا قوبۇل قىلىۋالسا، ئەسلىي مەقسەت بىر تەرەپكە قايرىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى ئەكسىچە ‹‹بۇ كىلاسسىك ئەسەرنى نېمە مەقسەتتە ئەسلىي ۋە يەشمىسى بويىچە ئۆگىنىمىز؟›› دەپ سوئال سورىيالىسا، ئاندىن ئوقۇغۇچى بۇ ھەقتە ماتېرىيال ئىزدەپ، توپلاپ چوڭقۇرلاپ ئۆگىنەلەيدۇ.
. 3 ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار سورىغان ياكى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە كۆپ ھاللاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىۋاسىتە كۆزىتىشى ۋە ئەمەلىيىتى جەريانىدا ھېس قىلغانلىرى بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلار سوئال سوراش ياكى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندا، ھېسسىي بىلىش ئىدراكىي بىلىشكە ئۆتۈپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، ھەل قىلىش ئىقتىدارىمۇ تەدرىجىي يېتىلىدۇ.
. 4 ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنى قايتا ئىنكاس ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوقۇغۇچى سورىغان سوئال ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشىنىشى ۋە بىلىۋېلىشى قىيىنراق بولغان نۇقتىلاردۇر. ئوقۇغۇچى سوئال سورىغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئەمەلىي ئەھۋالغا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇتۇشنى تەڭشەيدۇ، تەشكىللەيدۇ، نىشانلىق ھالدا ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىدە، دەرسخانا ئوقۇتۇش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
(تەھرىر : ئىزدەن)
«يېڭىدىن تۈزۈلگەن دەرس ئىسلاھاتىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئو»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش ئالاھىدىلىكىگە ئىلمىي قار
- ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش
- گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئويلىغ
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانى
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- 中学信息技术教学优点
- يىڭى ئەسىر ۋە يىڭى دەرىسلىك موھىتى ئوقۇ
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش مات
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىل
- يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىدا ئوقۇتقۇچىلار
- ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى دىققەت قىل
- ئېلېكتىرونلۇق ئويۇن دەرسىنىڭ رولىغا سە
- ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرقىغا باھا بەرگەند
- ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش
- دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا دىققەت
- ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقتۇرۇش
- گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئويلىغانلىر
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- 中学信息技术教学优点
- يىڭى ئەسىر ۋە يىڭى دەرىسلىك موھىتى ئوقۇتقۇچى
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- ئوقۇتقۇچىلار قوللانمىسى ئىلىكتىرونلۇق نوسخى
- ئۇيغۇر ئويما خەت سەنئىتى توغرىسىدا
- گۈزەل -سەنئەت نەزىرىيەسى پايدىلىنىش ماتىريال
- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى زامانىۋىلاش
- مىللەتلەر ئىتپاقلىغى تەربىيەسى دەرىسلىگىدىك
- سىز قايسى ئۇسۇلنى مۇۋاپىق كۆردىڭىز ؟
- ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ قارىشىنى يېڭىلاش تو
- گۈزەل-سەنئەت ئوقۇتۇشى توغرىسىدا ئويلىغانلىر
- دەرىسخانىنى چۈشىنەمسىز ؟
- نىشانلىق ئوقۇتۇش ۋە ئوقۇتۇش ماھار