گىتلېر ئۆلۈمىنىڭ مەخپىيەتلىكى
گىتلېر ئۆلۈمىنىڭ مەخپىيەتلىكى
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ تا ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ بىر مەخپىيەتلىكنىڭ سىرى تېخى ئىچىلمىدى. ئۇ بولسىمۇ گىتلېرنىڭ ئۆلىمى. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ياۋۇز ئۇرۇش خۇمار شۇنداقلا نەچچە مىليونلىغان ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىغان نۇرغۇن جەڭلەرنىڭ باش قوماندانى. مانا مۇشۇنداق بىر ئادەم ئۇرۇش ئاياقلىشىش ئالدىدا تۇيۇقسىز غايىپ بولدى. گىتلېر ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالدىمۇ ياكى قېچىپ كەتتىمۇ؟ غەربنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى راست يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئارىسىغا زادى قانداق مەخپىيەتلىك يوشۇرۇنغان؟ زادى كىم دۇنيانى ئالداۋاتىدۇ؟
1945-يىلى4-ئاينىڭ30-كۈنى فاشسىتلار كاتتىبېشى گىتلېر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بېرلىنغا ھۇجۇم قىلغان چاغدا گىتلېر ئۆزىنىڭ جىنايەتكە تولغان ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇردى دېگەن خەۋەر تارقالغان. ئەينى ۋاقىتتا باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى گۈللۈكتىن چىرايى پۈتۈنلەي بۇزىۋېتىلگەن كۆيۈپ كەتكەن ئىككى جەسەت تېپىلغان بولۇپ، قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ تەكشۈرىشى ئارقىلىق بۇ ئىككى جەسەت گىتلېر ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئېۋا بولۇپ چىققان. بىراق گىتلېردەك بىر فاشسىتنىڭ ئۆلىمى كىشىلەرگە قىلچىمۇ راستتەك تۇيۇلمىغان. بەزى كىشىلەر گېتلىرنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بېرلىنغا ھۇجۇم قىلىشتىن بۇرۇنلا ئېۋانى ئېلىپ بېرلىندىن ئايرىلغان دەپ قارىغان، يەنە بەزى كىشىلەر تېپىلغان جەسەت گىتلېرنىڭ ئۆزى بولماستىن بەلكى گىتلېرنىڭ ئورنىدا ئۆلگەن بىر يەمچۈك دەپ قارىغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ گىتلېرنىڭ ئۆلىمى يەنىلا بىر سىر بولۇپ قالغان.
1945-يىلى4-ئاينىڭ 12-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى بېرلىنغا ھۇجۇم قىلدى. 5-ئاينىڭ2-كۈنى گىتلېر قوماندانلىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھەربىي قىسىم تەسلىم بولدى. گەرچە بۇ ۋاقىتتا بېرلىن پۈتۈنلەي ئىشخال قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق ئەڭ چوڭ جىنايەتچى تېخى ئىز دېرەكسىز ئىدى. ئۇنداقتا گىتلېر نەگە كەتتى؟
ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە رادىيو ئىستانسىسى «گىتلېر بېرلىن جېڭىدا ئۆلدى» دەپ خەۋەر تارقاتتى. ئۇنداقتا گىتلېر راستىنلا ئۆلدىمۇ؟ بىراق شۇ ۋاقىتتا بۇ خەۋەرگە قارشى خەۋەرلەرمۇ چىققىلى تۇردى. بىرقىسىم غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرى گىتلېرنىڭ بېرلىندا ئەمەسلىكىنى، گىتلېرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدى. گېرمانىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ گىتلېر ئۆلدى دەپ خەۋەر تارقىتىشى ئەسلىدە گىتلېرنىڭ قېچىپ كېتىشى ئۈچۈن ئېچىلغان بىر يول ئىدى. بېرلىن جېڭى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى گىتلېرنىڭ باش شىتابىنى پۈتۈنلەي قامال قىلدى. بۇ ۋاقىتتا ئەسكەرلەر باش ئىشىتاب گۈللىكىدىن كۆيدىرىۋېتىلگەن ئىككى جەسەتنى بايقىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىرسى گىتلېرنىڭ رولىنى ئالغان جەسەت ئىدى. بىر ئايدىن كېيىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن گېنرال ژوكوۋ گىتلېرنىڭ تېخى ئىز دېرىكى بولمىغانلىقىنى، گىتلېرنىڭ شەخسى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ قېچىپ كەتكەنلىك ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېلان قىلدى. ژوكوۋ يەنە گىتلېر قېچىپ كېتىش ئالدىدا ئاشنىسى ئېۋا برون بىلەن توي قىلغان دېگەن ھەيران قالارلىق خەۋەرنىمۇ ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەر كىشىلەرنى گىتلېرنىڭ ئۆلمىگەنلىكىگە تېخىمۇ ئىشەندۈردى. چۈنكى گىتلېر ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ بارلىق ھاياتىنى گېرمانىيە ھۆكۈمىتىگە ئاتىۋەتكەنلىكىنى پاش قىلىپلا تۇراتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ناتسېستلار كاتتا بېشىنىڭ توي قىلغانلىق خەۋىرى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ قوزغىدى.
ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەر گىتلېرنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى بەكرەك ئاڭلاشنى خالايتتى، بىراق ئەمەلىيەتتىكى بەزى ئىسپاتلار گىتلېرنىڭ ھايات ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى. بۇ يەنە خەلقتە گىتلېر يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇرۇش قوزغاپ قالارمۇ دىگەن ئەندىشىنىمۇ پەيدا قىلغانىدى. شۇ سەۋەبلىك ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر چوڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق ئىزدەپ تۇتۇش ئېلىپ بارغانىدى.
بېرلىن تەسلىم بولۇشتىن 12 كۈن بۇرۇن گىتلېر بېرلىندىكى ئىمپىرىيە باش مىنىستىر مەھكىمىسىنىڭ يەر ئاستىدىكى مەخپىي ئۆيدە ئۆزىنىڭ 56 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى. گىتلېر ئۈچۈن قېچىپ كېتىش ئىتايىن ئوڭاي ئىدى. چۈنكى گىتلېر ئەينى ۋاقىتتا ئايروپىلان، تانكا، ھەتتا uتىپلىق سۇ ئاستى كېمىسىگىمۇ ئىگە ئىدى. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى ئاندىن بېرلىندىن جەنۇب ۋە غەربكە قاتنايدىغان قاتناش يولىنى،27-كۈنى ئايرودۇرۇمنى ئىشغال قىلغانىدى. بۇ گىتلېر ئۆزىنى كۆرسەتمەي بىر ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن بولۇنغان ئىشلار ئىدى. دېمەك، گىتلېرنىڭ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە قېچىشقا تامامەن ۋاقىت يىتەتتى. گىتلېر ئىلگىرى بېرلىندىكى مەلۇم بىر يولنى مەخسۇس ئايروپىلان لىنىيەسى قىلىپ بېكىتكەن بولۇپ، بېرلىن ئىشغال قىلىنىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى ئىككى كىشىلىك ئايروپىلاننىڭ بېرلىن بوشلىقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئايروپىلان ئىچىدىكىسى دەل گىتلېر بىلەن ئايالى ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا سېسىق نامى پۇر كەتكەن گىتلېر قېچىپ كەتكەن تەغدىردىمۇ پاناھلانغۇدەك جاي تېپىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ئىدى. بىراق مۇنداق بىر نۇقتىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولاتتى. ئۇ بولسىمۇ گىتلېرنىڭ شەرق تەرەپكە قېچىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى شەرقىي ياۋروپادىكى ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېرقىي كەمسىتىش ۋە باشقا ئېرىقتىكىلەرنى يوقۇتۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان، گېرمانىيە ئارمىيەسى رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا 25 مىليوندىن كۆپرەك ئاددى پۇقرالارنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن گىتلېرنىڭ شەرق تەرەپكە قېچىشى ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەندەكلا ئىش ئىدى. قېچىشقا توغرا كەلسە پەقەت غەربىي قىسىملا ئەڭ مۇۋاپىق ھېسابلىناتتى.گىتلېرنىڭ قېچىپ كەتكەنلىك خەۋىرىگە ئەگىشىپ غەربىي قىسىمدىكى دۆلەتلەردىن گىتلېرنى كۆرگەنلىك خەۋىرى تەرەپ تەرەپتىن كېلىشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا يەنە گىتلېرنىڭ نورۋىگىيەگە قاچقانلىق خەۋىرىمۇ پەيدا بولدى.
گىتلېرنىڭ قېچىپ كېتىش پۇرسىتى بار، قېچىپ كېتىش قۇرالىمۇ بار. لېكىن ئۇنىڭ قېچىپ كېتىش ئويى بارمۇ؟ گىتلېر ئۆزىنىڭ 56 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ۋاقىتتا قول ئاستىدىكىلەر ئۇنىڭغا قېچىپ كېتىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلغان. بىراق گىتلېر ئەسلا قېچىپ كېتىش نىيتىدە بولۇپ باقمىغان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى گىتلېرنىڭ سالامەتلىكى ئىنتايىن ناچار بولۇپ كۆپ ئىشلارنى ئۆزى بىۋاستە قىلالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغان. سالامەتلىكى ياخشى بولغان تەغدىردىمۇ گىتلېرنىڭ قېچىپ كېتىشى ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەندەكلا ئىش ئىدى. سىتالىنغا ئوخشاش چوڭ دۈشمەنلەر گىتلېردىن قان قەرزىنى ئېلىشقا ئارانلا تۇراتتى. شۇڭا گىتلېر ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنى توغرا تاپتى. سىتالىن ئەۋەتكەن مەخپىيەتلىك ساقلاش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان جاسوسلۇق ئورگىنىدىكى ئادەملەر گىتلېرنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىش ئۈچۈن گىتلېرنىڭ زۇڭلى مەھكىمىسىگە بارغاندا گۈللۈكتىن كۆيدۈرىۋېتىلگەن ئىككى جەسەتنى بايقىغان. دەسلەپكى پەرەزدە بۇ ئىككى جەسەتنىڭ بىرسى گىتلېر يەنە بىرسىنى ئۇنىڭ ئايالى دەپ بېكىتكەن. بۇ پەرەزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن جاسوسلۇق ئورگىنىدىكىلەر گىتلېرنىڭ چىش دوختۇرىنى ئىزدەپ تېپىپ جەسەتنىڭ چىشى بىلەن گىتلېرنىڭ چىشىنىڭ رەسىمىنى سېلىشتۇرغان. نەتىجىدە بۇ جەسەت گىتلېرنىڭ رولىغا چىققان يالغان گىتلېر بولماستىن بەلكى نەق گىتلېرنىڭ ئۆزى بولۇپ چىققان. بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەچچى ئون يىلدىن بۇيان يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان گىتلېر ئۆلىمىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىك ئىچىدىكى بىرسىلا خالاس. ئەمەلىيەتتە باشقا ئىسپاتلارمۇ گىتلېرنىڭ ئۆلۈمىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 1946-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتىتى گىتلېرنىڭ قەبرىسىنى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق گىتلېرنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكى پۈتۈنلەي ئېنىقلانغان. گىتلېرنىڭ باش سۆڭىكىدە بارماقچىلىك چوڭلىقتىكى تۆشۈكتىن بىرسى بار بولۇپ، بۇ گىتلېرنىڭ ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلىۋالغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. ئەينى ۋاقىتتا گىتلېر كاتىپىغا بارلىق ماتېرىياللارنى كۆيدۈرىۋېتىشنى بۇيرۇغان. ئەسكەرلىرىگە ئۆزى ئۆلىۋالغاندىن كېيىن جەسىتىنى كۆيدىرىۋېتىشنى تاپىلىغان. شۇنىڭ بىلەن گىتلېر ئايالىغا كالىي سىيانىد ئىچكۈزۈپ، ئۆزى بولسا تاپانچا بىلەن گۇناھقا پاتقان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
گىتلېرنىڭ جەسىتى ئالدى كەينى بولۇپ جەمئىيتى 8 قېتىم كۆمۈلگەن. 1970-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتىتى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى مۇھاسىرە قىلىشتىن چېكىنگەن ماگدىبورگدىن ھەربىي لاگىرىدىن گىتلېرنىڭ جەسىتىنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كولاپ چىققان ھەم جەسەتنى كۆيدۈرۈپ كۈلىنى يەر ئاستى سۇ يولىغا تۆكۈۋەتكەن.
گىتلېر ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىدا ئاغزاكى ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، دۇنيادىكى بارلىق ئەسكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدىلار قىلغان دىگەن چەك باسماس نەزەرىيەسىنى يەنەبىر قېتىم توۋلىغان.
ئۇرۇش ھامان تېنىچلىققا بويسۇنىدۇ. دۇنيا تىنچلىققا مۇھتاج. گىتلېرغا ئوخشاش فاشىست ھۆكۈمرانلار مەڭگۈ تەخىتتە ئولتۇرىۋەرمەيدۇ، ھەقىقەت سوتى ھامان ئۇلارنىمۇ جازاغا تارتىدۇ.
(تەھرىر : سەپەر)
«گىتلېر ئۆلۈمىنىڭ مەخپىيەتلىكى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- گىتلېر ئۆلۈمىنىڭ مەخپىيەتلىكى
- يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاق
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر قوماند
- سۇلتان ئۇۋەيىسخان توغرىسىدا
- يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىس
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىن
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغ
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
- ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھا
- خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئېلان قىلىنىپ،كې
- گېتلىرغا بولغان يەنە بىر خىل چۈشەنچە
- سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ چۆچەكتىكى چاغلىرى
- ئوتتۇرا ئەسىردىكى مەشھۇر ئالىم مەھمۇد ك
- دوكتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئەڭ يېڭى دۇني
- ئۇستاز تەرجىمان توختى باقى ئارتىشى ئالە
- تۆمۈر خەلىپە ۋە ئۇنىڭ نەسەبلىرى
- گىتلېر ئۆلۈمىنىڭ مەخپىيەتلىكى
- يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى توغ
- موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ئۇيغۇر قوماندانلا
- سۇلتان ئۇۋەيىسخان توغرىسىدا
- يېتىك ئالىمە ئاماننىساخان مەھمۇد نەفىسىي ھەق
- ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر - ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
- زېمىن تۇغقان ئەزىزلەر _ سەيپىدىن ئەزىزى
- ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور رىشات ئابباس بورھان
- خەلقارا «تېرورىست»دەپ ئېلان قىلىنىپ،كېيىن د
- مەمتىمىن ھۇشۇر
- مەشھۇر كىشىلىرىمىزنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
- مېنىڭ ئىنىم دوكتۇر ئابدۇرېھىم تۇرسۇن - نەب
- ئىپارخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
- ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى
- مايۈننىڭ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىش جەريانى: ئالاق
- ھېسام قۇربان ئالەمدىن ئۆتتى
- ئۇيغۇر زەررىچە فىزىكىسى ئالىمى –مەدىنە ئابل
- مايۈن - %95 دوكتۇرنى ئىشتىن بوشاتقان دىرېكتور
- مايۈن قانداق ئىگىلىك تىكلىگەن