ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > مەشھۇر شەخىسلەر > تولۇق مەزمۇنى

يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىقلىما

ۋاقىت : 2014-07-13 19:50 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىقلىما
 
ئابدۇغېنى مامۇت

يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغرىسىدا ئېنىقلىما


   ئىلاۋە:ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخىنىڭ ئاجايىپ بىر گۈللىنىش مەنزىلىنى ياراتقان مەشھۇر خانلىق ــــ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى» نىڭ قۇرۇلغىنىغا دەل 500يىل بۇلغان قۇتلۇق پەيىتلەردە، ئەسلىدە بۇ خانلىقىنىڭ تارىخىي، بۇ خانلىق دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن، ھەربىي ئىشلار ۋە ئىقتىسادىي ئامىللار توغرىسىداچوڭ ئىلىم مۇنبەرلىرىدە چوڭقۇر ئىلمىي مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزۈلۈپ، كاتتا پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىلەشكە تېگىشلىك ئىدى. لېكىن، ھازىرچە بۇنىڭغا ئىمكان بولمايدىغان ئوخشايدۇ. شۇنداقتىمۇ مەن بۇ كىچىككىنە ئەمگىكىم ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىدىكى بۇ مەشھۇر خانلىق ـــــ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەيمەن.
   يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ــ پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللاردىن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ 8-ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، يەكەننى پايتەخت قىلىپ دەۋران سۈرگەن يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر يەرلىك ھاكېمىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ خانلىق ئۆزىنىڭ ئاز كەم 200 يىللىق سەلتەنەتلىك  تارىخىي مۇساپىسىدە ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ، شىنجاڭنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار تارىخىنىڭ كەنجى گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتقانلىقى بىلەن مەشھۇردۇر.
   لېكىن، شۇنداق بىر مەشھۇر خانلىقنىڭ قۇرۇلغان يىل دەۋرى توغرىسىدا تارىخشۇناسلىق ساھەسىدە: «ھىجرىيە 920- يىلى، مىلادى 1514-يىلى قۇرۇلغان » دېگەن بىرلىككە كەلگەن كۆز قاراش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما، قۇرۇلغان ئېنىق ئاي، كۈنلىرى توغرىسىدا بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەچچە خىل كۆز قاراش تەڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كېلىنمەكتە.  مەسىلەن:
    تارىخ تەتقىقاتچىسى ئەخەت داۋۇت يازغان «ئابدۇكېرىم خاننىڭ سۇيقەست بىلەن قەتلە قىلىنىشى» ناملىق ماقالىدە ۋە تەتقىقاتچى ئىبراھىم نىياز يازغان «تارىختىن قىسقىچە بايانلار » ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېيىلگەن: « تارىختا مەشھۇر ‹يەكەن خانلىقى › ھىجرىيە 920-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى (مىلادى 1514-يىل 8-ئاينىڭ 21-كۈنى ) قۇرۇلغان.» (1)
   مەشھۇر تارىخ ئالىمى ۋېي لياڭتاۋ يازغان «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان» دا مۇنداق دېيىلگەن : «سۇلتان سەئىدخان ھىجرىيە 920-يىلى7 -ئاينىڭ13-كۈنى (مىلادى 1514-يىلى9-ئاينىڭ 30-كۈنى) خانلىق تەختىگە ئولتۇرۇپ، يەكەن خانلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى.»(2)
ھاجى نۇر ھاجى  چېن گوگۇاڭ يازغان «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن : « 1514-يىلى ...5-ئاينىڭ 3-كۈنى سەئىدخان دوغلات قەبىلىسى ئەمىرىنىڭ ھىمايىسىدە خانلىققا ئولتۇرۇپ، يەكەننى پايتەخت قىلغان.»(3)
   ھاجى نۇر ھاجى يازغان «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن: «ھىجرىيە 920-يىلى (1514 ــ 1515) شەئىبان ئېيى (8-ئاي) دا سەئىدخان يەكەنگە تەنتەنە بىلەن كىرىپ ئورۇنلاشتى.»(4)
   ئەنۋەر بايتۇر  خەيرىنسا سىدىق يازغان « شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» دا ۋە ياش تارىخ تەتقىقاتچىسى نۇرۇللا مۇئمىن يۇلغۇن يازغان «غەربىي يۇرت ـــ تارىخىمىزدىكى خاقانلار» دا ئوخشاشلا مۇنداق دېيىلگەن: «ھىجرىيىنىڭ 920- يىلى ماھى شەئباننىڭ (8-ئاينىڭ) 1-كۈنى (يەنى مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، سەيشەنبە كۈنىدە،) سەئىدخان ...ئۆزى رەئىسلىكىدىكى يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىدى. بۇ خانلىق تارىختا ‹يەكەن خانلىقى› ياكى ‹ سەئىدىيە خانلىقى› دەپ ئاتالدى.»(5)
    لى جىنشىن يازغان «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى» دا مۇنداق دېيىلگەن : « مىلادىيە 1514-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ( ھىجرىيە 920-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى) سەئىدخان غەلىبە بىلەن يەكەن شەھىرىگە كىردى. ئۇ دوغلات قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسىدە خانلىق تەختكە  ئولتۇردى.»(6)
   ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن يازغان «خوجىلار جەمەتى ھەققىدە» ناملىق ئەسەردە مۇنداق دېيىلگەن: «1514-يىلى9-ئاينىڭ3-كۈنى سەئىد ھەر قايسى ئەمىرلەرنىڭ يۆلىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىقىپ، يەكەننى پايتەخت قىلدى، بۇ خانلىق تارىختا ‹يەكەن خانلىقى› دەپ ئاتالدى.»(7)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشى، بولۇپمۇ ئەينى دەۋرگە تەئەللۇق ئىشەنچلىك مەنبەلەرنىڭ يېڭىدىن نەشىر قىلىنىشى سەۋەپلىك، يۇقىرىدىكى ئېنىقسىز مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىمىزغا ئىمكانىيەت تۇغۇلدى. بۇنىڭدا بىز، ئەينى دەۋردىكى مەشھۇر تارىخىي شەخس مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان يېزىپ قالدۇرغان «تارىخىي رەشىدىي» ناملىق ئەسەرنى كۆزدە تۇتىمىز-ئەلۋەتتە. چۈنكى، بىرىنچىدىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان ئەينى دەۋرنىڭ سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە باشقا ئىلىملىرىدە مۇكەممەل يېتىلگەن ئالىملىرىدىن ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇ كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ئەينى دەۋردىكى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان خان جەمەتى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن،شۇنداقلا دۆلەت ئىشلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسۈتۈپ كەلگەن مەشھۇر دوغلات جەمەتنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئۈچىنچىدىن، ئۇ سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئەنجاندىن قوشۇن باشلاپ كېلىپ كاشغەر، يېڭىھىسار،ياركەند ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ، تارىختا مەشھۇر «يەركەن سەئىدىيە خانلىقى» نى قۇرۇش ئىشلىرىغا باشتىن ئاخىر بىۋاستە ئىشتىراك قىلغان شاھىتلاردىن ئىدى. تۆتىنچىدىن ، ئۇ يېزىپ قالدۇرغان «تارىخىي رەشىدىي» ناملىق ئەسەر، دەل شۇ « يەركەن سەئىدىيە خانلىقى » نىڭ قۇرۇلىشى ۋە دەسلەپكى يىللىرىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر بولۇپ، بارلىق تارىخشۇناسلىق ساھەسى بىردەك ئېتىراب قىلغان ئەينى دەۋر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە 1-قول مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ دەسلەپ قۇرۇلغان ئېنىق ۋاقتى توغرىسىدا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ«تارىخىي رەشىدىي» گە مۇراجىئەت قىلغىنىمىزدا،بۇ ئەسەرنىڭ بىرىنچى كىتابىدا بۇ ھەقتە: «تارىخنىڭ 920-يىلى باش باھار مەۋسۇمى ئىدى، بارلىق ئۆزبېك پادىشاھلىرى سان-ساناقسىز لەشكەر ۋە سىپاھلار بىلەن ئەندىجان ئۈستىگە يۈرۈش قىلىپ كەلدى. (سەئىد)خان ئۇرۇش قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي ئۆزبېك لەشكەرلىرى فەرغانە ۋىلايىتىگە يېتىپ كەلمەستە موغۇلىستان ( ھازىرقى شىنجاڭ ) تەرەپكە يۈرۈش قىلدى. يەتتەكەندكە كەلگەندە ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ مىرزا ئابابەكر (ئەينى چاغدىكى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانى) نىڭ ئىنىسى تاغام سەييىدمۇھەممەد مىرزىنى كاشغەرگە ئالدىن ئەۋەتتى. خانمۇ توختاۋسىز يېتىشىپ كېلىپ كاشغەردە ئۇرۇش قىلىپ، كاشغەر لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، كاشغەر لەشكەرلىرى شەھەرگە بېكىنىۋالدى. خان ياڭىھىسارغا چىقىپ ياڭىھىسار قەلئەسىنى ئۈچ ئاي قورشاپ ياتتى، ئاخىر ياڭىھىسار ئەھلى تاغام سەييىدمۇھەممەد مىرزىغا ئىلتىجا قىلىپ قەلئەنى ئېچىپ بەردى. بۇ خەۋەر كاشغەرگە يەتتى، كاشغەردىكى لەشكەرلەرمۇ شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتتى. قاچقان لەشكەرلەر ياركەندكە ـــ مىرزا ئابابەكرنىڭ قېشىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى. مىرزا ئابابەكرمۇ قېچىشنى ئىختىيار قىلىپ خوتەنگە كەتتى، خانمۇ توختاۋسىز قوغلاپ مىرزا ئابابەكرنىڭ كەينىدىن لەشكەر ئەۋەتتى، ئۇلار تاكى تىبەت تېغىغىچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ باردى. خان كاشغەر (يەركەن سەئىدىيە) تەختىگاھىدا ئولتۇرغان ۋاقىت تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەجەپ ئېيى ئىدى.»(8) دېگەن ئۇچۇرغا ئېگە بولىمىز.
     ئىككىنچى كىتابىدا بولسا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ: «(سەئىد)خان تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا (مىلادى 1514-يىلى 4-،5-ئايلاردا) سۆيۈنچەكخان تېخى فەرغانە ۋىلايىتى چېگرىسىغا يېتىپ كەلمەستە، ئەندىجاندىن چىقىپ موغۇلىستان يولى بىلەن كاشغەرگە قاراپ يۈرۈش قىلدى.»(9) دەپ ئۇچۇر بەرگەن. ئاندىن يۇقىرىدا دېگەندەك، «كاشغەردە ئۇرۇش قىلىپ، كاشغەر لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلدى، كاشغەر لەشكەرلىرى شەھەرگە بېكىنىۋالدى.  خان ياڭىھىسارغا چىقىپ ياڭىھىسار قەلئەسىنى ئۈچ ئاي قورشاپ ياتتى.». ئاندىن كېيىن، «تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 1-كۈنى (مىلادى 1514- يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى) ئىدى. ياڭىھىسار ئەتراپى مۇلجار (ھەربى نىشان) قىلىپ تەقسىم قىلىندى.»(10) ھەمدە شۇ كۈندىن باشلاپ «بەش كېچە-كۈندۈز تىرىشچانلىق كۆرسىتىلدى. ھەر قايسى ئەمىرلەر ئۆز مۇلجارلىرىنىڭ لەخمىسى ئۈچۈن پۈتكۈل ۋۇجۇدى، بار كۈچى بىلەن كىرىشىپ، بارلىق سايە-سەۋەبلەرنى كۆرسىتىشتى.»(11) «ئالتىنچى كۈنى (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 6-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى) پەلەك پادىشاھى غالىبىيەت ۋە بەختىيارلىقنىڭ ئالتۇن بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئالەمنى يورۇق-روشەن قىلدى.»(12) يەنى، ياڭىھىسار قەلئەسى سۈلھى يولى بىلەن سەئىدخان تەرىپىدىن ئشغال قىلىندى.  ياڭىھىسار قەلئەسى ئشغال قىلىنغاننىڭ «ئۈچىنچى كۈنى (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 9-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى) خەۋەرچى يېتىپ كەلدى-دە : ‹كاشغەر ئەھلى شەھەرنى تاشلاپ ھەممىسى تەرەپ-تەرەپكە قېچىپ كەتتى، شەھەر خالى قالدى› دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى.»(13) دېمەك، ئەينى ۋاقىتتىكى خەۋەر-ئالاقە سۈرئىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سەئىدخان يېڭىسار قەلئەسىنى ئشغال قىلىپ بىر كۈندىن كېيىن (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 7-كۈنى، مىلادى 1514- يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى) بۇ خەۋەر كاشغەر شەھىرىگە يېتىپ بارغان. ئەتىسى (ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 8-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى) « كاشغەر ئەھلى شەھەرنى تاشلاپ ھەممىسى تەرەپ- تەرەپكە قېچىپ كەتكەن، شەھەر خالى قالغان». ئاندىن بۇ خەۋەر ئۇنىڭ ئەتىسى (ياڭىھىسار قەلئەسى ئشغال قىلىنغاننىڭ «ئۈچىنچى كۈنى»، يەنى ھىجرىيە 920- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 9-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى) يېڭىساردىكى سەئىدخاننىڭ ھوزۇرىغا يەتكەن.
     ئەمدى، سەئىدخان ۋە مىرزا ئابابەكرنىڭ ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش- پائالىيەتلىرىنىڭ ئېنىق ۋاقتىنى ھىسابلاپ كۆرگىنىمىزدە : يېڭىسار قەلئەسىنى قورشاپ ئۇرۇش قىلىۋاتقان سەئىدخانغا قارشى لەشكەر توپلىغان «مىرزا ئابابەكر ياركەندتىن ئىككى فەرسەڭ يىراقتىكى يەرگە كېلىپ چۈشكەندىن كېيىن لەشكەرلىرىنى بىر ياسال قىلدۇرۇپ كۆرمەكچى بولدى... شۇ ئەسنادا (سەئىد) خاننىڭ ياڭىھىسارنى ئىشغال قىلغانلىق خەۋىرى ئاڭلاندى. كاشغەر خەلقى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇلارمۇ كاشغەر قەلئەسىنى تاشلاپ كېتىپ قالغانىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مىرزا ئابابەكرنىڭ ئۆرە تۇرغۇدەك ماجالى قالمىدى.»(14) بۇ يەردىكى مىرزا ئابابەكرنىڭ يېڭىىسار قەلئەسى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن كاشغەر قەلئەسىنىڭ قولدىن كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىنى، مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگاننىڭ «كاشغەر ۋىلايىتىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان ياركەند كاشغەردىن تۆت كۈنلۈك يىراقتا»(15) دېگەن ئۇچۇرى بىلەن، يۇقىرىدىكى يېڭىسار بىلەن كاشغەر ئوتتۇرىسىدىكى خەۋەر-ئالاقە سۈرئىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغىنىمىزدا، يېڭىسار قەلئەسىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتى، ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 9-كۈنى، مىلادى 1514- يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ. كاشغەر قەلئەسىنىڭ قولدىن كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتى بولسا، ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 12-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ. ئاندىن كېيىنكى ئىشلارنى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مۇنداق خەۋەر قىلىدۇ: «مىرزا ئابابەكر ئىشنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ۋە قېچىش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى كۆردى. شۇ ھامان خەزىنىگە كىردى-دە، ئېسىل توقۇلما، نەپىس ماتا، گۆھەر-ياقۇت، پروزا قاتارلىق جاۋاھىرات، ئالتۇن-كۈمۈش، ھەر خىل نەق پۇل ۋە باشقا بايلىقلارنى ئېلىپ مەملىكەتتىن ئىبارەت بۇ كېلىنچەكنى ئۈچ تالاق قىلدى. ياركەند ۋىلايىتىنى چوڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا تاپشۇرۇپ ئۆزى بەدەر كەتتى.» (16). ئەمەلىيەتتە، مىرزا ئابابەكرنىڭ يېڭىسار ۋە كاشغەر قەلئەلىرىنىڭ قولدىن كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ياركەندتىن ئىككى فەرسەڭ يىراقلىقتىدىكى جايدا ئىكەنلىكىنى ئۇنتىمىغان بولساق، شۇنداقلا ئۇنىڭ قاچقان ۋاقتىدا مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ خەۋەردار قىلىشىچە «توققۇز يۈز قېچىر ياكى توققۇز يۈز قاتار قېچىر» (17) لىق مال-دۇنيانى ئېلىپ ماڭغانلىقىدەك ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا، مىرزا ئابابەكرنىڭ ياركەندتىن ئىككى فەرسەڭ يىراقلىقتىدىكى جايدىن قايتىپ كېلىپ،« توققۇز يۈز قېچىر ياكى توققۇز يۈز قاتار قېچىر» تەييالاپ، ئۇ قېچىرلارغا خەزىنىدىكى مال-دۇنيالارنى ئارتىپ، ئاش- ئۇزۇق، يەم-خەشەك، قورال-جابدۇك راسلاپ، بىللە قاچىدىغان ھەمراھلىرىنى تەيىنلەپ ياركەندتىن قوزغىلىشىغا، شۇ ۋاقىتنىڭ ئىش ئۈنىمى ۋە خەۋەر-ئالاقە سۈرئىتى بويىچە ئېلىپ ئېىتقاندا، ئەڭ تېز بولغاندا ئىككى كۈن كېتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇ بويىچە ھىسابلىغاندا، مىرزا ئابابەكرنىڭ ياركەند ۋىلايىتىنى چوڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا تاپشۇرۇپ ياركەندتىن قاچقان ۋاقتى، ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ14-كۈنى، مىلادى1514-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ.
     ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋاقىتنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ئېنىقلىغىنىمىزدا، مىرزا ئابابەكرنىڭ ياركەند ۋىلايىتىنى چوڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا تاپشۇرۇپ ياركەندتىن قاچقاندىن كېيىن، «جاھانگىر مىرزا تەخىتنى بەش كۈنگىچە ساقلاپ تۇردى. ئاتىسىنىڭ خېلى يىراققا ئۇزاپ كەتكەنلىك خەۋىرى ۋە (سەئىد)خان لەشكەرلىرىنىڭ يېقىنلاشقانلىق داغدۇغىسى ئاڭلاندى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ خەزىنىدىن قۇدرىتىنىڭ يېتىشىچە مال-ئەشيالارنى ئالدى-دە، كېتىشنى خالىغان كىشىلەر بىلەن بىللە قاچتى. »(18) بۇ ۋاقىت ھىجرىيە 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 19-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بولىدۇ. «جاھانگىر مىرزا كېتىپ تۆت كۈندىن كېيىن خاجە ئەلى باھادىر ئۈچ يۈز كىشى بىلەن ياركەندكە يېتىپ كەلدى.»(19) بۇ ۋاقىت ھىجرىيە 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 23-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى بولۇپ چىقىدۇ.
      ئەمدى، ئاخىرقى ۋاقىت ئېنىقلىمىسى، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ياركەندكە يېتىپ كەلگەن ۋاقتى ۋە خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ «يەركەن سەئىدىيە خانلىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئېنىق ۋاقتى توغرىسىدا بولۇپ، بۇ ھەقتە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان مۇنداق ئىككى خىل ئۇچۇر بېرىدۇ. بىرى، ئەسەرنىڭ قىرىق يەتتىنچى بابىدا : « خاجە ئەلى باھادىر (ياركەندكە) كېلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن (سەئىد)خان يېتىپ كەلدى.» (20) دەپ. يەنە بىرى، ئەسەرنىڭ قىرىق سەككىزىنچى بابىدا : «(سەئىد)خان خاجە ئەلى باھادىردىن يەتتە كۈن كېيىن (ياركەندكە) يېتىپ كەلدى ۋە ئومۇم خالايىققا (مىرزا ئابابەكردىن قالغان مال- دۇنيانى) تالان-تاراج قىلىشقا ئىجازەت بەردى.»(21) دەپ. بىز بۇ ئىككى خىل ئۇچۇردىن كېيىنكىسىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمىز. چۇنكى، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ بەرگەن ئۇچۇرىدا : «ئۇلار (سەئىدخان باشچىلىقىدىكى ئاساسىي قوشۇن يېڭىساردىن ئاتلىنىپ) قىزىلغا يېتىپ كەلگەنىدى ‹جاھانگىر مىرزا ياركەندنى تاشلاپ كەتتى،  خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىردى› دېگەن خەۋەر كەلدى» (22) دېيىلىدۇ. دېمەك، سەئىدخان يېڭىسارنىڭ قىزىل دېگەن يېرىدە (شۇ ۋاقىتنىڭ قاتناش-ئالاقە سۈرئىتى بويىچە بولغاندا، ياركەنددىن ئىككى يېرىم ياكى ئۈچ كۈنلۈك مۇساپە يىراقلىقتىكى جايدا) خاجە ئەلى باھادىرنىڭ ياركەندكە كىرگەنلىكى ھەققىدە، خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىرىپ ئىككى يېرىم ياكى ئۈچ كۈندىن كېيىن خەۋەر تاپىدۇ. ھەمدە، ئالدىدىكى ئىككى يېرىم ياكى ئۈچ كۈنلۈك مۇساپنى بېسىپ (خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىرىپ بەشىنچى ياكى ئالتىنچى كۈنى ) ياركەند ئەتراپىغا يېتىپ كېلىپ، بىللە كەلگەن دوغلات،بارلاس، جۇراس قاتارلىق توققۇز قەبىلىنىڭ ئەمىرلىرى بىلەن كونا ئەنئەنە بويىچە قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ. قۇرۇلتايدا سەئىدخان خان قىلىپ تىكلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان سەئىد «خان شەھەرگە كىرىشتىن ئىلگىرى مىر دائىمئەلىنى ۋە بەگمۇھەممەدنى خوتەننىڭ ھۆكۈمىتىگە مەسئۇل قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ھاجى مىرزا، سۇلتانئەلى مىرزا . . .قاتارلىق يەتتە سەردارنى مىرزا ئابابەكرنى قوغلاپ تۇتۇشقا ئەۋەتىدۇ... خان بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن (خاجە ئەلى باھادىر ياركەندكە كىرگەن ھىجرىيە920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 23-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن ‹يەتتە كۈن كېيىن›، ھىجرىيە 920- يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ 30-كۈنى، مىلادى1514-يىلى 9-ئاينىڭ 21- كۈنى) سائادەت ۋە غالىبىيەت بىلەن ياركەند شەھىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئەرككە چىقىدۇ.» (23) بۇ مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «تارىخنىڭ (ھىجرىيە) 920-يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئاخىرى خان ياركەندكە قەدەم تەشرىپ قىلىپ خانلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، سۇدەك سۈزۈك تىغلىرىنىڭ سۈيى بىلەن زۇلۇم ئوتىنى ئۆچۈردى. »(24) دېگەن ئۇچۇرى بىلەن بىردەك بولۇپ چىقىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگاننىڭ «(سەئىد) خان خاجە ئەلى باھادىردىن يەتتە كۈن كېيىن (ياركەندكە) يېتىپ كەلدى ۋە ئومۇم خالايىققا (مىرزا ئابابەكردىن قالغان مال- دۇنيانى) تالان-تاراج قىلىشقا ئىجازەت بەردى.» دېگەن ئۇچۇرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلغىنىمىزدا: بۇ كۈن، سۇلتان سەئىدخاننىڭ «يەكەن سەئىدىيە خانلىقى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكالىغان، شۇنداقلا بۇ خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى قېتىم تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئومۇمىي خالايىققا تۇنجى پەرمان چۈشۈرگەن كۈنىدۇر.
      يۇقارقى بىر قاتار ئېنىقلىمىلارنى يىغىپ خۇلاسىلىگەندە، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن مۇڭغۇللاردىن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ 8-ئەۋلاد نەۋرىسى سەئىدخان تەرىپىدىن قۇرۇلۇپ، يەكەننى پايتەخت قىلىپ دەۋران سۈرگەن يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىدىكى مەشھۇر يەرلىك ھاكىمىيەت ـــ يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئېنىق قۇرۇلغان ۋاقتى، ھىجرىيە 920-يىلى (توڭغۇز يىلى) رەجەپ ئېيى (7-ئاي) نىڭ 30-كۈنى، مىلادى 1514-يىلى سىنتەبىر (9-ئاي) نىڭ 21- كۈنى بولۇپ، بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات ۋە تەرغىبات ئىشلىرىدا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ يىل، ئاي، كۈنلەرنى ئاساس قىلىپ، بىرلىككە كەلتۈرۈپ قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ـــــــــــــــــــــــــــــ
ئىزاھلار:
(1) «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى، 1988-يىلى 12-سان، 56-بەت. ئىبراھىم نىياز : «تارىختىن قىسقىچە بايانلار»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 1988-يىلى نەشرى، 271-بەت.
(2) ۋېي لياڭتاۋ : «يەكەن خانلىقىنىڭ تارىخىدىن ئومۇمىي بايان»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى نەشرى، 79-بەت.
  (3) ھاجى نۇر ھاجى  چېن گوگۇاڭ : «شىنجاڭ ئىسلام تارىخى »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 213-بەت.
(4) ھاجى نۇر ھاجى: «يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1993-يىلى نەشرى، 109-بەت.
(5) ئەنۋەر بايتۇر خەيرىسا سىدىق: «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1991-يىلى نەشرى، 940-بەت.
(6) لى جىنشىن: «شىنجاڭدا ئۆتكەن ئىسلام خانلىقلىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2003-يىلى نەشرى، 340-بەت.
(7) ۋېي لياڭتاۋ  ليۇ جېڭيىن: « خوجىلار جەمەتى ھەققىدە »، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1995-يىلى نەشرى، 178-بەت.
(8) مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان: « تارىخي رەشىدىي» (1)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى، 285-بەت.
(9) مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان: « تارىخي رەشىدىي» (2)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىلى نەشرى، 615-بەت.
(10) يۇقارقى كىتاب ، 671-بەت.
(11) يۇقارقى كىتاب ، 672-بەت.
(12) يۇقارقى كىتاب ، 677-بەت.
(13) يۇقارقى كىتاب ، 693-بەت.
(14) (16) يۇقارقى كىتاب ، 687-بەت.
(15) يۇقارقى كىتاب ، 555-بەت.
(17) يۇقارقى كىتاب ، 698-بەت.
(18) (19) (20) يۇقارقى كىتاب ، 688-بەت.
(21) يۇقارقى كىتاب ، 696-بەت.
(22) (24) يۇقارقى كىتاب ، 694-بەت.
(23) يۇقارقى كىتاب ، 695-بەت.

بۇ ماقالە «يەكەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ