ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

چىڭگىزخانىنىڭ بەش مەشھۇر سۆزىنىڭ سىرى

ۋاقىت : 2014-10-21 21:21 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
چىڭگىزخانىنىڭ بەش مەشھۇر سۆزىنىڭ سىرى

چىڭگىزخانىنىڭ بەش مەشھۇر سۆزىنىڭ سىرى

چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدا قىلغان بەش مەشھۇر سۆزى دۇنيادا كەڭ تارقالغان، بۇسۆزلەرگە بۇ تەڭرى ئەركىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىرى يۇشۇرۇنغان .

بىرىنچى مەشھۇر سۆز: ئوت-چۆپ ئۈنگەنلىكى جاي ئات باقىدىغان جايىم بولسۇن .

چىڭگىزخاننىڭ نىشانى يايلاق شاھى بولۇش، مۇڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئوت-چۆپ ئۈنگەنلىكى جايلارنى ئات باقىدىغان قىلىش ئىدى . ئۇلۇغۋار غايە بۈيۈك شەخسنى يارىتىدۇ،گەرچە ھەممىلا ئادەم شاھ بۇلالمىسىمۇ، لېكىن ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ غايىسى ۋە ياشاش نىشانى بولۇش كېرەك.

ئىككىنچى مەشھۇر سۆزى: دانىشمەنلەر ياكى قابىللارغا ئېرىشسەملا ئۇلارنى كەتكۈزمەي ، ماڭا ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلىمەن .

ھەممە ئادەمنىڭ ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلالىشى ئۇنچە ئاسان بولمىسىمۇ، لېكىن مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچى بۇنى چوقۇم ئۆزىنىڭ نىشانى قىلىشى كېرەك .

ئۈچىنچى مەشھۇر سۆزى: دۈشمەننى يېڭىپ، ئولجا ئالغان بايلىقلارنى تەڭ تەقسىم قىلىمىز .

بۇ چىڭگىزخاننىڭ ئولجىلارنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىدۇر . ھازىرقى زامان جەمىئيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمەيدىغان يەككە ئېلىشىدىغان شەخسىي قەھرىمانلىق دەۋرىدە ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىنى ئومومىي گەۋدە بويىچە مۇكاپاتلاش ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئىناۋەت ۋە ئابرويىنى ئۆستۈرىدۇ .

تۆتىنچى مەشھۇر سۆزى: پولاتتەك ئىنتىزام بولمىسا ، جەڭ ھارۋۇسىنى يىراققا ھەيدىگىلى بولمايدۇ .

ئۇرۇش ھاياتىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە چىڭگىزخاننىڭ ياسىقى ئېلان قىلىنىپ ، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قاتتىق جازالاندى . ئۇنىڭ ئۈچ تۇغقىنى ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ، ئۇرۇش ياسىقىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن چىڭگىزخاننىڭ جازالىشىغا ئۇچىرىدى. ياساقنىڭ قاتتىق بولىشى ، تۇغقانلار بىلەن ياتلارغا باراۋەر تەدبىقلىنىشى ئۇنى قول ئاستىدىكىلەرنىڭ تېخىمۇ زور ھىمايىسىگە ئېرىشتۈردى .

بەشىنچى مەشھۇر سۆزى: كۆكسى-قارنىڭ قانچە كەڭ بولسا ، ئېتىڭ شۇنچە يىراققا چاپالايدۇ .

كۆكسى-قارنى باشقىلارنىڭكىدىن كەڭ بولغاندىلا، جاھاننى سىغدۇرۇپ ، ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ ئادەم ئىشلىتىشىە مىللىتى، كېلىپ چىقشى، تارىخىنى سۈرۈشتە قىلمايتتى، ھەتتا ئۇ ئىلگىركى دۈشمەنلىرىنىمۇ ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئالتۇن خانلىقىنىڭ ئەل بولغان ۋەزىرى، قىتانلاردىن بولغان ياللۇغ چۇسەينى ئۆزىگە يېقىن كۆرۈپ <ئۇزۇن ساقال› دېگەن لەقەم بىلەن ئاتاپ، ئۇنىڭ تەكلىپلىرىنى سەمىمىيلىك بىلەن قۇبۇل قىلىشتەك كەڭ قورساقلىقى كىشىنى تېخىمۇ قايىل قىلىدۇ.

(تەھرىر : سەپەر)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ