ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تىخنىكا ۋە كەشپىيات > تولۇق مەزمۇنى

4D پرىنتېر تېخنىكىسى دۇنياغا كەلدى

ۋاقىت : 2014-10-23 22:49 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم


4D پرىنتېر تېخنىكىسى دۇنياغا كەلدى

4D پرىنتېر تېخنىكىسى دۇنياغا كەلدى


كۆز ئالدىمىزد قىزىق سۆز تىمىسى بولىۋاتقان 3D پرىنتېر تېخنىكىسىنى كۆپ ساندىكى يولداشلار ئاڭلىغان بولىشى مۈمكىن. ئەمما 4D پرىنتېر تېخنىكىسىنى يولداشلار ئاڭلاپ باققانمۇ ؟ ياپونىيىدىكى Livedoor تور بېكىتىنىڭ 10-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ماسسا چۇستېس شىتاتى سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى 4D پرىنتېر تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ. ئۇنداقتا 4D پرىنتېر تېخنىكىسى دېگەن نېمە؟ بىز ھازىر 3D دەۋرىدە ياشاۋاتىمىز، 1D بولسا تۈز سىزىق، 2D بولسا تەكشىلىك، 3D بولسا ستىرېئولۇق دۇنيادۇر. شۇڭلاشقا بىزنىڭ قەغەزگە ئوخشاش تەكشى يۈزلۈك نەرسىلەرگە ئۇرۇپ چىقارغىنىمىز 2D پىرىنتېر تېخنىكىسى، گېئومېتىرىيىلىك شەكىلگە ئىگە جىسىملارنى ئۇرۇپ چىقىرىش بولسا 3D پىرىنتىر تېخنىكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە 4D تېخنىكىسى دىگىنىمىز ۋاقىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان گىئومىتىرىيىلىك شەكىلگە ئىگە جىسىمنى ئۇرۇپ چىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا 4D پىرىنتىر تېخنىكىسىنىڭ نىشانى شەكلى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان زاپچاسلارنى ئۇرۇپ چىقىرىش بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

4D پرىنتېر تېخنىكىسى دۇنياغا كەلدى


مەسىلەن، ئۆزلىگىدىن قۇراشتۇرىلىدىغان ئۆي جاھازلىرى. ئادەتتە ئۆي جاھازلىرى بازىرىدا سېتىلىدىغان ئىشكاپلارنىڭ كۆپىنچىسى توشۇشقا ۋە يۆتكەشكە قولايلىق بۇلىشى ئۈچۈن قۇراشتۇرغىلى بولىدىغان قىلىپ ياسىلىدۇ، شۇڭا سېتىۋالغان كىشى ئۆزى قۇراشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئىشكاپنىڭ بارلىق بۆلەكلىرى ئۆزلىگىدىن قۇراشتۇرۇلسىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ تازا ئەقىل يەتمەيدىغان ئىش بولامدۇ قانداق؟  يەنە مەسىلەن، مۇسابىقە ماشىنىسىنىڭ قۇيرۇق قانىتىنى مىسالغا ئالساق، كىشىلەر ئۇنىڭ ماشىنىنىڭ مېڭىش ئەھۋالىغا قاراپ شەكلىنىڭمۇ ئۆزگۈرۈپ تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. تۈز ماڭغاندا تەكشى ھالەتكە كېلىپ، ھاۋانىڭ قارشىلىقىنى تۆۋەنلىتىشىنى، ماشىنا ئايلانغاندا بولسا تىك ھالەتكە كېلىپ، ھاۋانىڭ قارشىلىق كۈچىدىن پايدىلىنىپ ماشىنىڭ يەر بىلەن بولغان يېپىشىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ھازىرقى باسقۇچتا شەكلى ئۆزگىرىشچان زاپچاسلارنى بېسىپ چىقىرىشقا بولمايدۇ ئەمەس، بولىدۇ. بىراق زور مىقداردىكى ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئېنېرگىيە سەرپ بولىدۇ، ياساش جەريانىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغاچقا پۈتۈپ چىقىش تەننەرقى ئېشىپ كېتىدۇ. 4D پىرىنتىر تېخنىكىسىغا بولسا زور مەبلەغ ۋە مۇرەككەپ قۇرۇلما كەتمەيدۇ. پەقەت كاربونلۇق پولات تالا، ياغاچ گۈللۈك قەغەز، رەخت، كاۋچۇك ۋە پىلاستىك ماتىرىيال قاتارلىق بىر قەدەر ئاددى ماتىرىياللار بولسىلا ئۆزىمىزگە ئېھتىياجلىق بولغان ئۆزگىرىشچان زاپچاسنى ئۇرۇپ چىقىرالايمىز. تەقلىد قىلىپ ياساش ۋە كۆرۈنىدىغان قىلىپ ياساش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، 4D پرىنتېر تېخنىكىسى يېقىن كەلگۈسىدە چوقۇم رىئاللىققا ئايلىنىدۇ.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن 4D پرىنتېر تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆزگۈرۈشچان پارچە زاپچاسلارنى ئۇرۇپ چىقىرىشقا بولىدۇ؟ بۇ تېخنىكا نېپىز تاختىنىڭ سۇنى قوبۇل قىلغان چاغدىكى ئىگىلىپ كېتىش پىرىنسىپىنى تەدبىقلاپ ،باشقا جىسىملارنىڭمۇ شەكلى ئۆزگۈرۈپ كېتىشىنىڭ ھەرخىل سەۋەبلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ،ھەرخىل خام ماتىرىيال ۋە 3D تېخنىكىسىنىڭ ئۇسۇللىرىنى بېرىلىپ ئۈگۈنۈش ۋە  توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار ئاخىرى ئۆزگىرىشچان تەرتىپنى تۈزۈپ چىققان.

ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى جەھەتتە ، 4D پىرىنىتېىر تېخنىكىسى ئارقىلىق گەرچە بىردەمدىلا ئۆي جاھازلىرىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قۇراشتۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ كېلەچەكتە زور ئىشلىتىلىش ئىستىقبالىغا ئىگە. مەسىلەن، ئاۋىئاتسىيە-ئالەم بوشلىقى ساھەسىدە، راكېتاغا قاچىلىنىدىغان قۇياش ئېنېرگىيىسى تاختىسى ۋە ئانتىنا قاتارلىقلاردا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار راكېتا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۆز لىگىدىن ئېچىلىدۇ. يەنە بۇ تېخنىكىنى قۇرۇلۇش ساھەسىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ، قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرى توشۇلۇش جەريانىدا تۈز تەكشى ھالەتتە بولىدۇ،قۇرۇلۇش ئورنىغا توشۇلۇپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن سېلىندىرسىمان ياكى U قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا 4D پىرىنتېر تېخنىكىسى تۇرمۇشىمىزنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك ۋاقىتتا ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ، ئەمما ئۇ جىمجىت ئاستا قەدەم بىلەن ھەرقايسى ساھەلەرگە تۇيدۇرماستىن كىرىپ كېلىدۇ.

4D پرىنتېر تېخنىكىسى دۇنياغا كەلدى

4D پرىنتېر تېخنىكىسى دۇنياغا كەلدى

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ