ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئوقۇتۇش تەتقىقاتى > ماتېماتىكا ئوقۇش تەتقىقاتى > تولۇق مەزمۇنى

ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا مائارىپى ت

ۋاقىت : 2012-03-12 20:09 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : 635241 | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم
ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا مائارىپى توغرىسدا ئويلىغانلىرىم
 
 
 
 
 
 
 
      ئۇچقاندەك يۈكسىلۋاتقان جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، مائارىپمۇ ئۆزلۈكسىز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار يىڭىچە ئوقۇتۇش ئەندىزلىرى ئارقىلىق، ساپا مائارىپىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيلەش يولىدا ئۆزىنىڭ ئەجىر- مېھنىتىنى سىڭدۈرۋاتىدۇ.  يىڭى دەرىسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپى بويىچە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بىلىملىرىنى پۇختىلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن سەبىيلەرنىڭ چاڭقىغان يۈرەكلىرىگە ئىلىم- مەرىپەت سۇلىرىنى باشلاۋاتىدۇ. ھازىر مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قۇيۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى خىزمەتلەرنىڭ ئاساسى قىلىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  مەسئوليەتچانلىق  ئىڭى كۈندىن- كۈنگە  ئۆسۈپ  بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىدە مۇزىكىنىڭ رولى قانچىلىك؟ مۇزىكا مائارىپىنى قانداق يولغا قۇيۇش كېرەك؟  مەن بۇ يەردە ئەڭ ئاساسلىقى يۇقارقى مەسىللەر ئۈستىدە ھەر قايسى كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
   مۇزىكا مائارىپنىڭ ماھىيتى _ ئېستېتىكا تەربىيىسى بېرىش. ئېستېتىكىنى يادرو قىلىشتىن ئايرىلغان مۇزىكا _ مەنبەسىز سۇغا ئايلىنىپ قالىدۇ. مۇزىكا دەرسىنىڭ تەربىيۋى ئەھمىيتى زور بۇلۇپ، مۇزىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام مۇزىكا ئېستېتىكا كۆز- قارىشى، ئېسىل ئەخلاقى- پەزىلەت، مەلۇم مۇزىكا ئېستېتىكا ئىقتىدارىنى ھاسىل قىلغىلى بۇلىدۇ. مۇزىكا دەرسى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا مۇزىكا بىلەن ئادەم، مۇزىكا بىلەن جەمئىيەت، مۇزىكا بىلەن مىللەت، مۇزىكا بىلەن تەبىئەت قاتارلىقلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەقىيقى تۇنۇتىلدۇ. شۇڭا ھەر قايسى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر مۇزىكىنى ئۆتسىمۇ بۇلىدىغان، ئۆتمىسىمۇ بۇلىدىغان پەن قاتارىغا چىقىرۋەتمەسلىكى، چۇقۇم ئوقۇتۇش پىروگگىراممىسىنىڭ تەلىپى بۇيىچە مەجبورىي مائارىپ سىنىپلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇزىكا دەرسىنى تەسىس قىلىشى كېرەك. چۈنكى مۇزىكا دەرسى باشقا « ئاساسى پەن» دەپ قارىلدىغان پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. يەنە كىلىپ بىز ھەممە ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى« ئىچكىردىكى تۇلۇق سىنىپلىرى» ۋە « ئىچكىردىكى تۇلۇقسىز سىنىپلىرى» غا ماڭغۇزىمىز دەپ كىسىپ ئېيتالمايمىز. شۇنداقلا ھەممە ئوقۇغۇچىغا بۇنداق پۇرسەت كىلىۋەرمەيدۇ. بىزنىڭ ئىزباسارلىرىمىز ئىچىدىنمۇ داڭلىق مۇزىكانىتلار، داڭلىق ئۇسۇلچىلار چىقىپ باقسۇن. مۇزىكا دەرسى- بۇنداق قابىليىتى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان، كىيىنكى تۇرمۇشى ئۈچۈن بەلگىلىك ئىقتىدار شەكىللەندۈرىشىگە ياردەم بېرىدىغان بىر ياخشى سەھنە.يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مۇزىكا مائارىپىنى پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا  يولغا قۇيۇش كېرەك.
       مۇزىكا مائارىپنىڭ نىشانلىرىدىن يەنە بىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتۇر.ھەممىزگە مەلۇم، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا ئىقتىدارىدا تۇغما ئېرسىيەت ئامىلى ۋە كېيىنكى تەربىيە شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئاسمان- زىمىن پەرىقلەر ساقلانغان بۇلىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ مۇزىكىغا قىزىقىشى، مۇزىكىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە مۇزىكىلىق تۇرمۇشقا ئائىت ئۇسۇللىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. مۇزىكىدىكى سۆزسىزلىك، مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە كۆپ خىللىقى، ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئېيىتقاندا مۇزىكىنىڭ مەنىدارلىقى ۋە ئىندىۋىدۇئاللىقىنىڭ قانات يىيىشغا كەڭرى سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ. شۇڭا، بارلىق مۇزىكا ئوقۇتۇش پائاليەتلىرىدە بىردەك بۇلۇشنى زورمۇ- زور تەلەپ قىلماسلىق، ئوقۇغۇچىلاردىكى ئىندىۋىدۇئاللىقنىڭ تۇلۇق، ئەركىن يىتىلىشىگە يول قۇيۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن مۇزىكا ئۆگىنىشىگەيول قۇيۇش، ئوقۇغۇچىلاردا ئىندىۋىدۇئاللاشقان مۇستەقىل كۆز- قاراش بۇلىشىغا يول قۇيۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندا مۇزىكىنى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرگىلى بۇلىدۇ.
          مۇزىكا دەرسى ئەمەليەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئوقۇتۇش پائاليىتى. ئەمەليەتچانلىق- مۇزىكىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىگى. شۇڭا مۇشۇ تەرەپنى چىڭ تۇتقان ئاساستا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇزىكا ئۈگىنىشىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بىيىتىشىمىز شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئىزباسارلاردىن بۇلۇپ چىقىشى ئۈچۈن پەقەت «ئاساسىي پەن» لەرنىلا چىڭ تۇتماستىن، ھەممە پەنگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ئورگىنال دەرسلىرىنى تەييارلىغان چاغدا ھەممە پەندە يىقىملىق مۇزىكىلارنى ئىشلىتىمىز. مەيلى مەكتەپتە ياكى جەميەتتە بولسۇن، مەيلى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا بولسۇن، مۇزىكا _ بىزگە زور روھىي ئوزۇق. بىز مۇزىكىنىڭ ھەر قايسى كەسىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى رولىنى ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىز.
       يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، مۇزىكا- ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان دەرىسلەرنىڭ بىرى. ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورنىغا قويسىڭىز، سىزمۇزىكا دەرسىنى چۇقۇم ئۆتۈش كېرەك دەپ ئويلىغان بۇلاتتىڭىز. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتەك قىزغىنلىقىندىنلا مۇزىكىنىڭ رولىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز. مەسىلەن: تىببىي ساھەدە ئالىملىرىمىز مۇزىكا ئارقىلىق كېسەل داۋالىغىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. يېزا- ئىگىلىك ئالىملىرىمىزمۇ مۇزىكىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مىقدارىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىدى. يۇقارقى ئەمەلىي مىساللاردىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بۇلىدىكى، مۇزىكا- ھەممە ساھەگە بۆسۈپ كىرىپ، ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالاھىدىلىگى بويىچە ئەتراپلىق تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، مۇزىكا مائارىپنىڭ مەكتەپلەر ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز لازىم.

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
635241 تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2012-03-07 22:03 ئاخىرقى كەلگىنى:2012-03-07 22:03
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ